بودەك خان مۇنداق دەيدۇ: كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۇشۇنداق سەمرىپ كەتسەم، مېنى يەنىلا ياخشى كۆرەمسىز؟
يەنە بىر يۈرۈش پۈتۈنلەي قول سېلىپ ئىشلەنگەن قاتۇرما شەكىللىك كارتون فىلىم، ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان يېرى، پۈتۈن فىلىم پەقەت بىر ئادەمنىڭ قولىدىن چىققان بولۇپ، پلانلاش ۋە ئىشلەشكە تەخمىنەن يېرىم يىلدەك ۋاقىت سەرپ قىلىنغان ئىكەن…
فىلىمنىڭ ئەسلى ئاپتورى، گۇڭجۇ گۈزەل-سەنئەت ئىنىستۇتى كارتون فىلىم فاكۇلتىتىنىڭ 2010-يىللىق ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، فىلىمنىڭ ئەسلى نامى خەنچە «小胖妞» قويۇلغان ئىكەن، مەن بۇ يەردە ئۆزلەشتۈرۈپ «بودەك خان» دەپ ئالدىم. فىلىم ئاپتورى خەن بولغاچقا، فىلىمدىكى خەنچە پۇراق سەل كۈچلۈك، بىراق كۆرۈنۈش ۋە مەزمۇندىكى ئىجادىيلىق پۇرىقى يەنىلا ئىنتايىن يۇقىرى!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئىجادىيەت، كارتون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 914 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 02-ئاينىڭ 17-كۈنى
- يازما مەنزىلى: http://www.torhumar.com/bodek-xan.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئۆزىنى يوشۇرالايدىغان ئادەمنى كۆرۈپ باققانمۇ؟ تۇنجى كۆرۈنمەس ئادەم جۇڭگودىن چىقتى…
- كېيىنكى يازما > قوڭغۇراقلىق سائەت Alarm – قويۇق تۇرمۇش پۇرىقىغا ئىگە ئىنتايىن نەپس ئىشلەنگەن قىسقا كارتون فىلىم
- ھەيران قالىسىز!! دەرىجىدىن تاشقىرى كود ماھىرلىرى يېزىپ چىققان 64KB لىق سىغىمدىكى ئالاھىدە 3D كۆرۈنۈشلەر!!!
- 82-قېتىملىق ئوسكار مۇكاپاتى نامزاتىغا كىرگەن نادىر ئەسەر – فرانسىيە قاقلىما كاۋىپى(French Roast)
- 2003-يىلىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر قىسقا فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كارتون – The Chubbchubbs(ئۇيغۇرچە خەتلىك)
- بىر كۆرۈپ قويۇشقا ئەرزىيدىغان كلاسسىك تەۋسىيە فىلىم: چىھىرونىڭ ئاجايىپ سەرگۈزەشتىلىرى(ئۇيغۇرچە خەتلىك)
- سەرەڭگە تېلىنى كۆيدۈرۈش ئارقىلىق ياساپ چىقىلغان بىر يۈرۈش نادىر فوتو-سۈرەت توپلىمى!
- تەپتىدىن مىسكىنلىق ۋە يالغۇزلۇق تۆكۈلۈپلا تۇرىدىغان بىر يۈرۈش ئۆزگىچە سەنئەت لايىھەلىرى…
- ياپونلۇق ئوقۇغۇچىلار ئىشلەپ چىققان يۇقىرى تەسەۋۋۇرغا ئىگە ئىككى قىسىملىق فىلىم: قارا دوسكا جېڭى
- يۇمۇرىستىك ۋە رىۋايەت تۈسىدىكى يەنە بىر قالتىس ئويۇن: ئىگە-چاقىسىز زېمىن(Borderlands)
- دۇنيا بويىچە 102 خىل مۇكاپاتقا ئېرىشكەن مىكرو كارتون فىلىم، نېمىلەرنى ھېس قىلدىڭىز؟
- ئىجادىي كارتون فىلىم cake – ماددى جەمئىيەتتىكى نەپسانىيەتچىلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان ھالاكەت!

