ئەخلەت ساندۇقىدىكى ھۆججەتلەرنى ۋاقىت تەرتىۋى بويىچە تازىلاش قورالى – BinManager
بىلمىدىم كەڭ تورخۇمار دوستلار Windows تىكى ئەخلەت ساندۇقىنى قانداق باشقۇرىدىكىن؟ مەن دائىم ئەخلەت ساندۇقىنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ئۇنتۇپ قالىمەن، شۇنداق بىر كۈنى قاتتىق دېسكىنىڭ بوشلۇقى يېتىشمەي قالغاندىلا، ئاندىن ئېسىمگە كېلىپ ئەخلەت ساندۇقىغا بېرىپ قاراپ باقىمەن ۋە تېخى تازىلانمىغان نەچچە GB لىق ھۆججەتلەرنى بايقاپ قالىمەن. بۇنداق قىلىشنىڭ ئارتۇقچىلىقى، كېيىن تۇيۇقسىز لازىم بولغاندا، خېلى بۇرۇن ئۆچۈرگەن نۇرغۇن ھۆججەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ، كەمچىلىكى، قاتتىق دېسكا بوشلۇقى ئىسراپ بولىدۇ. ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟
شۇڭا بۈگۈن كۆپچىلىككە سىغىمى پەقەت 61KB كېلىدىغان، ئەسلى كودى پۈتۈنلەي ئوچۇق بولغان ھەقسىز يۇمشاق دېتال BinManager نى تەۋسىيە قىلىپ قويۇشنى لايىق تاپتىم. BinManager بولسا بىر تۈرلۈك سىزگە ياردەملىشىپ ئەخلەت ساندۇقىنى ۋاقىت تەرتىۋى بويىچە تازىلاپ بېرەلەيدىغان قورال، ئەلۋەتتە Windows تا ناۋادا سىز مەلۇم ھۆججەتنى قەتئىي لازىم قىلمايدىغانلىقىڭىزنى جەزملەشتۈرەلىسىڭىز، Shift + Del كۇنۇپكىسى بىلەن بىۋاستە ئەخلەت ساندۇقىدىن ئاتلاپ كەتسىڭىز بولىۋېرىدۇ، ئەمما بەزىدە خاتا ئۆچۈرۈپ قويۇپ پۇشايمان قىلىدىغان ئىشلارمۇ بولۇپ تۇرىدۇ…
BinManager قاچىلانغاندىن كېيىن بىۋاستە ئۈستەل يۈزىدىكى ئەخلەت ساندۇقى ئايكونىنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىغا توپلاشتۇرىۋېتىلىدىغان بولۇپ، تەرتىپ بويىچە بىر ئاي ئىلگىرىكى، بىر ھەپتە ئىلگىرىكى، بىر نەچچە كۈن ئاۋالقى، ھەتتا بۈگۈندىن باشلاپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلانغان ھۆججەتلەرنى تازىلاپ بېرەلەيدۇ. ئەمەلىيەتتىمىغۇ، ئەخلەت ساندۇقى دېگەننى تۈرگە ئايرىپ تازىلاشنىڭمۇ بەك كۆپ ھاجىتى يوق، سېۋەت توشسا ئاچىقىپ تاشلىۋەتسەك، توشمىسا قاراپ بېقىپ لازىملىق نەرسىلەر بولسا ئىلغىۋېتىپ يەنە داۋاملىق ئەخلەت تاشلىساق بولىۋېرىدۇ. بىراق BinManager نىڭ بەزى ۋاقىتلاردا ھەقىقەتەن رولى كۆپ بولىدۇ.
BinManager نىڭ ئەسلى مەنبە كودى Microsoft Visual C++ .NET تا تەھرىرلەنگەن بولۇپ، ناۋادا داۋاملىق كېڭەيتىشنى خالايدىغان دوستلار بولسا ياكى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشنى خالايدىغان دوستلار بولسا ئاستى قىسىمدىكى ئەسلى كودنى چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقسا بولىدۇ.
