نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > نـادىـر ئـويـۇنـلار > يازما مەزمۇنى

ئەستايىدىللىق تەلەپ قىلىدىغان Flash ئويۇن : تاشقى پلانېت كالا ئوغرىلىرى(Alien Thief)

ئەستايىدىللىق ۋە چاققانلىق تەلەپ قىلىدىغان Flash ئويۇن : تاشقى پلانېت ئوغرىلىرى(Alien Thief)

ئالدىنقى قېتىم «يا ئوقى ئارقىلىق باشقىلارنى ئۆلۈم ئاغزىدىن قۇتقۇزۇش» ناملىق كىچىك Flash ئويۇننى يوللىغاندىن كېيىن، خېلى كۆپ تورداشلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى، ھەتتا كۆپچىلىك ئاساسەن بۇ ئويۇننى ئويناپ تۈگىتىپمۇ بولدى. بۈگۈن يەنە تورداشلارنىڭ خۇمارىنى بېسىش ئۈچۈن، يەنە بىر كىچىك Flash ئويۇن – تاشقى پلانېت ئوغرىلىرى(Alien Thief) ناملىق ئويۇننى ئالغاچ كەلدىم، ئويۇننىڭ جىددىلىك دەرىجىسى گەرچە ئالدىنقىسىدەك بولمىسىمۇ، بىراق قىززىقتۇرۇش دەرىجىسى ھەرگىزمۇ ئالدىنقىسىدىن تۆۋەن ئەمەس.

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا تاشقى پلانېتتا يېڭى تۇغۇلغان بىر بوۋاق، ئىنسانلار ئىچىدىغان كالا سۈتىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىكەن، تاشقى پلانېت كالىلىرىنىڭ سۈتى بولسا، بۇ بوۋاقنىڭ ئىشتىھاسىنى پەقەتلا ئاچالماپتۇ، شۇ ۋەجىدىن تاشقى پلانېت كىشىلى يەر شارىغا چۈشۈپ ئىنسانلارنىڭ سېغىن كالىلىرىنى ئوغرىلاشقا بەل باغلاپتۇ ۋە بىر ئۇچار تەخسىنى يەرشارىغا ئەۋەتىپتۇ…

ئويۇندا بىر دانە ئۇچار تەخسىنى كونترول قىلىمىز ۋە ئاخىرقى نىشان بولغان كالىنى سۈمۈرۈپ ئېلىپ، ئۆزىمىزنىڭ بازىسىغا قويساق شۇ ئۆتكەل ئاخىرلىشىدۇ. پۈتكۈل ئويۇن قىزىقارلىق ۋە ئوبرازلىق ئىپادىلەنگەن ئۆتكەللەر بىلەن چوقۇم تورداشلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلالايدۇ دەپ ئويلايمەن.

مەشغۇلات ئۇسۇلى:

ئويۇننى كۇنۇپكا تاختىسى ۋە مائۇس ئارقىلىق ئايرىم كونترول قىلغىلى بولىدۇ، ھەر بىر ئۆتكەل باشلانغاندا قايسى ئۇسۇل بويىچە كونترول قىلىشنى بىزدىن سورايدۇ. كۆپچىلىككە كۇنۇپكا تاختىسى ئارقىلىق كونترول قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن، بۇنداق بولغاندا باشقا جىسىملارغا ئاسان سوقۇلۇپ كېتىپ ئۇچار تەخسە(UFO) پارتىلاپ كېتىدىغان ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ.

[مائۇستا كونترول قىلىش] مائۇس ئارقىلىق ئۇچار تەخسىنى كونترول قىلىمىز، سۈمۈرمەكچى بولغان جىسىمنىڭ ئۈستىگە كەلگەندە مائۇس سول كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرساقلا بولىدۇ.
[كۇنۇپكا تاختىسى ئارقىلىق كونترول قىلىش] كۇنۇپكا تاختىسىدىكى WSAD كۇنۇپكىلىرى ياكى يۆنىلىش كۇنۇپكىلىرى ئارقىلىق ئۇچار تەخسىنى كونترول قىلىمىز، بوشلۇق(Space) كۇنۇپكىسى ئارقىلىق جىسىمنى سۈمۈرىمىز.

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 14 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
  1. پرېستان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھە نوچىلا،،،سافادا ئولتۇرمامسىلەر؟ ھا ھا … كىچىكرەك كاساڭلا بارلا كېلىڭلا بىللە ئولتۇرىمىز… :mrgreen:

  2. سەھرالىق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن پەگادا ئولتۇرۇپ تۇراي… ئىشەكچىلەرگە بۈگۈنچە سافا يەتمەيدىغاندەك :arrow:

    • تورخۇمار :

      ئېشەكنى چىڭ باغلىدۇقمۇ يا؟ ئاۋۇ كالا ئوغرىلىرى ئۇقۇشماي سىلىنىڭ نەسىللىك ئىشەكلىرىنىمۇ ئوغرىلاپ كەتمىسۇن يانا :mrgreen: :grin:

  3. سۈرخان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۈگۈن بىزگە بوسۇغىمۇ قالماپتۇ دېسە

  4. سەھرالىق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇنى ئويناش ھەجەپ تەسكەن :arrow:

  5. ئەسلمە : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن تالادا تۇرۇپ كۆردىغان بولدۇم :cry: :cry: :cry: :cry:

  6. بىر كۈن تور خاتىرىسى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاي ۋۇي….. ماۋۇ 7- ئۆتكەلدىن ھەجەپ ئۆتەلمىدىم دىسە…؟ :twisted:

  7. خالىد : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىچچارە كېلىنىڭ بۇرنىنى سەت تەككۈزىۋەتتىم جۇمۇ ئاۋۇ تاشقا :lol: :mrgreen: :grin:

  8. قادىخان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    12-ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ بولالامي ئىچىم پۇشتى :twisted: جۇما، ئەتە ئويناي ئەمدى.

  9. بىر كۈن تور خاتىرىسى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن 14-ئۆتكەلگە كەلدىم مانا… :grin: :idea:

  10. بىر كۈن تور خاتىرىسى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن 22-ئۆتكەلگە كەلدىم، مانا… ئۇستا بوپ كەتتىم مەن دىگەن ھازىر…. :lol: :mrgreen:

  11. ئەركە : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماۋۇ ئۇيۇننى قايتا ئويناي دىسەم ئېچىلمايدىيا ماۋۇ ئۇيۇن…؟ تەدبىركار ئەپەندىم، بولسا تەھرىىرلەپ چىقىدىغان قىلىپ قويسىڭىز بوپتىكەن… مەن ئەڭ ئاخىرقى يەنى 25- ئۆتكەلگە كەلگەنتىم،،،

    • تورخۇمار :

      تەھرىرلەپ قويدۇم، ئەمدى نورمال ئوينىيالايسىز






باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)