ئىشلەش تېخنىكىسى راسلا بولىدىكەن جۇمۇ، مەزمۇنىنىمۇ بەلەن تاللاپتۇ ….. ھەي مەنمۇ ئويلاپ قالدىم، ئۆزگەرمايدىغان ئادەم يوق تۇرسا
خەپ بىرنى ئىشلىمىسەم كارتوندىن!!!!
بىزنىڭ كىنىمۇ چىقىرىپ ماختاپ قۇيۇڭلا دەيمە!!
ئافتېردا ئىشلەپتۇ بۇنى.
ئافتېردىمۇ مۇشۇنداق كارتونلارنى ئىشلىگىلى بولامدۇ؟
ۋەھشىغۇ …خىلى كاللىسى ئىشلەيدىكەن …بىرەر 10 نى بىر بولاپ ئۇزۇنراق كارتون ئىشلىسە خىلى چوڭ مۇكاپاتلارغا ئىرىشكۇدەك …
بىزلەردىمۇ ئىشلىسە بولمام دۇ … بولمىسا ئىشلىگۇدەك تىخنىكا بار .. ئىلانغىلام ئىشلەۋەمەي … قىسقا بولسىمۇ ئىشلىسە ئۆز ھۇنىرىنى نامايەن قىلغان بولىدۇ ..ئاندىن ھەممە ئادەم شۇنى بىلىدۇ ئەمەسمۇ … قارلۇقمۇ بىرنەچچە ئەسەر ئىشلەپ قوياپ يوق … سىنارىيە يوقمۇ يە . مەندە جىقتى بوممىسا …
ئەمدى شۇ ئېلاننى داۋبەن قىلىپ كوچىدا ھېچكىم ساتمايدۇ، كىنو-كارتون قاتارلىقلار بازارغا چىققۇچە بىزنىڭ پىلاستىنكىلارنى يېشىپ چىقىدىغان «قارا مېھمان»لىرىمىز بىر كېچىدىلا نەچچە ئون مىڭنى كۆپەيتىپ بازادا تۆكمە قىلغاندىن كېيىن زېرىكتىدە ئۇلار.
ئاخىرىدا ئاۋۇ ئاداش قىزنى تاشلاپ كېتىپ قالدىمۇ نېمە، تازا ئوساللىق بۇ.
ئەمما كارتون ياخشى چىقىپتۇ.
قىزنىڭ سەمىرىپ سەتلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرەپ تىكىۋەتتى
كۈنلەرنىڭ بىرىدە سەمىرىپ كەتسە يەنىلا ياخشى كۆرمەيدىكەن ئەمەسمۇ
راستىنلا ياخشى چىقىپتۇ!مۇھىت رەسىملىرىگە رىئال كۈرۈنۈشلەرنى ئارلاشتۇرۇپ تېخىمۇ ھاياجانلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىپتۇ!
تەسىرلىككەن ،ئاددى بولسىمۇ تۇرمۇش پۇرىقى كۈچلۈك چىقىپتۇ.
شۇڭا قىزلار سېمىزلىكتىن ئۆلگۈدەك قورقىدىكەندە ….
بەك ياخشى ھەم تەسىرلىك ئىكەن! بۇ تور بەتكە كېرىپ باقماپتىكەنمەن، بەك ياخشى نەرسىلەر بار ئىكەن ئەمەسمۇ؟ ھەي يەنىلا يىگىت قىزنى تاشلاپ كەتتى، بىچارە قىز نۇرغۇن جاپالار ئارقىلىق يىگىتنى قۇتقۇزغان ئىدى، مانا بۇ ئەرلەرنىڭ ماھىيېتى، خۇداغا شۇكرى مەن سېمىز ئەمەس.