Android 4.0 دىكى ئۇيغۇرچە ھەرپلەر ئاخىرى نورمال كۆرۈنىدىغان بوپتۇ!
Android ھەۋەسكارلىرىنىڭ ھەممىسىگە شۇنداق بىر نۇقتا ئايانكى، بۇ سېستىما گەرچە ھەرقايسى جەھەتلەردىن خېلىلا مۇنەۋۋەر سانالسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرچىغا بولغان قوللىشى ئىزچىل ياخشى بولماي كەلگەن ئىدى. گەرچە Android ئۇيغۇرچە سېستىما (ROM) بولىقى تارقىتىلغان بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن تورداشلار ھازىرغىچە Android يانفونلىرىدا ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنى زىيارەت قىلىش مەسىلىسىدە خېلىلا قىينىلىۋاتقان ئىدى…
ھالبۇكى، Google تېخى يېقىندا ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى Android 4.0 سېستىمىسىدا ئىلگىرىكى نەشىرلىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇرچىنى قوللاش ئەھۋالىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش بولغان. يەنى ئىلگىرىكى سېستىمىلاردا گەرچە فونت تونۇتقان تەقدىردىمۇ ھەرپلەر ئۇلانمايدىغان ئەھۋال مەۋجۇد ئىدى. Android 4.0 دە بولسا، ھېچقانداق فونت قاچىلانمىغان تەقدىردىمۇ ئۇيغۇرچە ھەرپلەر شۇنداق كۆركەم ۋە ئۇز كۆرۈنىدىكەن. باشقا گەپنى قويۇپ، ئاۋال بىر قانچە رەسىم كۆرۈپ باقايلى.
iPhone ئۆزىدە ھېچقانداق ئۇيغۇرچە فونت بولمىسىمۇ، مۇشۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان فونتتا تور بېكەتلەرنى نورمال ئۇيغۇرچە كۆرسىتىپ بېرەلەيتى. بۇ جەھەتتە iOS ئىزچىل Android نىڭ ئالدىدا مېڭىپ كېلىۋاتقان ئىدى. قارىغاندا، بۇ كەڭ Android ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن يېڭى خۇشخەۋەردىن دېرەك بەرسەك كېرەك؟
PS: بىر قىسىم تورداشلار بۇ سۈرەتلەرنى قانداق تۇتقانلىقىمنى سوراپتۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە Android تەقلىدچىسى – Android SDK Emulator نىڭ كارامىتى. تورداشلار بۇ تەقلىدكۈچ ئارقىلىق كومپيۇتېردىلا ھەقسىز Android 4.0 سېستىمىسىدىكى يېڭىلىقلاردىن بەھرىمان بولالايدۇ.
مەنزىل تونىلى: بىر تىيىن چىقىم قىلماي ھەقسىز Google يانفونىنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈش – Android تەقلىدچىسى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: Android، Google، iPhone، ئۇيغۇرچە، ئەقلىفون، يانفون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 8,435 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى
- يازما مەنزىلى: http://www.torhumar.com/android4-0-uyghur-font.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > قايسى خىل پروگرامما تىلىنىڭ پروگراممېرىنىڭ ئەڭ جىق سەت گەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
- كېيىنكى يازما > 600 دانە شارنى تەرتىپ بويىچە ئېتىلدۇرۇپ ئىشلەنگەن ئىجادىي كارتون فىلىم
- iPhone نىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغىنىنى كۆرگەنمۇ؟! بۇ New iPhone5 تىكى Siri نىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىمىش!
- SAMSUNG نىڭ يېڭى تېلېفونى Galaxy S III رەسمىي ئېلان قىلىندى!
- Ubuntu 12.04 تارقىتىلدى (كۆرۈنمە يۈزى %93 ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سېستىمىسى)
- Android ئوينايدىغانلار ئۈچۈن تەۋسىيەلىك قورال – ShuaMe | ئەمدى Root قىلىش ياكى ROM يېڭىلاش تەس ئەمەس
- Google نىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى كۆزەينىكى ئاشكارىلاندى
- Windows Phone ھەققىدە بىلمەيدىغانلار دىققەت: Windows 8 بىلەن Windows Phone نى چۈشىنىڭ
- تەڭداشسىز قىزىل ئارمىيە باشقا ناخشىلارنى بىرەر قۇر چاناپ بولۇپ ئاخىرى ئۇيغۇرچە ناخشىلارغا تېگىش قىپتۇ!
- نېمىشقا يېڭى نەشىردىكى iOS ئېلان قىلىنىپلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ؟ Android نى نېمىشقا شۇنچە ئۇزۇن ساقلايمىز؟
- «غەزەپلەنگەن قۇشقاچ: ئالەم بوشلۇقى» iPhone/Android/PC نەشىرى ئېلان قىلىندى
- تۇيۇقسىز ئامىتىم كېلىپ تېخى بازارغا سېلىنمىغان بىر دانە 7 ديۇملۇق بىلكان پەدنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالدىم…





دىۋان دىگەن شۇمۇ ؟؟؟
دىۋانغا چىققانلىرىغا مۇبارەك بولغاي! (تەدبىركار سېلىگە قانچە پۇل بەردى؟)
ئەمدى ئۇيغۇرچە تونۇتىمەن دەيدىغان ئىشمۇ قالمىدى.
بۇ سۈرەتلەرنى قانداق تۇتتىڭىز؟
ۋاھ، بۇ قالتىس ئىش بوپتىغۇ؟
Android 4.0 لىك يانفون ئالغان ئوخشىمامسىز تەدبىركار غوجام؟
ئەمدى راست قولاي بولغۇدەك. ئاندرويىد سېستىمىلىق يانفون ئىشلىتىۋاتقانلار ئۈچۈن يەنە بىر ياخشى باھانە بوپتۇ.
تورخۇمارغا كۈندە بىر يىڭىلىق كىرىپ تۇرىۋاتىدۇ ،… ئاپتور ھەققىدە كۆزنىكىگە كۆزۈم چۈشتى …
تورخۇمارنىڭ قىستۇرمىللىرىنى بىر تونۇشتۇرسا بولاتتى….
ئۇنداق ئەمەستۇ؟!2009-يىلىنىڭ ئاخىرى بازارغا سىلىنغان X10 ئۇيغۇرچىنى مۇزدەك تونىيتىغۇ؟!
android 4.0 g13 كە قاچىلىغىلى بۇلارمۇ؟
سونىينىڭ يېڭى چىققان تېلفونلىرى ئۇيغۇرچىنى چېستەي تونۇپ قويىدۇ .
قايسى ماركىلىق يانفونلارغا ماس كىلىدۇ
مىنىڭ ئاندوروي2.1نوسخا ئىدى ،بۇنىڭغىمۇ ماس كىلەرمۇ ؟
مىنىڭ 2.2 ئىدى ، قانداق قىلغىلۇق ؟