نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

مەلۇم بىرەيلەننىڭ لاتارىيە ئويناپ 5 مىليون مۇكاپات چىققاندىن كېيىنكى 24 سائەتتىكى كەچۈرمىشلىرى…

لاتارىيە ئېلىپ 5 مىليون مۇكاپاتقا ئېرىشىش ھەممىلا ئادەمدە بولىدىغان بىر ئارمان بولسا كېرەك؟ تۆۋەندىكىسى، مەلۇم بىرەيلەننىڭ لاتارىيەدە 5 مىليون مۇكاپات چىققاندىن كېيىنكى 24 سائەت ئىچىدىكى كۈندىلىك خاتىرىسى

21:30: لاتارىيە تارقىتىش مەركىزىگە 10 نەچچە قېتىملاپ تېلىفون قىلىپ لاتارىيە نومۇرى ۋە مۇكاپات ئۇسۇلنى سورىدىم، بىراق مۇلازىمەتچى قىزچاقنىڭ ئەگەر ئەمدى تېلىفون قىلىدىغان بولساڭ 110 غا تېلىفون قىلىپ، ئۈستىڭدىن ئەرىز قىلىمەن دېگىنىنى ئاڭلاپ تېلىفوننى ئامالسىز قويىۋەتتىم.

22:30: تېلىۋېزىيە ئىدارىسىگە تېلىفون قىلىپ، مۇكاپات نومۇرىنى ئاچقان بۇرادەرنىڭ تېلىفون نومۇرىنى سورىدىم، بىراق تېلىفوننى ئالغان قىزچاققا ھېچقانداق ئامال كارغا كەلمىدى.

22:40: خۇشاللىقىمدا ئاپامغا تېلىفون قىلىپ بۇ ئەھۋالدىن ئاپامنى خەۋەردار قىلدىم، بىراق ئېرىشكىنىم، ئاپامنىڭ تېلىفون تۇرۇپكىسنى قويماي تۇرۇپلا «ۋاي جېنىم بالام، باي بولىمەن دەپ ساراڭ بولۇپ قاپتۇ» دېگەنلىرى بولدى.

23:00: ئاخىرى ئىشەنمەي، چۈشۈممۇ ئوڭۇممۇ دەپ ئۆزۈمنى چىمداپ باقتىم، نەتىجىدە يېرىم سائەتكە بارماي پۈتۈن بەدىنىم كۆكىرىپ كەتتى.

23:30: ئامالسىز ھېچنىمىنى ئويلىماي ئۇخلىماقچى بولدىم، بىراق ئۇخلاش ئەمەس، كۆزۈمنىمۇ يۇمالمىدىم.

24:00: كېچىدە ئۇيقۇم كەلمەي ئازراق بولكا يېدىم، ئاندىن كېيىن كۆزلىرىم ئاستا-ئاستا ئۇيقۇغا كېتىپتۇ، شۇ ئاخشىمى تېخى يەنە 10 مىليون چىقىپ چۈش كۆردۈم.

4:00: ئەتتىگەندە سەھەرلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم، سائەتكە قارىسام تېخى ئەمدىلا 4 بوپتۇ، نېمانچە بالدۇر تۇرىۋالغاندىمەن؟ ئاخشام يېگەن بولكام ساختا ئوخشىمامدۇ؟ ھەي ھايانكەش بولكىچىلار…

4:30: بۇ سەھەردە نېمە ئىش قىلىش كېرەكلىگىنى بىلمىدىم، شۇنىڭ بىلەن زېرىكىش ئىچىدە ئالدىنقى قىز دوستۇمغا تېلىفون قىلدىم، نەتىجىدە قىز دوستۇمدىن «سەندەك ئادەمگە لاتارىيەدە مۇكاپات چىقىش نىسبىتى خۇددى سېنى ئاقار يۇلتۇز سوقىۋەتكەنگىلا ئوخشاش نۆل، تاڭ سەھەردە خام-خىيالنى ئاز قىل!» دەپ تەربىيە ئاڭلىۋالدىم.

6:30: قارىسام ۋاقىت يەنە باركەن، ئامالسىز تېلىۋېزورنى ئاچتىم، بىراق بۇ سەھەردە پروگراممىلارنىڭ تايىنى يوق ئىدى، گىژىلدىغان تېلىۋېزورغا قاراپ ھىجىيىپ ئولتۇرۇپ تاڭ ئاتقۇزدۇم.

7:30: تاكسىغا ئولتۇرۇپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش ئۈچۈن يولغا چىقتىم، بىراق يېرىم يولدا يانچۇقتىكى پۇلنىڭ يەتمەيدىغانلىقىنى بايقاپ، ئامالسىز تاكسىدىن چۈشۈپ ئاپتوبۇسقا ئولتۇردۇم.