ھۆججەت تەپسىلاتى:
ھۆججەت نامى: BinManager
ھۆججەت سىغىمى: 61KB
ئورگان تور بېكىتى: http://www.cheztabor.com/BinManager/index.htm
ھۆججەت تەپسىلاتى:
BinManager نى چۈشۈرۈش | مەنبە: torhumar.com | ئەسلى كودى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يۇمشاق دېتاللار]
- ھالقىلىق ســــۆز: windows، ئەلالاشتۇرۇش، تازىلاش
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 756 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى
- يازما مەنزىلى: http://www.torhumar.com/binmanager.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > Windows تىكى كۆك ئېكران بولۇۋېلىش ئەسلى مۇنداق باشلىنىپتىكەن…
- كېيىنكى يازما > تەڭداشسىز تەسەۋۇرغا تولغان كەلگۈسىدىكى شەھەر تۇرمۇشى
- مىكروسوفت ھەزىل قىلىنغان كىچىك فىلىم: ناۋادا Microsoft مۇ Windows Project Glass نى بازارغا سالسا…
- سىزنىڭچە بۇ Logo لار مىكروسوفتنىڭكىدىنمۇ چىرايلىقمىكەن؟ Win8 ئۈچىنچى تەرەپ Logo مۇسابىقىسىدىكى ئەسەرلەر
- Android ئوينايدىغانلار ئۈچۈن تەۋسىيەلىك قورال – ShuaMe | ئەمدى Root قىلىش ياكى ROM يېڭىلاش تەس ئەمەس
- Windows Phone ھەققىدە بىلمەيدىغانلار دىققەت: Windows 8 بىلەن Windows Phone نى چۈشىنىڭ
- Windows8 Beta ئىستېمالچىلار كۆرگەزمە نەشىرى(Windows 8 Consumer Preview) ئېلان قىلىندى!
- Windows8 نى قويۇپ تۇرۇپ ماۋۇ ئىنتايىن ئاقسا ئىشلەنگەن Windows9 سەزمە ئېكران ئۇقۇم تېخنىكىسىنى كۆرىلى!
- Windows نىڭ قوزغىلىش مۇزىكىسى بىزگە ناتونۇش ئەمەس، بىراق قايسىڭلار تولۇق نۇسخىسىنى ئاڭلاپ باققان؟!
- بالمېرنىڭ قورقۇنچلۇق چۈشى يېتىپ كەلدىمۇ؟ مىكروسوفتنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىشىدىكى سەككىز سەۋەپ
- كۆمۈلگەن مەخپىيەتلىك: Windows 95 نىڭ قوزغىلىش مۇزىكىسى ئەسلىدە Mac كومپيۇتېرىدا ئىشلىنىپتىكەن!!!
- مىكروسوفت Windows XP نىڭ ئېلان قىلىنىپ 10 يىلغىچە ھېلىھەم ھايات تۇرۇشىنىڭ 10 چوڭ سەۋەبى!

مەن سائەتلىكنى سائەتتە تازىلاپ تۇرىمەن…
!
يولداشلار شۇنىمۇ دەپ قوياي، مەن win7 كۆچۈپ بولدۇم جۇمۇ….
ئەڭ ئاخىرى كۆچۇپسىزدە …مەن كىيىنرەك كۇچەي ئەمسە …
بولسا ۋىن7 دىكى تەسىراتىڭىزنى يىزىشنى ئۇنۇتماڭ ھە…
باشقىنى قويۇپ ئا ياندىكى wp تور بوشلۇقىغا قىزىقىۋاتىمەن …
بىلوگبا ئۆلگەندىن بۇيان wp غا كۆچەلمەي ئۆزۈمنىڭ گۆشىنى ئۆزۈم يىگۈدەك بوپ كېتىۋاتىمەن … ئۇيغۇرلاردا مۇشۇ ئىشلارنى ۋاكالىتەن قىلىدىغانلار يوقمۇ ؟
تەدبىركار ئەپەندىم شۇدۇ! يىللىق ئالماس ئەزا بولسىڭىز، بوشلۇق بىلەن ئىسىم،مۇناسىۋەتلىك قانۇنىي رەسمىيەتلەرنى تەق قىلسىڭىزلا ،ھىچقانداق كۈچىمەي بلوە يازسىڭىز بولىدۇ، تەدبىركار ئەپەندىم سىزنىڭ بىكىتىڭىزنى ھەر ۋاقىت رىمونتلاپ تۇرىدۇ،شۇنداقمۇ يا ، تەدبىركار ئەپەندىم؟
ئۇ مۇلازىمەتنى ھازىر توختىتىپتۇ ئەمەسمۇ …
مەنغۇ ئەخلەت ساندۇقىنى دائىم قۇرۇق تۇغىزىمەن … ئەخلەتنى ۋاقتى ۋاقتىدا تۆكۇپ تۇرىمەن …
بولسا ھۇججەتلەرنى رەتلەش توغرىسىدا ياخشىراق دىتال بولسا يوللاڭە … قانداق بولسا بولاۋىرىدۇ …