2011-يىلى قايسى نادىر فىلىملەرنىڭ قويۇلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
2010-يىلى ھەش-پەش دېگۈچە ئۆتۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرىدۇ، بۇ بىر يىلدا ھەرقايسى كىنو ھەۋەسكارلىرى بىلەن بىرگە 盗梦空间، 钢铁侠2، 阿凡达 قاتارلىق نۇرغۇن نادىر كىنولارنى كۆردۇق. 2011-يىلىمۇ كۆز ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ، بۇ يېڭى بىر يىلدا بىز كىنوخانىغا بېرىپ كۆرۈپ كەلگۈدەك يەنە قانداق نادىر فىلىملەر باردۇ؟ ئۇنداقتا تۆۋەندە 2011-يىلى قويۇلىدىغان بىر قىسىم فىلىملەرنىڭ قويۇلۇش ۋاقتى ۋە تەشۋىقات فىلىمىنى بىرگە كۆرۈپ باقايلى…
فىلىم لاتىنچە نامى: Season Of The With
خەنچە نامى: 女巫季节
باش ئارتېست: Nicolas Cage
فىلىم تۈرى: فانتازىيە، قورقۇنۇچلۇق
فىلىم قويۇلىدىغان ۋاقىت: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى
فىلىم لاتىنچە نامى: Mehanic
خەنچە نامى: 机械师
باش ئارتېست: Jason Statham
فىلىم تۈرى: ھەرىكەتلىك
قويۇلىدىغان ۋاقىت: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى
فىلىم لاتىنچە نامى: Unknown
خەنچە نامى: 未知
باش ئارتېست: 连姆·尼森
فىلىم تۈرى: ھەرىكەتلىك
قويۇلىدىغان ۋاقىت: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى
فىلىم لاتىنچە نامى: Drive Angry
خەنچە نامى: 愤怒驱使
باش ئارتېست: Nicolas Cage
فىلىم تۈرى: ھەرىكەتلىك
قويۇلىدىغان ۋاقىت: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى(جۇڭگودا چوقۇم قويۇلىدۇ دەپ كېسىپ ئېيتقىلى بولمايدۇ)
فىلىم لاتىنچە نامى: Fast Five
خەنچە نامى: 速度与激情5
باش ئارتېست:
فىلىم تۈرى: ھەرىكەتلىك
قويۇلىدىغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى
فىلىم ئۇيغۇرچە نامى: كارب دېڭىز قاراقچىلىرى4
خەنچە نامى: 加勒比海盗4:惊涛怪浪
باش ئارتېست: Johnny Depp
فىلىم تۈرى: فانتازىيە
قويۇلىدىغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى
فىلىم لاتىنچە نامى: Mission: Impossible: Ghost Protocol
خەنچە نامى: 碟中谍4
باش ئارتېست: Tom Crus
فىلىم تۈرى: فانتازىيە
قويۇلىدىغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تەشۋىقات فىلىم: يوق
فىلىم ئۇيغۇرچە نامى: شېرلوك ھولمېس2
خەنچە نامى: 大侦探福尔摩斯2
باش ئارتېست: 小罗伯特·唐尼
فىلىم تۈرى: ۋەقەلىك
قويۇلىدىغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تەشۋىقات فىلىم: يوق
فىلىم ئۇيغۇرچە نامى: جانباز مۈشۈكئېيىق2
خەنچە نامى: 功夫熊猫2
باش ئارتېست: Jack Ballack
فىلىم تۈرى: كومېدىيە، كارتون
قويۇلىدىغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى
فىلىم لاتىنچە نامى: Final Destination 5
خەنچە نامى: 死神来了5
باش ئارتېست: Miles Fisher
فىلىم تۈرى: فانتازىيە، قورقۇنۇچلۇق
قويۇلىدىغان ۋاقىت: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى
فىلىم لاتىنچە نامى: Transformer 3
خەنچە نامى: 变形金刚3
باش ئارتېست: Shia LaBeouf
فىلىم تۈرى: فانتازىيە، قورقۇنۇچلۇق
قويۇلىدىغان ۋاقىت: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى
فىلىم لاتىنچە نامى: Green Lantern
خەنچە نامى: 绿灯侠
باش ئارتېست: Ryan Reynolds
فىلىم تۈرى: فانتازىيە
قويۇلىدىغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى
فىلىم لاتىنچە نامى: Harry Potter and the Deathly Hallows
خەنچە نامى: 哈利·波特与死亡圣器
باش ئارتېست: 丹尼尔·雷德克里夫
فىلىم تۈرى: فانتازىيە