8:00: ئاپتوبۇستا خىيال سۈرۈپ كېتىۋاتسام خوجايىنىمدىن تېلىفون كەلدى، بۈگۈن ماڭا نەدىن كەلگەن جۈرئەتكىن بىلمىدىم، تۇنجى قېتىم خوجايىننىڭ گېپىنى ياق دەپ رەت قىلدىم ۋە ئۆزۈمنىڭ كۆز-قاراشلىرىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويدۇم. نەتىجدە خوجايىنىم مېنى تەپەككۇرى ئوچۇق، دادىل، يوشۇرۇن قابىلىيىتى زور دەپ ماختاپ كەتتى!

8:30: لاتارىيە مەركىزىدە تۆنۈگۈن گېپىمگە ئىشەنمەي ماڭا تەھدىد سالغان قىزغا ئۇچراپ قالدىم، قىزچاق مەندىن قايتا-قايتىلاپ كەچۈرۈم سوراپ كەتتى ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىنكى پىسخىك ھالەتنى تەڭشەش ئۈچۈن، داڭلىق پىسخىك دوختۇرلىرىغا كۆرۈنۈشۈمنى ئالاھىدە تاپىلىدى ۋە ئۇلارنىڭ تېلىفون نومۇرىنى ئاتايىتەن يانفونۇمغا كىرگۈزۈپ بەردى.

9:00: لاتارىيە مەركىزىدە مۇكاپات چىققانلىغىنى تۇللۇق جەزىملەشتۈردۈم، خۇشاللىقىمدا لاتارىيە مەركىزىنىڭ مۇدىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ ئۆكسۈپ يىغلاشتۇق.

9:30: قائىدە بويىچە رەسمىيەت بېجىردىم، بىراق بىر مىليون باج تاپشۇردىغانلىقىمنى ئاڭلاپ «ھە؟!» دەپ قاتىتىقراق توۋلاپ قويغىنىم ئۈچۈن ئىڭىكىم چۈشۈپ كەتتى.

10:30: باشقىلار خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن پۇل ئىئانە قىلدىغان-قىلمايدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئېچىلىپ قالغان ئاغزىمنى ئىتتىكلا يۇمۇۋالدىم، نەتىجىدە چۈشۈپ كەتكەن ئىڭىكىم دوختۇرخانىغا بارماي تۇرۇپلا ساقىيىپ كەتتى.

10:30: بانكىغا پۇل قويۇش شەرتلىرىنى دېيىشتىم شۇنداقلا 10مىڭ يۈەنلىك تەڭگە پۇل ئېلىپ ئويناپ بېقىش تەلىپىم ماقۇللىققا ئېرىشتى.

11:00: قولۇمدا 3مىليون 990مىڭنىڭ بانكا چېكى تۇراتتى، پۈتۈن بەدەنلىرىم تىتىرەشكە، چىرايلىرىم ئاقىرىپ ھوشىدىن كېتىشنىڭ ئىپادىلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. ئاقىۋەت لاتارىيە مەركىزىدىكى خادىملارنىڭ غەمخورلۇقى ئاستىدا ئۆيۈمگە بېرىۋالدىم ۋە ئۇلاردىن تاماققا تەكلىپ قىلمىساممۇ بولىدىغانلىقىنى، ياخشى ئارام ئېلىشىم كېرەكلىكىنى ئاڭلىۋالدىم.

13:00: تۇيۇقسىز ئامەت كەلگەندە ئانچە مۇنچە سەدىقە قىلىۋېتىشتەك گەپ سۆزلەرنىڭ بارلىقى ئېسىمگە كەلدى، شۇنىڭ بىلەن سىرتتىن 100 نەپەر تىلەمچىنى تېپىپ ھەر بىرىگە 1 يۈەندىن بەرمەكچى بولدۇم، بىراق ئارىسىدىكى غورۇرى سەل كۈچلۈك %7 تىلەمچى تەرىپىدىن رەت قىلىندىم.

21:30: تېلىفونۇم تۇيۇقسىز سايراپ كەتتى، ئېكراندا كۆرۈنگىنى ئالدىنقى قىز دوستۇمنىڭ نومۇرى ئىدى. ئۇ تېلىفوندا ئاۋازىنى ئەمدى 18كە كىرگەن چاغدىكىدەك چىقىرىپ، مېنى ئاقار يۇلتۇزنىڭ سوقىۋەتكەنلىكىنى بىلگەنلىكىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كەتتى. ئۇلۇغ كىچىك تىنىۋەتكەندىن كېيىن،  ئۇنىڭغا دۇنيادا ھەرقانداق ئىشنىڭ يۈز بېرىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ۋە باشقا يىگىتلەرگە ياخشىراق مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدا تەربىيە قىلىپ تېلىفوننى قويۇۋەتتىم.

