چەتئەللىكلەر ياسىغان سىغىمى پەقەت 95KB لا كېلىدىغان 3D ئېتىشىش ئويۇنى!
سىز ئويناپ باققان سىغىمى ئەڭ كىچىك ئويۇننىڭ سىغىمى قانچىلىك؟ دېسەم دېمىسەم بەك چىقسا نەچچە MB كېلەر ھەقىچان؟ بۈگۈن تور ئارىلاۋېتىپ تاساددىپىي ھالدا سىغىمى ئىنتايىن كىچىك، ئەمما كۆرۈنمە يۈزى ناھايىتى قالتىس بولغان بىر دانە 3D ئېتىشىش ئويۇنى بايقاپ قالدىم. بۇ ئويۇننىڭ ئىسمى kkrieger بولۇپ، پەقەت بىر دانە ئىجرا ھۆججىتى بار، بىراق قوزغاتسىڭىز ئىچىدىكى بىر پاتمان نەرسىلەر، مەسىلەن توسالغۇ، غەلىتە ئالۋاستى-مەخلۇقلار، ھەرخىل ئىشىك-قوۋۇقلار، يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان قورال ۋە ئوق-دورىلار، قان قوشىدىغان دورىلار… ئىشقىلىپ بىر يۈرۈش قوراللىق ئېتىشىش ئويۇنىدا بولۇشقا تېگىشلىك بارلىق ئېلىمېنتلارنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى، بۇ ئويۇننىڭ پرىستىن يېشىلگەندىن كېيىنكى سىغىمى ئارانلا 95Kb!!!!
ئويۇن كۆرۈنمە يۈزىدىن بىر قانچە كەسمە:
ئويۇننىڭ ئويناش قائىدىسىمۇ ئىنتايىن ئاددى، خۇددى CS ئوينىغانغا ئوخشاشلا W, S ,A ,D كۇنۇپكىسى بىلەن يۆنىلىشنى بەلگىلەيمىز، بوشلۇق كۇنۇپكىسى سەكرەش، مائۇسنىڭ سول كۇنۇپكىسىدا قارىغا ئالىمىز ۋە ئوق چىقىمىز، 1~5 كىچە قورال ئالماشتۇرۇش كۇنۇپكىسى.
ئەلۋەتتە بۇنچە ھەشىمەتلىك كۆرۈنمە يۈزگە ئىگە بولغان 3D ئويۇننى چوقۇم يۇقىرى دەرىجىلىك پرىسلاش تېخنىكىسى ئىشلەتمەي تۇرۇپ، بۇنچىلىك پرىسلىغىلى بولمايدۇ، شۇنىڭ بەدىلىگە كومپيۇتېر سەپلىمىسىگە بولغان تەلەپمۇ مۇۋاپىق يۇقىرى. يەنى CPU ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 1.5G، ئىچكى ساقلىغۇچ 512MB، سىنكارتا Geforce4Ti ياكى ATI Radeon8500 دىن يۇقىرى، ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 128M لىق بولۇشى كېرەك. ئەلۋەتتە قاتتىق دېسكىغا بولغان تەلەپ پەقەتلا يوق دېيەرلىك، ھا ھا ھا!!!
مەن Windows XP ۋە Windows 7 دە ئويناپ كۆرۈپ باقتىم، كۆرۈنمە يۈز خېلىلا راۋان كېتىپ بارىدۇ، ياقتۇرغانلار چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىڭلار، چۈشۈرۈشكە ھېچقانچە ۋاقىت كەتمەيدۇ!
پرىستىن يېشىش پارولى: www.torhumar.com
چۈشۈرۈش ئادرېسى: چۈشۈرۈش | مەنبەسى: torhumar.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: 3D، ئويۇن
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 5,117 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 08-ئاينىڭ 03-كۈنى
- يازما مەنزىلى: http://www.torhumar.com/90k-3d-game.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > تەلۋىلەشكەن ئىنسان تەسەۋۋۇرى – سەۋەپ قىلسىڭىز مۇمكىن بولمايدىغان ئىش يوق!
- كېيىنكى يازما > Windows 7 نى ھەقىقى نەشىرگە ئايلاندۇرۇش/ئاكتىپلاندۇرۇش(激活) قوراللار توپلىمى
- ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى تېما قىلىنغان ئەڭ نادىر مەرگەن ئويۇنلىرىنىڭ بىرى: مەرگەن ئەزىمەتلەر(Sniper Elite V2)
- ھەيران قالىسىز!! دەرىجىدىن تاشقىرى كود ماھىرلىرى يېزىپ چىققان 64KB لىق سىغىمدىكى ئالاھىدە 3D كۆرۈنۈشلەر!!!
- نەچچە 10 يىل مابەينىدىكى ئوخشاش ئويۇنلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى غايەت زور ئۆزگۈرۈشلەر، قانچىسىنى تونۇيالىدىڭىز؟
- QQ影音 – ئاددى ۋە قولايلىق ھەممىباب قويغۇچ(توردىن چۈشۈرگەن كىنولارنى كۆرۈشتىكى تەۋسىيەلىك قويغۇچلارنىڭ بىرى)
- ئۆزگەرلەر3(变形金刚) فىلىمىنىڭ ئىشلىنىش تېخنىكىسى ھەققىدە – CG دىن تۆمۈر مەخلۇقلارغىچە بولغان جەريان
- دەرىجىدىن تاشقىرى قالتىس كۆرۈنمە ئۈنۈمدە ئىشلەنگەن ئاخىرقى زامان تەسۋىرلەنگەن قىسقا 3D فىلىم: خارابە(Ruin)
- ئەشەددىي رەقىبلەر ئوتتۇرىسىدىكى قانلىق جەڭ تەسۋىرلەنگەن ئويۇن: 异形 VS 铁血战士
- 变形金刚 فىلىمىنىڭ ئۈنۈمىنى ھېس قىلدۇرىدىغان بىر مەيدان تىپىك 3D كۆرۈنۈش، قالتىس ئىشلەپتۇ!
- 2012-يىلى بازارغا سېلىنىش ئالدىدا تۇرغان تەۋەككۈل تۈرىدىكى ۋەھشەت ئويۇنلار(V2)
- 2012-يىلى بازارغا سېلىنىش ئالدىدا تۇرغان قوراللىق ئېتىشىش تۈرىدىكى ۋەھشەت ئويۇنلار(V1)




ھا ھا خەقلەر بەك يامان جۇمۇ.
ئەقلىم ھەيران، بۇرۇن 30نەچچە kb لىق 3D كارتوننى كۆرۈپمۇ ھەيران قالغان
چۈشۈرگىلى بۇلمىدىغۇ؟؟؟
ئوڭشاپ قويدۇم، ئەمدى چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ.
بۇلسا قايتا بىر تەكشۈرۈپ باقسىڭىز!