قويۇلىدىغان ۋاقىت: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى
تەشۋىقات فىلىم: يوق
يۇقارقىلار 2011-يىلى قويۇلىدىغان فىلىملەرنىڭ قىسقىچە ئارخىۋى ۋە تەشۋىقات فىلىملىرى بولۇپ، ماتېرىياللار توردىن ئېلىندى. شۇڭا بەزى ئۇچۇرلاردا خاتالىق ساقلانغان بولۇشى مۇمكىن. يەنە بىر قىسىم فىلىملەرنىڭ قويۇلۇش ۋاقتى دۆلىتىمىز بىلەن ئوخشىمايدىغان ئەھۋالمۇ بار، ھەتتا بىر قىسىم فىلىملەر دۆلىتىمىزدە قويۇلمايدىغان ئەھۋالمۇ بار. بىراق ئادەتتە مۇتلەق كۆپ قىسىم فىلىملەر تەستىقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاساسەن دۆلىتىمىزدىكى چوڭ كىچىك كىنوخانىلاردا بىرلا ۋاقىتتا تەڭ قويۇلىدۇ. تورداشلارنىڭ فىلىم ئۇچۇرلىرىدىن خەۋەر تېپىش بىلەن بىرگە نادىر فىلىملەرنى قولدىن بەرمەسلىكىنى، ياخشى فىلىملەرنى كىنوخانىغا بېرىپ كۆرۈپ ھەقلىق نەشىردىكى فىلىملەرنى قوللاپ قويۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئەلۋەتتە 2012-يىلى قويۇلىدىغان فىلىملەر تېخىمۇ ئېسىل، مەسىلەن ئۆمۈچۈك پالۋان4، 金刚狼2 دېگەندەك، ناۋادا مايالىقلارنىڭ پەرىزى توغرا چىقىپ قېلىپ، 2012-يىلى راستلا زامان ئاخىرى بولۇپ كەتسە، بۇنىڭغا ئامال يوق. بىراق ئامان بولساق، يەنە نادىر فىلىملەرنى كىنوخانىدىن ۋە تورخۇماردىن كۆرۈپ تۇرىمىز تېخى، خە خە خە خە!!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: فىلىم ئۇچۇرى، كىنو، يېڭى فىلىم
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 5,149 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى
- يازما مەنزىلى: http://www.torhumar.com/2011-new-movies.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > تۇرمۇش بىزگە شۇلارنى ئېيتىدۇلەركى…ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماشا!
- كېيىنكى يازما > خاتا كۆرۈپ قالمىغاندىمەن؟! ئەسلىدە موگو(Super Mario)نى مۇنداقمۇ ئوينىغىلى بولىدىكەندە!!!
- زېرىكىشلىك سىتاتسىكا: 复仇者联盟 دىكى ئىنتىقامچىلار بۇزىۋەتكەن نىيۇيورك شەھىرىنى ياساشقا قانچە پۇل كېتەر؟
- QQ影音 – ئاددى ۋە قولايلىق ھەممىباب قويغۇچ(توردىن چۈشۈرگەن كىنولارنى كۆرۈشتىكى تەۋسىيەلىك قويغۇچلارنىڭ بىرى)
- كىشىنىڭ قورققۇسىنى كەلتۈرىدىغان ئاجايىپ كىنو تەشۋىقات رەسىملىرى! ئارىسىدا قايسىلىرىنى كۆرۈپتىكەنسىز؟
- «سىرلىق ئۆمۈچۈك پالۋان The Amazing Spider-Man» فىلىمىنىڭ ئەڭ يېڭى تەشۋىقات فىلىمى ئېلان قىلىندى
- ئۆزگەرلەر3(变形金刚) فىلىمىنىڭ ئىشلىنىش تېخنىكىسى ھەققىدە – CG دىن تۆمۈر مەخلۇقلارغىچە بولغان جەريان
- دەرىجىدىن تاشقىرى قالتىس كۆرۈنمە ئۈنۈمدە ئىشلەنگەن ئاخىرقى زامان تەسۋىرلەنگەن قىسقا 3D فىلىم: خارابە(Ruin)
- كوچىدا يۈز بەرگەن بىر مەيدان «ھەقىقى» كىنو! YouTube دا چېكىلىشى مىليوندىن ئاشقان ئىجادىي سىن
- ئىمكانسىز ۋەزىپە4: ئەرۋاھ ھەرىكىتى(Mission: Impossible – Ghost Protocol) نى توردا كۆرۈش
- كىنونىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى بولسىلا توردا بىۋاستە كىنو كۆرەلەيسىز! بۇلۇت كىنوخانىسى(پۈتۈنلەي ھەقسىز)
- Titanic Super 3D – كىنوخانىدا كىشىگە ھاياجان ئاتا قىلىدىغان 3D نۇسخىدىكى تىتانىك فىلىمى قويۇلىۋېتىپتۇ














مەن تىخى يوللانماسمىكىن دەپتىكەنمەن… ھەر نىمە بولسا ئالدىنقى سەپكە ئۆتۈۋالدىم
ئۆھۈ-ئۆھۈ، دىۋاندا ئولتۇرۇپ بىر كۆرۈۋېتەي ، بۇ يېڭى نادىر كىنولارنى
ما سەھرالىق خەقنىڭ دەستىدىن ئادەمگە كۈن يوق، كەتتىمىۋا !