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 19 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
  1. پۇت : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سائەت24:00دەئۇيقۇم كەلمەي ئازراق بولكا يىدىم ئەمەس ئۇخلىتىش دورىسى يىدىم. :twisted:

    • ئەلشات بلوگى :

      ئوھوي مۇكاپات چىققان دوستىمىز مۇشۇ ئوخشىمامدا IP سىنى ئىنىقلاپ بىر بۇلىمىسام بۇ بالىنى ھى ھى ھى :mrgreen:

  2. سەھرالىق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    :mrgreen: نېمانداق قىززىق… ئىشىڭىز بولمىسا ئاۋارە قىلماڭ دىگەن پىروگىراممىدىكى بىر يولداشنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا سورىغان سۇئالى يادىمدىن كەچتى…

  3. كەمەك : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    :wink: :wink: :wink: :wink: :wink: قىززىقكەن…

  4. ۋېرۇس : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پاھ ! ماڭا چىقىپ قالسا شۇ 5 مىليون :roll:

    ئىككىلەنمەيلا تورخۇمارنى سېتىۋالاتتىمدە تەدبىركارغا سائېتىگە بىر تېما يوللاشنى بولمىسا قوڭىغا تېپىدىغىنىمنى ئېيتاتتىم ! :idea:

    • ئەلشات بلوگى :

      ھا ھا ھا قىززىق نەك قىززىق جۇمۇ بۇ ۋىروس ئەپەندى!

  5. ئەزىز : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سىرتتىن 100 نەپەر تىلەمچىنى تېپىپ ھەر بىرىگە 1 يۈەندىن بەرمەكچى بولدۇم، بىراق ئارىسىدىكى غورۇرى سەل كۈچلۈك %7 تىلەمچى تەرىپىدىن رەت قىلىندىم. :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen:

  6. نۆل & بىر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ بەزىدە شۇنداق ئاسماندىكى پىنگىۋىننىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ ئېچىشكە بەك ئامراق… :mrgreen:

  7. padeqi : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خۇشاللىقىمدا لاتارىيە مەركىزىنىڭ مۇدىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ ئۆكسۈپ يىغلاشتۇق. :mrgreen:

  8. قاراخان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    لېكىن ماڭا .‹21:30: تېلىفونۇم تۇيۇقسىز سايراپ كەتتى، ئېكراندا كۆرۈنگىنى ئالدىنقى قىز دوستۇمنىڭ نومۇرى ئىدى. ئۇ تېلىفوندا ئاۋازىنى ئەمدى 18كە كىرگەن چاغدىكىدەك چىقىرىپ، مېنى ئاقار يۇلتۇزنىڭ سوقىۋەتكەنلىكىنى بىلگەنلىكىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كەتتى. ئۇلۇغ كىچىك تىنىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا دۇنيادا ھەرقانداق ئىشنىڭ يۈز بېرىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ۋە باشقا يىگىتلەرگە ياخشىراق مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدا تەربىيە قىلىپ تېلىفوننى قويۇۋەتتىم.› ئاز تولا ياقتى

  9. شەمشەر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يا ئاللا پۇل دىگەننى مەرى نىمانچە ئىسسىق ھە ئاغرىقنىمۇ ساقايتىۋىتىدىغان ئاۋۇ بىچارە ھېسابتا تېخىچە تاماق يىمىدى ھە ئاخشام يىگەن بولكا بىلەن 24 سائەت ئۆرە تۇرالىدى ھېلىمۇ تاكسى ، ئاپتۇبۇس باركەن ھېرىپ قالمىدى ئەگەر ئۇلار بولمايدىغان بولسا ئاچلىق نەدە قالسۇن ئۆمىلەپ بولسىمۇ بارار ئىدى ئۇ ؟

  10. جانىبەك : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماڭا 5 مىليون شىغىپ قالسا، وندا انامدى الىپ مەكەگە باراتىن ەدىم. :oops:

  11. ئەلشېر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇ ئادەم ئەجىر قىلمايلا كەپ قالغان پۇلنى خەجلىگىلى بولامدۇ ( ھارام پۇلمىكى ئۇ )

    • جانىبەك :

      ول دەگەن تالەي .اللانىڭ ساغان بەرگەن تالەيى. ونداي تالەي جوق بولىپ تۇرمايما بىزدە..

  12. ئويغاق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۈگۈن ھىچبىر يىڭىلىق يوققۇ!؟ :?:

  13. ئاغىنىلەر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇنداق پۇل چىقىپ قالسا مەن پۇتكۇل ئۇيغۇر تور بىكەتلىرى ئۇششاق چوڭ كىچىك ھەممە بىكەت بىلوگلارنى سىتىۋالاتتىم ھى ھى ھى

  14. چاقماق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەگەر ماڭا 5 مىليۇن چىقىپ قالسا :?: :?: :?: :?: :?: :?: :?: قانداق قىلشىمنى پەقەت بىلەلمەيۋاتىمەن، :?: :?: :?: :?: بۇ ۋاقىت نىمانچە ئاستا ئۆتىدىغاندۇ. :grin:

  15. بىرلام : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاغىنىلەر : بارمۇ سىز مومكىن بولسا بىر ئالاقىلاشساق بوپتىكەن 780692919چچ






باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)