يېڭىلىق! ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفۇن مەشغۇلات سىستېمىسى بارلىققا كەپتۇ!!!

2007-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى گۇگىل باشچىلىقىدا قۇرۇلغان OHA(Open Handset Alliance) گە نوكىيا دىن باشقا دۇنيادىكى ئالاقە ۋاستىللىرىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى ئالدىراپ قاتناشتى، ھەم تەتقىقات تۈرىگە ئورتاق كۈچ قوشتى، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۇيۇشمىنىڭ كۈچلۈك قوللىشى ئاستىدا بىر مۇنەۋۋەر يېڭى ئەۋلات يانغۇن سىستېمىسى (Android) ئانجروئىد دۇنياغا كەلدى. ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى: گۇگىلنىڭ قۇلىدىن چىققان بۇ مۇنەۋۋەر سىستېمىمۇ ھازىرغىچە ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدىكى ھەرقانداق يېزىققا نىسبەتەن تەلتۈكۈس قوللاشنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرمىدى. شۇ قاتاردا ئانجروئىد نىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنى تولۇق قوللىشىمۇ يەنە بىر چوڭ مەسىلىگە ئايلانغان ئىدى…

يېقىندا Uyghurdev يۇمشاق دىتال ئىجادىيەت تەجرىبىخانىسى Android Open Source Project دىن ئىرىشكەن كود ۋە ھەر قايسى نەشىر پەرقىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن كۆپ ئىزدىنىش، نۇرغۇن سىناق ۋە تەجرىبىلەر قىلىش ئارقىلىق  ئانجروئىدنىڭ 2.xx نەشىرلىرىدە ئۇيغۇرچە تولۇق قوللاش خىزمىتىنى نەتىجىلىك تاماملىغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفۇن مەشغۇلات سىستېمىسى بولماسلىققا خاتىمە بېرىلگەن.

تۆۋەندىكىسى بىلىك كۇلۇبىدىكى ئەسلى يازمىدىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:

بۇ جەرياندا ئىشلەنگەن ئاساسلىق خىزمەتلەر تۈۋەندىكىچە :
1.        ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز يېزىقىنى سىستېمىنىڭ يادرولۇق قوللىشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ھەرقانداق ئورۇندا نورمال كۆرسىتىش مەسلىسى ھەل قىلىندى.
2.        ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز يېزىقىنىڭ ئوڭدىن سولغا يېزىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن يۈنۈلۈش توغرىلاش ۋە ئارىلاش يېزىقلاردىكى يۈنۈلۈش مەسلىسى ھەل قىلىندى.
3.        ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز يېزىقىدا ئىشلەنگەن تور بەتلەرنى نورمال كۆرسىتىش مەسلىسى ھەل قىلىندى.
4.        سىستېمىدا تەمىنلەنگەن يۇمشاق كۇنۇپكا تاختىسى ئاساسىدا كوپ خىل يېزىقلىق كۇنۇپكا تاختىسى ئىشلىنىپ، سىستېمىنىڭ ھەر قانداق ئورنىدا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز يېزىقىدا خەت كىرگۈزۈش ھەل قىلىندى.
5.        ئانجروئىدتىكى پۈتۈن ئۇچۇرلار تولۇق تەرجىمە قىلىنىپ دەسلەپكى ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ياساپ چىقىلدى.
6.        كۆپ ئىشلىتىدىغان بىر تۈركۈم قوللانما پروگرامما ئىشلەندى ھەم ھەقسىز تارقىتىلىدۇ.
7.        كۆپرەك ئىشلىتىلگەن دەپ قارالغان HTC نىڭ بىر قانچە يانفۇنلىرىغا ماس كېلىدىغان، ئۇيغۇرچە قوللاش تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇلغان، ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قۇشۇلغان ROM ياسىلىپ سىناق قىلىنىۋاتىدۇ ھەم پات ئارىدا ھەقسىز تارقىتىلىدۇ.