يۆتەلگىچە پۇتنى چاققان يۆتكىگەن بولسىلا مۇشۇ كۈن يوق
ئۆزۈم ئولتۇرىمەن دەپ شۇنچە كەچتە يوللىساممۇ، يەنە ئىككىلىرىدىن كېيىن قاپتىمەن. دىۋان ئېلىش ماھارىتىڭلارغا راستلا قايىل بولماي تۇرالمىدىم!
ھاجىم…ھازىرقى زاماننىڭ ياشلىرى مەيلى سەھرالىق بولسۇن،شاش بوپكەتتى شاش!
مىنىڭ ئاۋام تورىمدىن كۆرۈۋاپتۇ دە!
نادىر فىلىملەر جىقكەن!
جانباز ئېيىقجان،كاسپىي قاراقچىلىرىنى ئالتە كۆزۈم بىلەن كۈتىمەن…ئاۋۇ نانىيا رېۋايىتىنىڭ 3-بۆلۈمى تىزراق چىقسا بولاتتى
قولدىن بېرىشكە بولمايدىغان پۇرسەتلەرنى بىزگە ئۇقتۇرۇپ قويدىڭىز، رەھمەت سىزگە.
2011 – يىلى زېرىكمىگۈدەكمىزغۇ … ھەممىسى مەن كۈتكەن كىنولاركەن !
Fast Five تەقەززارمەن بۇنىڭغا
مەن 盗梦空间 نىڭ تۇلۇق نۇسقىسىنى پەقەت تاپالمىدىمغۇ ؟! نەدىن تاپقىلى بۇلىدىغاندۇ
dy2018.net مۇشۇ يەردىن تاپالايسىز
دەپ بەرگەن ئادرىسنى ئاچتىم بىراق مەن دىگەن كىنونى ئىزدەتسەم ، كىنو تۈگۈل ئۆزىنىمۇ تاپالمىدى ! 无法显示该网页دەمدۇ .. ئىشقىلىپ ھېچنىمە چىقمىدىغۇ ؟!
ھە بۈگۈن ئېچىلدى . رەھمەت سىزگە
مەن كىچىك ئوروندۇقتىن بىرنى قوياپ دەرىزىنىڭ تىشىدا تۇرۇپ تىڭشاي بۇ گەپلەرنى… تۆرىگە چوڭلا چىقىپ بولغاندىن كىيىن
قولدىن بېرىشكە بولمايدىغان ياخشى فىلىملەرنى بىزگە ئۇقتۇرۇپ قويدىڭىز،
مىنىڭ باش سۈرىتىم مۇشۇنداق قارا دوسكىدەكلا تۇرامدىغاندۇ
مىنىڭ باش رەسىمىم ئۆزگەرمەيدىغۇ
بەك ياخشى يازما بوپتۇ
ماۋۇ ئېيىقنىڭ ئىككىنچى قىسىمىمۇ بىرىنچىسىدەك ياخشى چىقسا بولاتتى
مەن بۇنىڭ كىنوسىنى ئەمەس،ئويۇنىنى ئويناشقا ئالدىراۋاتىمەن،
كىنو قويۇلۇپ ئۇزۇنغا قالماي ئويۇنىمۇ كومپىيوتىرىمىزغا پەيدا بولوپ قالىدۇ…
ئىنتىزارنىڭ يازمىسىغا
盗梦空间
بۇنىڭ btئۇرۇقى بولسا بۇلامدۇ
بۇلىدۇ .
ئەرزايىل كەلدى 5 دە بېرىلگەن كۆرۈنۈش ‹مەرگەن›دىگەن كىنودىن كۆچۈرلۈپ ئېلىنىپتۇ،
كارىب دېڭىز قاراقچىلىرى بىلەن تام كىروس نىڭ كىنوسىنى سەككىز كۆزۈم بىلەن كۈتىۋاتىمەن