ئاق ئالما كىتاب ئوقۇغۇچىسى – يانفوندا ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇش ئەمدى ھەرگىزمۇ تەس ئەمەس!
ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارغا ئۇيغۇرچە تونۇتۇش، تور بېكەت كۆرۈش قاتارلىقلار ھازىر ئاللىقاچان ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالدى. بىراق، يەنە خېلى كۆپ قىسىم ساندىكى ئەقلىيفون ئېلىشقا قۇربى يەتمىگەن ياكى يۇمشاق دېتال قاچىلاپ كېڭەيتىشنى قوللىمايدىغان يانفون ئىشلىتىۋاتقانلار ئۈچۈن، ئامراق يانفونىدا ئۇيغۇرچە كىتاب كۆرۈش ئۇنچە ئاسان ئەمەس ئىدى…
ئاق-ئالما ئوقۇغۇچ بولسا، بىر خىل يانفوندا ئۇيغۇرچە تېكىستلەر ساقلانغان txt ھۆججىتىنى بىمالال ئوقۇغۇلى بولىدىغان كىتاپ ئوقۇش قورالى بولۇپ، سىزنىڭ يانفونىڭىز پەقەتلا بەك ناچار يانفون بولمىسىلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ .پەقەت Java قوللايدىغان يانفون بولسىلا، يانفونغا ھېچقانداق ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى قاچىلانمىغان ئەھۋالدىمۇ، بىۋاستە ئۇيغۇرچە txt شەكلىدىكى كىتابلارنى ئوقۇش مەقسىدىگە يېتەلەيسىز. .مەسىلەن : NOKIA ، Samsung ، Motorola قاتارلىق ماركىدىكى يانفونلاردا ساق ئىشلەيدۇ .
بۇ دىتال 2009-يىلى 6-ئايدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ ، 2010-يىلى 11-ئايدا ئىككىنچى نەشىرى كەڭ تورداشلارغا ھەقسىز سۇنۇلدى . بۇيەردە بۇ دىتالنىڭ ئاساسچىسى بىرۇسقا(Bruce)ۋە ئۆزگەرتىپ ياسىغۇچى چىلبۆرىگە (Qilbore) رەھمەت ئېيىتماي تۇرالمايمىز!
ئىشلىتىش ئۇسۇلى :
كومپۇتىرىڭىزغا چۈشۈرگەندىن كىيىن ، يىشىپ ،ئاۋال AkalmaReader.jar نىلا تىلىفۇنىڭىزغا قاچىلاپ قۇراشتۇرىسىز. ئاندىن باشقا txt ھۆججەتلەرنى قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ . شۇنىڭغا دىققەت قىلىڭكى ، txt شەكلىدىكى ھۆججەت چوقۇم unicode شەكلىدە بولىشى لازىم .
ھۆججەت تەپسىلاتى:
ھۆججەت نامى: ئاق ئالما يانفون كىتاب ئوقۇغۇچىسى
نەشىرى: 2.0
ئورگان تور بېتى: http://www.akalma.com
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
ئاق ئالما ئوقۇغۇچ(ئىچىدە txt شەكلىدىكى كىتابلار تەمىنلەنگەن) | مەنبە: torhumar.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئۇيغۇرچە، كىتاب، يانفون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 4,316 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى
- يازما مەنزىلى: http://www.torhumar.com/akalma-reader.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > پەرزەنتلەرنى مۇنداق تەربىيلىمەيلى! ياخشى ئاتا-ئاتا تەربىيلەشنىڭ بىر قىسىم ھېكمەتلىرى…
- كېيىنكى يازما > سىز بىلمەيدىغان بىر قىسىم غەلىتە ئىشلار، ئىشىنىمەنكى ئاغزىڭىز ئېچىلىپلا قالىدۇ!
- iPhone نىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغىنىنى كۆرگەنمۇ؟! بۇ New iPhone5 تىكى Siri نىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىمىش!
- SAMSUNG نىڭ يېڭى تېلېفونى Galaxy S III رەسمىي ئېلان قىلىندى!
- Ubuntu 12.04 تارقىتىلدى (كۆرۈنمە يۈزى %93 ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سېستىمىسى)
- Android ئوينايدىغانلار ئۈچۈن تەۋسىيەلىك قورال – ShuaMe | ئەمدى Root قىلىش ياكى ROM يېڭىلاش تەس ئەمەس
- Windows Phone ھەققىدە بىلمەيدىغانلار دىققەت: Windows 8 بىلەن Windows Phone نى چۈشىنىڭ
- تەڭداشسىز قىزىل ئارمىيە باشقا ناخشىلارنى بىرەر قۇر چاناپ بولۇپ ئاخىرى ئۇيغۇرچە ناخشىلارغا تېگىش قىپتۇ!
- تۇيۇقسىز ئامىتىم كېلىپ تېخى بازارغا سېلىنمىغان بىر دانە 7 ديۇملۇق بىلكان پەدنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالدىم…
- Windows 8 كە يېڭىدىن ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قوشۇلۇپ جەمئىي 109 خىل تىلنى قوللايدىكەن
- يانفوندا تارتقان سۈرەتتىكى ئارتۇق ئېلىمېنتلارنى خالىغانچە ئۆچۈرىۋەتكىلى بولىدىغان ئاجايىپ سىرلىق تېخنىكا!
- دۇنياۋى داڭلىق فىلىم «ھۆكۈمران ئۈزۈك» تىكى ئەجەللىك خاتالىقلار [ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق]

تېلۋىزوردىن ما بىلوگ توغرىلىق سۆھبەتنى كۆرۈپ، بۇ تاركوچىلارغا كىمىگەن بولسام بىلمەي يۈرەكەنمەن جۇما لېكىن
مەن NOKIA5320 غا مۇۋەپپەقىيەتلىك قاچىلاپ ئىشلەتتىم. بىر قىسىم ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرسە تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كەتكۈدەك.
چۈشۈرگىلى بولمايدىغۇ……………..قانداق ئىش بۇ؟
تەھرىرلەپ قويدۇم، قايتا سىناپ بېقىڭ.
سېزىمچان ئېكرانغا ئىشلەتكىلى بولامدىغاندۇ ،،،،
قايتا – قايتا سىنىدىم يەنىلا چۈشمەيدۇيا …