تۈۋەندىكى ئۇيغۇرچە ROM يېزىلغان Google Nexus one يانفۇندىن كۈرۈنۈشلەر:

سىستېما قوزغىلىش ئىكرانى

باش ئىكران

قوللانما پروگراممىلار قاتارى

پروگراممىلاردىن كۈرۈنۈش

سىستېما تەڭشەگ كۈرۈنۈشلىرى

باشقا سىستېما ئۇچۇرلىرى كۈرۈنۈشلىرى

ھۆججەت، مۇندەرىجە كۈرۈنۈشلىرى

تېكست ئۇقۇش كۈرۈنۈشلىرى
Coolreader  بىلەن ئۇقۇلغان ئۇيغۇرچە تېكست

Htmlviewer بىلەن ئۇقۇلغان ئۇيغۇرچە تېكست

تور كۆرگۈ دىن كۈرۈنۈشلەر

كەلگۈسى خىزمەتلەر:

1.سىستېمىنىڭ ئۇيغۇر يېزىقنى  يادرولۇق قوللاشتىكى ئۇششاق مەسىللەرنى داۋاملىق تۈزىتىش، ئەلالاشتۇرۇش.
2. تورداشلارنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن كۆپ ئىشلىتىلگەن ئانجروئىد يانفۇنلار ۋە تابلىت كومپيۇتېرلارنى ئاساس قىلىپ، سىستېمىنى ماسلاشتۇرۇپ  يۆتكەپ چىقىش(Porting)، ماس كېلىدىغان ئۇيغۇرچە ROM ياساش، تارقىتىش، يېڭىلاش، ئاسراش.
3. ئۇيغۇرچە قۇشۇلغان ئانجروئىد سىستېمىسىنى ئىشلىتىش جەريانىدىكى پىكىر-تەكلىپ، تەلەپلەرگە ئاساسەن سىستېما ئۇچۇرلىرىنىڭ مەنە ئەينەنلىكىنى مۇكەممەللەشتۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرقى تىل بۇلىقى ياساپ چىقىش. شۇنداقلا گۇگىل تەرەپ بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، ئۇيغۇريېزىقىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىش قائىدىسىغا مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلىق ماتېرىيال ۋە تىل بۇلىقى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىگە تەرەپ قوللىشىنى (official support) ئەمەلگە ئاشۇرۇش.
4. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئانجروئىد يۇمشاق دىتال ئىجادىيىتى توغرىسدا خەتلىك، سىنلىق ئۈگۈتىش ماتېرىياللىرى، ھەقسىز لىكسىيە، ۋە ھەقلىق قاراتما تەربىيىلەش ئېلىپ بېرىپ، بىر تۈركۈم يېڭى ئەۋلات، ئانجروئىدنى ئاساس قىلغان سىڭدۈرمە مەشغۇلات سىستېمىسى كەسپىي پروگراممىرلىرى ۋە سىستېما ئىنژىنىرلىرىنى يىتىشتۇرۇپ چىقىش شۇنداقلا ئانجروئىدنى مەركەز قىلغان، ئوتتۇرا ۋە چوڭ تىپتىكى كارخانىلارغا يۈزلەنگەن مۇنتىزىم كەسپىي تېخنىكا مۇلازىمىتى مۇھىتى بەرپا قىلىش، شۇ ئارقىلىق كوللىكتىپ ھەمكارلىقىدا كەسپىي تۈرلەر ئىجادىيىتى ئېلىپ بېرىش.
5.تورداشلارنىڭ ئىجادىي پىكىر-تەكلىپلىرى بولسا مۇناسىپ يېڭى تەتقىقات يۈنىلىشى ۋە تۈرى بىكىتىش.

