ئەسلەتمە – Windows نىڭ بارلىق نەشىرىنىڭ قوزغالما ئاۋاز ۋە كۆرۈنمە يۈزى
يەرشارىدىكى ئىشلەتكۈچىسى %90 تىن ئاشىدىغان Windows مەشغۇلات سېستىمىسى، ھازىر ئاللىقاچان ھەر بىرىمىزنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئايرىلالماس بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتتى. ئاشۇ 1.0 نەشىرىدىن باشلاپ تا ھازىرغىچە بولغان Windows 7 گىچە بولغان ئارىلىقتا، Windows نىڭ كۆرۈنمە يۈزى، قوزغالما سۈرەت ۋە مۇزىكىسىدا نۇرغۇن يېڭىلىنىشلار بولدى. بۇلارنىڭ بەزىلىرى ھېلىھەم قۇلاق تۈۋىمىزدە ياڭراپ تۇرىدۇ، تۆۋەندىكىسى Windows نىڭ بارلىق نەشىرىنىڭ قوزغالما ئاۋاز ۋە كۆرۈنمە يۈزى بولۇپ، بىرلىكتە ھوزۇرلىنىپ باقايلى، بەلكىم تونۇش ئەسلىمىلەر ئىچىدىن، ئۆزگىچە زوق ئالالىشىمىز مۇمكىن…
ئېسىمدە قېلىشىچە، مەن Windows بىلەن 3.2 نەشىرىدىن باشلاپ تونۇشۇپتىكەنمەن. بۇنىڭ ئارىسىدا Server نۇسخىسى ۋە Windows 2000 دىن باشقا بارلىق نۇسخىسىنى ئاساسەن تولۇق ئىشلىتىپ بېقىپتىمەن. يۇقارقى ئاۋازلارنى ئاڭلاش جەريانىدا، بولۇپمۇ Windows 98 بىلەن Me نىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىغىنىمدا، خىياللىرىم تۇيۇقسىز شۇ مەشغۇلات سېستىمىسىنى ئىشلەتكەن دەۋرلەرگە كېتىپ قالدى. Windows Me ئەينى يىللاردا مەن ئەڭ ياقتۇرۇپ ئىشلەتكەن مەشغۇلات سېستىمىلىرىنىڭ بىرى ئىدى…
- يازمىنىڭ ئـورنى: [مــۇڭ كـۈيــلــەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: windows، ئاۋاز
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 1,009 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 08-ئاينىڭ 29-كۈنى
- يازما مەنزىلى: http://www.torhumar.com/all-windows-star-sound.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > كۈچلۈك! پۇتبولنى مۇنداقمۇ تېپىپ قويىدىغانلار بار ئىكەن!!!
- كېيىنكى يازما > ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ئىش – ئىتمۇ بىليارت ئوينىيالامدا؟؟!
- مىكروسوفت ھەزىل قىلىنغان كىچىك فىلىم: ناۋادا Microsoft مۇ Windows Project Glass نى بازارغا سالسا…
- سىزنىڭچە بۇ Logo لار مىكروسوفتنىڭكىدىنمۇ چىرايلىقمىكەن؟ Win8 ئۈچىنچى تەرەپ Logo مۇسابىقىسىدىكى ئەسەرلەر
- Windows Phone ھەققىدە بىلمەيدىغانلار دىققەت: Windows 8 بىلەن Windows Phone نى چۈشىنىڭ
- Windows8 Beta ئىستېمالچىلار كۆرگەزمە نەشىرى(Windows 8 Consumer Preview) ئېلان قىلىندى!
- Windows8 نى قويۇپ تۇرۇپ ماۋۇ ئىنتايىن ئاقسا ئىشلەنگەن Windows9 سەزمە ئېكران ئۇقۇم تېخنىكىسىنى كۆرىلى!
- Windows نىڭ قوزغىلىش مۇزىكىسى بىزگە ناتونۇش ئەمەس، بىراق قايسىڭلار تولۇق نۇسخىسىنى ئاڭلاپ باققان؟!
- بالمېرنىڭ قورقۇنچلۇق چۈشى يېتىپ كەلدىمۇ؟ مىكروسوفتنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىشىدىكى سەككىز سەۋەپ
- كۆمۈلگەن مەخپىيەتلىك: Windows 95 نىڭ قوزغىلىش مۇزىكىسى ئەسلىدە Mac كومپيۇتېرىدا ئىشلىنىپتىكەن!!!
- مىكروسوفت Windows XP نىڭ ئېلان قىلىنىپ 10 يىلغىچە ھېلىھەم ھايات تۇرۇشىنىڭ 10 چوڭ سەۋەبى!
- Windows 8 – بىز يەنە بىر قېتىم، سېستىما قوزغىلىش سۈرئىتىنى تېزلەشتۈردۇق!

win98 نى مەن بەك ئىشلىتىپ كەتكنتىم. ھەجەپ ئەسلەپ قالدىم.
مەن winMe غا ئەڭ ئامراق ئىدىم. راستىنى ئىيتسام، ھازىرقى سېستىمىلارنىمۇ me دەپ ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن.