نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > رەقەملىك دۇنيا > يازما مەزمۇنى

چەتئەللىكلەر ئۆزى ياساپ چىققان كۆپ نۇقتىلىق سېزىمچان ئېكران سەپلەنگەن ئالاھىدە خىزمەت سۇپىسى

چەتئەللىكلەر ئۆزى ياساپ چىققان كۆپ نۇقتىلىق سېزىمچان ئېكران سەپلەنگەن ئالاھىدە خىزمەت سۇپىسى

بۇ بولسا، چەتئەللىكلەر ئۆزى ياساپ چىققان ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىدىكى زامانىۋى تەسەۋۋۇر سىڭدۈرۈلگەن ئەگمە شەكىللىك خىزمەت سۇپىسى بولۇپ، كومپيۇتېر ۋە نۆۋەتتە تېخى Apple نىڭ iPhone، iPad، iTouch قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىدىن باشقا جايلاردا قوللىنىلمىغان ئەڭ زامانىۋى كۆپ چېكىتلىك سېزىمچان ئېكران تېخنىكىسى سىڭدۈرۈلگەن، ئۈنۈمىنى ئىنتايىن قالتىس دېيىشكە بولىدۇ! بىر قىسىم زامانىۋى تېخنىكىلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوللىنىشلاردىن ئادەتتىكى تۇرمۇشىمىزغىچە سىڭىپ كىرىشى شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، ھازىر ئۆتمۈش ئەمەس، بۈگۈنمۇ ئەمەس، بەلكى كەلگۈسىگە تەۋە زامان بولۇپ كەتتى…


无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 14 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
  1. بۈيۈك : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماڭغا قاپتۇ … ما يەرگە ئەزا بولۇپ بۈگۈن بىر تۆرىگە چىقىپتىمەن دە :grin:

    • يۈكسەل :

      ئاللاھ خۇدايىم ، سىلى نەنىڭ داموللا ، ئىشان ھەزرىتى بولغۇيتىلە ، بارغاق بەرمىسمۇ كېلىۋېرىپلا پەتىگە ؟! :arrow:

  2. يۈكسەل : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ما سەھرالىقلار مەسە – كالاچلىرى بىلەن كۆرپىنى ھەلەق قىلغۇچە، بىر پاتىئە قىلىۋېتەي . :grin:
    ھەي، شۇنداق بىر خىزمەت شىرەيىم بولغان بولسا قانداق ياخشى ھە ؟!… :???:

    • سەھرالىق :

      ياۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋ، مەن نەچچە كۈن تۆرگە ئۆتمەيزە،‹‹ مايمۇن يوق تاغتۇرادا يولۋاس پادىشاھ››بولۇۋاپتۇ ،-ھە :mrgreen: (ماۋۇ گەپتىن پۇتاق چىقارغانلارغا تۆرنى ئۆتۈندۈم)
      2012-يىلىدىن كىيىن ھايات بولساق، كۆرەرمىز… پۇل تاپسام يۈكسەلكامغا بىرتال سوۋغا قىلىمەن :razz:

    • ئۇيغۇربەگ :

      مۇشۇ كۈنلەردە سەھرالىقنىڭ بازاغا كىرىدىغانغا چولىسى يوقمۇ نىمە؟شۇنداق ئېسىل تېخنىكىلارنى تۇنۇشتۇرۇۋاتقان بولسىمۇ،دىۋانغا چىقالمىغىنىنى دىسە!

  3. بۈيۈك : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھازىرچە تۆمۈر باغاقنى ئىلىپ كىرىۋىرەي،كىيىن ئۆزۈڭلا ئەۋەتىپ قالاسىلە … :grin:

  4. estami : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كونا تېخىنكا بولۇپ قالدى . lcd ياراپ قالدى چىرايلىق ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. ۋاي دەپ كەتمەڭلار. پىرنسىپىنى بىلۋاسىڭىز سىزىمۇ قىلسىز. توردىن ئىزدسىڭىز بۇ توغرلۇق ماتېرىياللار ساماندەك.

    • ۋېرۇس :

      ئەمسە سىزمۇ ياساپ بېقىپسىزكەندە ؟ بىز ئۆزىمىز ھەقىىقى قىلىپ باقماي تۇرۇپ ھەيران قېلىۋېرىمىز … ئەگەر سىز قىلسىڭىزمۇ ھەم شۇنداق !

  5. سندىبات : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ما بالا سەھرادىن كىرىپمۇ مايالار كالىندارىنى بىلىدىكىنا؟ :???:

    • سەھرالىق :

      سەھرادا سائەت يوق،قۇياشقا قاراپ بىلىدىغان گەپ ۋاقىتنى ،سىلى دىڭىز قاراقچىلىرى بىلەن يۈرۈپ زامانىۋىلىشىپ كەتكەن بىلەن، بىز تىخى شەھەرلىكلەرگە يىتىشەلمەيۋاتىمىز :arrow:

  6. قەيسەر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نىمىلا دىمەيلى، تۇرمۇشىمىزدىكى بۇلۇپ ئۆتكەن، بۇلىۋاتقان ھەم بولىدىغان ھەر قانداق بىر نەرسىنىڭ ئاجىزلىقى، يوچىقى بولىدۇ، گەپ شۇنىڭدىن ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش. (مىنىڭچە ئېدىسوننىڭ ئۆمرىدە شۇنچە كۆپ نەرسە ئىجاد قىلىشىنىڭ سەۋەبىمۇ مۇشۇ)

  7. روھچىن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تىما نەدە قالدى . ئىنكاس نەدە يۈرىدۇ ؟
    باللا بۇيەر تۆرتالىشىدىغان تەدبىركارنىڭ تويى بولمىغاندىكىن تۆرنى قۇيۇپ تىما ھەققىدە پاراڭ سوقمامسىلە ؟

  8. سادا : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاي-ۋۇي! ما سەھرالىقلىنى،بىر ئوبدان نەرسىنى تونۇشتۇرىۋاتسا خەق ئولتۇرۇپ بولغان تۆرنى تالاشقىلى تۇرۇپتۇ!

    • سەھرالىق :

      ئۇستام، يۈكسەلباي تۆردە تۇرۇپمۇ مىنى قارغاپ ئارام بەرمىسەيا… مەسىسىنىڭ ئۇچىدىن نوقۇپ قويدۇم خالاس :mrgreen:






باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)