بۇ توغرىسىدىكى يېڭىلىقلار مۇشۇ تېما ئاستىغا ئۆزلۈكسىز يېڭىلىنىدۇ، تورداشلارنىڭ بۇ خىزمەتلىرىمىز ئۈستىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم نوقتىلار، زۈرۈرىي مەسىللەر ھەم باشقا تەلەپلەر بولسا بىزدىن ئايىماسلىقنى، مۇشۇ تىما ئاستىغا داۋاملىق يوللاپ تۇرىشىنى سۇرايمىز.
تىل تەرجىمە خىزمىتىنىڭ كوپ قىسمى ئۇيغۇر يۇمشاق دىتال ئىجادىيەت تورىدىن سەھران ئەپەندى باشچىلىقىدا تاماملاندى. ھەم بۇ خىزمەتكە مۇناسىۋەتلىك بارلىق مەسىللەرگە سەھران ئەپەندى مەسئۇل بۇلىدۇ. باشقا تېخنىكىلىق مەسىللەر بولسا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر جاۋاپ بەرگۈسى.
ئاخىرىدا: بۇ ساھەدە ئىزدىنىۋاتقان كەسىپداشلارنىڭ تەكرار خىزمەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇندىن كىيىن ۋاقتى ۋە زېھنىنى سىستېما ئۈستىدىكى ئىجادىيەت خىزمىتىگە قارىتىشنى تەۋسىيە قىلىمىز، شۇنداقلا ھەمكارلىشىپ، سىستېما ئەۋزەللىكىدىن يۇقىرى چەكتە پايدىلىنىپ ئىجادىيەت خىزمىتىدە يېڭى تەسەۋۋۇر، يېڭى ئىدىيە يارىتىشنى ئىستەيمىز.
ئۇيغۇر يۇمشاق دىتال ئىجادىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان بارلىق ستۇدىنتلىرىمىزغا شۇنى تەۋسىيە قىلىمىزكى سىز كەلگۈسى تەرەققىيات نىشانىڭىز ئۈچۈن  ئىككىلەنمەي ئانجروئىد نى تاللاڭ. ئانجروئىد سىزنى ئادەتتىكى شارائىتتىمۇ ئەڭ ئاددىي، قۇلاي ئۇسۇل بىلەن ئىلىم-تېخنىكىنى ئەمەلىي قىممەتكە ئايلاندۇرىدىغان يولغا باشلايدۇ.

تەدبىركار ئەقلىفون ساھەسىدىكى بىر ھەۋەسكار بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرگە داۋاملىق دىققەت نەزەردە بولىدۇ ۋە كۆپچىلىكنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 45 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
  1. يۈسۈپجان نىياز ئەلقۇت : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قايسىلا ئەقلىيفون تور بەتلىرىگە قارىسام ئاندىرويىد سېستىمىسىنىڭ گىپى . نىمىشقا سىمبىياننىڭ پىروگراممىلىرىنى ئىشىلمەيدىغاندۇ ؟

  2. قانۇنچىلىق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىسىل ئىشتىن بىرسى يۇراققا چىقىپتۇ مانا

  3. مىرەن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇيغۇر ئىلكترۇنچىلىق تەرەققىياتىغا ئۇزلۇكسىز تۆھپە قوشىۋاتقان مېھنەتكەشلەرگە تەشەككۈر، ھارمىغايسىلەر!

  4. نۇرلۇق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پەن – تېخنىكىنىڭ ھوزۇرىنى ئانا تىلدا سۈرىسە نېمىدىگەن پەيزى…. )قايسى بىر ئىلىكترون كارخانىمىزنىڭ شۇ.ارى ، لېكىن بەك ياخشى گەپكەن، شۇڭا نەقىل ئېلىپ قويدۇم :oops: )

  5. ئىزدەن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەمدى ئەقلىيفوننىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ئىشلىتىدىكەنمىز دە؟! ھارمىغايسىلەر باتۇرلار…..
    لېكىن تەرجىمىدىكى بەزى خەتلەرنىڭ ئىملاسىدا ئازىراق مەسىلە باردەك ھېس قىلدىم. مەسىلەن: تىنىش بەلگىلىلىرى دىگەندەك…

  6. ساراڭ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاللا ….ئايفۇنۇم بىكار بوپتۇدە…. ھەي….. نىمىشقا iosگە دائىر ئىزدىنىشلار يوقتۇ …. خەپ كاللام جايىغا چۈشكەندە ئۆزۈم ئىزدەنمىسەم ………. :idea:

  7. تورداش : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بارىكاللا !!!!!!

    ھەجەپ چوڭ خوشخەۋەركەنغۇ بۇ … ھەممە تورداشلار مۇشۇنداق يانفۇن ئىشلەتكەن بولسا مىكرو بلوگنىڭ ئىسىلىدىن بىرنى ئاچاتتىكەنمەن .. .ھاھاھاھا

  8. بىباھا : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىز قەدىرىنى قىلمىساق ئۆزگىلەر قىپتۇ :arrow:

  9. تەنھا : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ تېلېفونى دەپ ئىشلىتىدىكەنمىز دە. ناھايىتى ياخشى بوپتۇ. قارىسام ئىملا توغرىسىدا پىكىرلەر كۆپرەك ئىنكاس قىلىنىپتۇ. مۇشۇ جەھەتتە يەنىمۇ كۈچ چىقىرىپ يېزىقىمىزنىڭ مۇكەممەللىكىنى ساقلىساق. مېھنەتكەشلەرگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت!!!
    كەلگۈسىڭلار، ئىستىقبالىڭلار چوقۇم پارلاق بولىدۇ. ئەزىمەتلەر. بارىكاللا!!!

  10. ئارقىش : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سىلەرگە كۆپ رەخمەت. بولسا ئەقلىي كىرگۈزگۈچنى ياسىغان بولساڭلار مەن پۇل تۈلەپ بولسىمۇ سېتىۋالغان بولاتتىم.

  11. iltebir107 : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نىمە دىگەن ياخشى ئىش بولغان ھە! بىزنىڭ ئەقىلفۇنلاردا ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇرچە يېزىقىنى ئىشلىتىش ئارزۇيىمىز ئاخىرى ئەمەلگە ئىشىپتۇ.شەخسەن مەن بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ شۇنداق خوش بولدۇم.

  12. قەيسەر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    چۈشۈرۈش ئادرىسى بولغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولغان بولاتتى…….

  13. ياسىن تۇرسۇن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بارىكاللا ئۇيغۇرۇمنىڭ ئەقلىگە، سىلەرنىڭ قىلىۋاتقىنىڭلار بىز بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى، مەدەنىيىتىنى قوغداش يولىدا قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ نەتىجە تۇرسا، قېنى قايسى بىرىمىز سىلەرگە تەشەككۈر ئېيىتماي تۇرالايمىز، رەھمەت سىلەرگە، مىللەت ئۈچۈن تېخىمۇ زور شان-شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭلارغا تىلەكداشمەن.

  14. جىن چىراق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    :wink: :wink: :wink: :wink: بەك يارايدۇ مەنمۇ يۇقۇرقىدەك قاراشتا :wink: :wink: :wink: :wink: :wink:

  15. مەمەتجان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نەدە ساتىدۇ؟

  16. پادىشاھ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پۇل بولغان بولسا ئالاتتىم بېرنى ئەپسۇس كېلەر يېلى ئالاي
    مەندە ھازېر قىزىل رەقەم كۈرۈلدى

  17. مەنگۈنۇر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋۇي بۇ تېلفۇن كارامەت ئېلغارمۇ نىمە….نىمدىگەن ياخشى ئىش بۇ چوڭ-كىچىك ھەممە ئۇيغۇرلىرىمىز بەھۇزۇر ئىشلىتەلىگۈدەك بۇ تېلفۇننى پەخىرلەنگۈدەك ئۇيغۇرلىرىمىز ئاز ئەمەسكەن…..

  18. گۈل : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    :smile: غەيرەت قىلىڭلار……….

باھا بېتى: 1 2





باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)