سىمسىز تورنىڭ سىگنالى ئاجىز؟ ئىچىملىك قۇتىسىدىن پايدىلىنىپ ئاددى WiFi سىگنال كۈچەيتكۈچ ياسىۋېلىڭ!
ئىشىنىمەنكى، ھازىر يانفون، لەپتوپ قاتارلىقلارنىڭ ئائىلىلەردە ئومۇملىشىغا ئەگىشىپ، ھەممە ئۆيدە سىمسىز روتېر ئارقىلىق تورغا چىقىش ئومۇمۇملىشىپ كەتتى، ئىشقىلىپ ھازىر WiFi ئىشلىتىدىغان ئۈسكۈنىلەر خېلىلا كۆپ، iPhone دەيمىز، PSP دەيمىز، ۋە ياكى باشقا Android تاختا كومپيۇتېرلىرى دېگەندەك…ئەمما بەزىدە ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلى، ئۆيدىكى WiFi سىگنالى تازا ياخشى بولمايدىغان ئەھۋالغا دۇچ كېلىمىز، ئۇنداقتا بىز تۆۋەندىكى ئۇسۇل ئارقىلىق ئاددى بىر دانە WiFi سىگنال كۈچەيتكۈچ ياسىۋالايلى! زادى رولى بولامدۇ يوق، سىناپ باققاندىلا بىلىمىز…
بىرىنچى باسقۇچ، بىر دانە ئىشلىتىلىپ بولۇنغان كولا ياكى پىۋا قۇتىسى تاپىمىز ۋە پاكىز يۇيىمىز

ئېغىز قىسمىدىكى ھالقىنى ئاجرىتىپ ئالىمىز

پىچاقتەك تىغلىق ئەسۋاپلار ئارقىلىق قۇتىنىڭ ئاستى قىسمىنى يۇمىلاق شەكىلدە كېسىۋالىمىز، قۇتىنىڭ ئاستى قىسمى پۈتۈنلەي ئېلىۋېتىلىدۇ

يەنە شۇ پىچاق بىلەن قۇتىنىڭ ئۈستى قىسمىنى يۇمىلاق شەكىلدە كېسىۋالىمىز(دىققەت: پۈتۈنلەي كېسىۋېتىشكە بولمايدۇ، رەسىمدە كۆرسىتىلگەن ئاق سىزىق بار ئورۇننى كەسمەيمىز، شۇنىڭدەك ئاق سىزىق چوقۇم قۇتا ئاغزىغا يېقىن جايدا بولۇشى كېرەك)

ئاق سىزىق قويۇلغان جاينىڭ قارشى تەرىپىدىن گورزېنتال ھالەتتە بىر دانە قىزىل سىزىق سىزىۋالىمىز ۋە بۇ سىزىقنى بويلاپ كېسىمىز

تاشقى قاپنى ئاچىمىز ۋە ئاق سىزىق قويۇلغان جايدىكى قۇتا ئاغزىدىن روتېرنىڭ ئانتېناتىسىنى چىقىرىۋالىمىز، تاشقى قاپنى مۇۋاپىق شەكىلدە ئېگىپ قويساق بولىدۇ

WiFi سىگنال كۈچەيتكۈچنى ياساش تامام!

- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىچىك تېخنىكىلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: wifi، تور، تېخنىكا
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 5,103 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 09-كۈنى
- يازما مەنزىلى: http://www.torhumar.com/boost-wifi-signal-with-a-can.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > 21 پارچە ئىجادىي تارتىلغان سايە چۈشۈرۈش ئۈنۈمىدىكى فوتو-سۈرەت ئەسىرىدىن ھوزۇرلىنىش
- كېيىنكى يازما > قانداق قىلغاندا بىزگە قاراپ ئۇچقاندەك كېلىۋاتقان پويىزنىڭ ئالدىدىن ئامان قالغىلى بولىدۇ؟
- ھەيران قالىسىز!! دەرىجىدىن تاشقىرى كود ماھىرلىرى يېزىپ چىققان 64KB لىق سىغىمدىكى ئالاھىدە 3D كۆرۈنۈشلەر!!!
- بۇ خىلدىكى 3D گرافىك موتورى ناۋادا كەلگۈسىدە ئومۇملاشسا، ھەقىقىي ئارتېستلارنىڭ كۈنى تەسكە توختىغۇدەك!
- ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ تېخى ئىلگىرى ھېچكىم كۆرۈپ باقمىغان فانتازىيەلىك iPad مىش!
- ئاددى ۋە بىخەتەر ئۇسۇلدا Windows7 بىلەن Windows8 نى قوش سېستىما شەكلىدە قاچىلاش
- Windows8 نى قويۇپ تۇرۇپ ماۋۇ ئىنتايىن ئاقسا ئىشلەنگەن Windows9 سەزمە ئېكران ئۇقۇم تېخنىكىسىنى كۆرىلى!
- كىنو-فىلىم تارىخىدىكى ئاشۇ بەئەينى تىرىكتەكلا كۆرۈنىدىغان CG پېرسوناژلار
- ئامېرىكا تېلىۋېزىيە تىياتىرلىرى پۇلنى قانداق تېجەيدۇ بىلەمسىز؟ كىنو-فىلىم ئالاھىدە ئۈنۈم تېخنىكىسى
- يانفوندا تارتقان سۈرەتتىكى ئارتۇق ئېلىمېنتلارنى خالىغانچە ئۆچۈرىۋەتكىلى بولىدىغان ئاجايىپ سىرلىق تېخنىكا!
- مالايسىيادا تاماقخانىلاردا چوقۇم Wi-Fi شارائىتى بولۇشى شەرت ئىكەن، بولمىسا تۈرمىگە چۈشىسىزكەن!!!
- سەزمە ئەينەك ئېكرانلىق بىر كۈنلۈك تۇرمۇش كارتىنىسى سىزنى چوقۇم ھەيران قالدۇرىشى مۇمكىن…

مەن سىملىقنى ئىشلىتىمەن، تەرەققى قىلىپ سىمسىزغا كەلگەندە ئىشلىتىپ باقاي
رەھمەت ، بۇ بولىدىغان ئۇسۇلكەن ، مەنمۇ ئۈگىنىۋالدىم .
خاتىركومپىيوتىرنىڭكىنى كۈچەيتكىلى بولغان بولسىچۇ…………
ئۆيىڭىزنىڭ تېمىنى شۇنداق ياساڭ، سىگنال مەنبەسى بار تەرەپنى قىلمىسىڭىزلا بولىدۇ.
رەھمەت . ئۆيدىكى wifi سىىگىنالى ھەقىقەتەن ئاجىز ئىدى. ئوبدان پايدىلانسام بولغۇدەك . ئوزەممۇ ئىزدىنىپ باقماپىتمەن.
تەدبىركار سىزمۇ سىناپ باقتىڭىزمۇ يە ؟ ئۈنۈمى بولامدىكەن ؟
شۇنىمۇبىل مىگەن!!!
ئانچە روشەن پايدىسى يوقكەن كاساپەت …
يەنىلا مەخسۇس كۈچەيتكۈچكە يەتمەيدىكەن. ئۈنۈمى راست تۆۋەنكەن. يەنە سىناپ باققانلار بارمۇ؟
مېنىڭغۇ پۇلۇم يوق!