نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > يېــڭــى ئىــشــلار > يازما مەزمۇنى

فوتوگراف 35000 پارچە سۈرەتتىن ياساپ چىققان نىيۇيورك شەھىرىنىڭ بىر كۈنى، كۆزىڭىزنى ئېچىۋالىسىز!!

رېئال تۇرمۇشنىڭ تىرىك مودىلى دېسەك ئارتۇق كەتمەس؟ ئامېرىكىلىق فوتوگراف Sam O’Hare جەمئىي 35000 پارچە سۈرەتتىن پايدىلىنىپ نىيۇيورك شەھىرىنىڭ بىر كۈنىنى خاتىرىلىگەن. سۈرەتكە تارتىش تېخنىكىسىغا ئالاھىدە ئۈنۈم ئىشلىتىپ، پۈتكۈل مۇھىتنى كىچىكلىتىپ، خۇددى قۇرۇلۇش مودېلى مىدىرلاۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرگەن، ئاجايىپ قالتىس دېيىشكە بولىدۇ!

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 17 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
  1. دىۋان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاللا ما كارامەتنى….

  2. ئەلشات : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئالامەت ئىشلىنىپتۇ راسلا، لىكىن باللا قارىسام مۇشۇ تور خۇم،اردا ئىلان چىكىدىغان باللا سەل ئازكەن جۇمۇ، مانداق بولسا قاملاشمايدۇ، ئىنكاس يىزىش ۋە كۆرۈش ئارلىقىدا مائۇسنى ئاشۇ يەرگە بىر يۈگۈرتۈپ بولىشىغا بىرنى دەسسىۋىتىشنى ئۇنۇتمايلى باللا، خاتىرجەم بولۇڭلا ئۇ يەردە بومبا يوق، ( ئىلانچى ئىلانچىنىڭ قاياشى دەپتىكەن ) :mrgreen: مىنىڭ بەزىدە شۇنداق خۇمارىم تۇتۇپ كىتىدۇ، ( تاماكا چىكىشكە ئەمەس ئىلان چىكىشكە جۇمۇ ) لىكىن ئۆزۈممۇ Google ئىلانى قويۇۋاتقاچقا چەكسەم قائىدىگە خىلاپمىشلەر، شۇڭا ئامالسىز خۇمارىمنى بىسىپ چىداپ ئولتۇرىمەن :sad:

    • ياۋايى :

      چاتاق يوق جۇما …ئىككىنى دەسسىۋدىم ئايىغىم ئۇپراپ كەتتى مانا …يىڭىنى ئالاي ئەمدە …

      مەن تىخى بىشىدا كۆرۈپ مودىلمۇ نىمە دەپ قاغانتىم …ھەقىقەتەن قالتىس ئۇنۇم بىرىپتۇ …

  3. روھچىن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مودىلدەكلا تۇيغۇ بىرىدىكەن

  4. موگو : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي تەرەققىيات ئىلىم پەن دىگەن شۇ

  5. جۇغلان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نىم دەپ باھا بىرىشنى ئۇقالمىدىم :arrow:

  6. بەگزادە : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قىزىل تىروۋگا ئويۇنى ئويناۋاتقاندەك ھىس قىلىپ قالدىم :mrgreen:

  7. مېستر01 : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماڭا بەرگەن تۇيغۇسى ئاجايىپ دىسە،.. :evil:

  8. پرېستان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    رەسىمنى قايسى خىل ئۇسۇلدا تارتسا بۇنداق كىچىك مودېل ئۈنىمىگە ئېرىشكىلى بولىدىغاندۇ؟

    • پاسىبان :

      مېنىڭ چۈشەنچەم:
      سېكونتىغا 10 پارچە ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق تارتىدىغان (Canon EOS 1D Mark III دەك) ئاپارات بىلەن ئەڭ چوڭ پېكسېلدا تارتىپ، رەسىملەرنى تەرتىپ بويىچە تىزىپ كىرىشتۈرۈش ئارقىلىق ئىشلىگەنكەن. ئەڭ چوڭ پېكسىلدا يىراقتىن تارتسا مۇشۇنداق كىچىك مودېلدەك تۇيغۇ بېرىدۇ. 3 پۇتلۇق جازا بىلەن ManualFocus ئارقىلىق تارتىپتۇ. تارتىپ بولغاندىن كىيىن كىرىشتۈرگەندە تىزلەشتۈرۈش ئارقىلىق FPS نىڭ كىچىكلىكىنى چاندۇرمىغان.

  9. پاسىبان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەمەلىيەتتە بۇ رەسىملەر 1080P دىن 2 ھەسسە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ بولىشى مۇمكىن. شۇ چوڭ رەسىمنى 1920*1080 نىڭ ھەسسىلىك سانى بويىچە چوڭ ھالەتتە كېسىۋېلىپ ئارقىمۇ ئارقا قىلىپ تىزىپ، فىلىم ھاسى قىلىنغان. سۈرئىتىنى نورمال ھالەتتىن تىزلەشتۈرگەندە مودىلدەك تۇيغۇ بېرىدۇ. ئەڭ دەسلەپتىكى دېڭىزنىڭ شاۋقۇنىنى ئاستىلىتىپ كۆرۈپ باقساڭلار مودىلغا ئوخشىغان تۇيغۇ يوقىلىدۇ ياكى تۆۋەنلەيدۇ. سىناپ بېقىڭلار

  10. ئۈشقول : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۈدۈك ئادەملەرنى كۆرۋاتقاندەك ھىسسىياتتا بولۋاتىمەن

  11. مۇختار قاراتۈرۈك : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    زامانىۋى شەھەر دىگەن يەنىلا زامانىۋىدە،،،

    ئۇنىڭ ئۈستىگە تەسەۋۋۇر ، يىڭىلىق يارىتىش دىگەن شۇ چەتئەللىكتىلا بولامدىكىنە…

  12. ئۇنىڭ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەكلا پەيزى كىرىشتۇرۇپتۇ ماۋۇ خەخ .كۆزۇم ئىچىلىپ قالدى مىنىڭ

  13. ئەلشىر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن دەيمەن، ماشىنىلاشقان شەھەر، سىرتلاردا ئادەمدىن ماشىنا كۆپ، ئادەملەر ھەر قايسى سورۇنلاردا ئۆز پائالىيىتى بىلەن مەشخۇل، ئەگەر بىزنىڭ ئۈرۈمچىنى مۇشۇنداق ئىشلەپقالسا، ھەممە يەردە چۈمۈلىدەك، مىژىلداپ يۈرگەن ئادەملەرلا چىقامدىكىن. (لاغايلاپ يۈرگەن)

  14. كارۋانىم : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تېخنىكا دىگەن مانا،ئاجايىپ تەسەۋۋۇر،ئۆزگىچە چىققان ھە :grin:

  15. جەۋلان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەقىقەتەن ئۈچ ئۆلچەملىك تۇيغۇ بېرىدىكەن






باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)