كۆرۈۋاتقىنىڭىز [ نـادىـر ئـويـۇنـلار ] غا مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

shank2

بىر يىلنىڭ ئالدىدا تورخۇماردا Shank ناملىق بۇ ئويۇننى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن چېغىمدا، نۇرغۇن تورداشلار بەس-بەستە چۈشۈرۈپ ئويناپ ياخشى باھالىرىنى بېرىشكەن ئىدى. يېقىندا بۇ ئويۇننىڭ ئىككىنچى قىسمى Shank 2 ئېلان قىلىنىپتۇ. ئورگان تەرەپ EA نىڭ دېيىشىچە، بۇ Shank بىرنى ئاددىيلا ئۆزگەرتىپ قويغان ئويۇن بولماستىن، بەلكى پۈتۈنلەي يېڭىچە بىر خىل ئويۇن ئىكەن…

ھازىرغىچە 3,166 قېتىم كۆرۈلدى

assassins-creed-revelations

بۇ قىسىمىدا رىۋايەتسىمان قەھرىمانىمىز Ezio يەنە بىر قەھرىمانىمىز Altair نىڭ ئىزىنى بويلاپ ھەقىقەت ئىزدەش سەپىرىنى باشلايدىكەن. بۇ قېتىمقى ئاساسىي جەڭ3 مەيدانى ئوسمان تۈركلىرى ئېمپىرىيىسىنىڭ مەركىزى ئىستامبول بولىدىغان ئوخشايدۇ. ئەلۋەتتە رەقىبىز يەنىلا سىرلىق ئىبادەتخانا چەۋەندازلىرى بولىدۇ…

ھازىرغىچە 4,056 قېتىم كۆرۈلدى

ultimate-assassin2

مەزكۇر ئويۇن ئاددىلىقىغا باقماي ئادەمنى ئوبدانلا ھاياجانغا سالىدۇ . ئويۇندا سىز مەلۇم قاتىللىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيسىز. ئەلۋەتتە بايقىلىپ قالماسلىق شەرتى ئاستىدا ، بەلگىلەنگەن نىشاننى ئوجۇقتۇرغاندىن كېيىن سىستېما كۆرسىتىپ بەرگەن يول بويىچە قېچىپ قۇتۇلىسىز. ئاڭلىماققا تولىمۇ ئاددى, ئەمما ناھايىتى قىيىن. قېنى تورخۇمارلار، بەسلىشىپ باقمامدۇق؟!

ھازىرغىچە 5,958 قېتىم كۆرۈلدى

one-and-one-story

مۇھەببەت قاينىمىغا چۆككىنىمىزدە، شۇنىڭغا ماس ھالدىكى يېڭى بىر ھېكايىمۇ باشلىنىدۇ. بۇ ھېكايىلەر بىرنىڭ كەينىدىن بىرسى ئۇلىشىپ دېگۈدەكلا ئېيتىلىدۇ ۋە بىزنىڭ يېتىلىشىمىزگە ئىزچىل ھەمرا بولىدۇ. چۈنكى مۇشۇنداق بىر گۈزەل ھېسسىيات بولغىنىدا، چۈنكى ئۇنداق ياكى مۇنداق ھېكايىلەر ئېيتىلىپ تۇرغاچقا، بىز بارا-بارا قاسراق تاشلايمىز، باشقىلار بىزگە سەل قارىمايدىغان ھالەتكە كېلىمىز. مۇھەببەت خۇددى ساندۇق ئىتتىرىش ئويۇنىغا ئوخشاش، ئىككى شەخىس ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا ئىنتىلىش، ھەمكارلىق، ۋە شۇنىڭدەك ئىككىيلەنگەن ئورتاق تەۋە بولغان ھېكايىلەرنى ئىتتىرىش ئارقىلىق تېخىمۇ تەرەققى قىلىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ مەزكۇر ئويۇندىن ئۆزگىچە زوق ئالالىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

ھازىرغىچە 3,804 قېتىم كۆرۈلدى

dubstep-electrophonic-music

بۇ دۇنيادا تالانتلىقلار ھەقىقەتەن كۆپ، ھەتتا ھازىر نەگىلا قارىسىڭىز تالانتلىقلار ئاۋۇپ كەتتى، بۈگۈن ھەتتا ئويۇن ئۈستىدىكى قورال ئاۋازىدىن پايدىلىنىپ ئىنتايىن قالتىس مۇزىكا ياساپ چىققان تالانتلىقلارنىمۇ كۆرۈپ باقايلى. مەلۇم بىرەيلەن «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى8(使命召唤8)» دىكى قورال ئاۋازىدىن پايدىلىنىپ Dubstep ئېلىكترونلۇق مۇزىكىسى ياساپ چىققان! قورال ئاۋازىنىڭ ئەسلىدە كىشىنى بىزار قىلىدىغان تەرىپىدىن باشقا مۇنداق جايلىرىمۇ بار ئىكەن ئەمەسمۇ؟!

ھازىرغىچە 5,162 قېتىم كۆرۈلدى

borderlands

ئىگىسىز زېمىن(Borderlands) گەرچە 2009-يىلى ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق ئارىمىزدىكى PC ئويۇن ھەۋەسكارلىرى چوقۇم ئويناپ باقمىغان ۋە ياقتۇرۇپ قالىدىغان FPS ئويۇنلىرىنىڭ بىرى. ئويۇننىڭ كۆرۈنمە يۈز ماتورىمۇ ئوخشاش تۈردىكى FPS ئويۇنلاردىن پەرقلىنىدىغان بولۇپ، بىر خىل كارتونلاشقان ئوبرازلار ئويۇندىكى يەنە بىر يارقىن نۇقتا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ھازىرغىچە 4,151 قېتىم كۆرۈلدى

lego-life-of-george

بىردانە تاختا كومپيۇتېر/زېرەك يان تېلېفونغا بىر نەچچە App ئويۇن قوشۇلسا، كېيىنكى ئەۋلاد ئويۇنلارنىڭ ئۇسۇلى قارىماققا بىزنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىمىزنى تېخىمۇ ياخشى جارىي قىلدۇرۇشقا يۈزلىنىدىغان ئوخشايدۇ. ئويۇنچۇق مەۋھۈم مۇھىتتىن ئايرىلسا، ھەقىقەتەن ئىلگىرىلەش بولارمۇ؟ ناتايىن…

ھازىرغىچە 3,049 قېتىم كۆرۈلدى

batman-arkham-city

شەپەرەڭ پالۋاننى ئارىمىزدا كۆرمىگەنلەر يوققۇ دەيمەن؟ ھېچ بولمىسا ئۇزاقى يىلى 8.9 نومۇرلۇق نەتىجە بىلەن IMDB دا 1-ئورۇنغا چىققان ”蝙蝠侠前传2:黑暗骑士“ نى كۆرگەن تورداشلار چوقۇم بار. مەزكۇر ئويۇن بولسا دەل مۇشۇ تىپتىكى ھېكايىلەرنىڭ باش قەھرىمانى شەپەرەڭ پالۋاننى تۇتقا قىلغان ئاساستا ئالدىنقى ئەۋلادقا ۋارىسلىق قىلىپ ئىشلەنگەن بۇ يىلقى يەنە بىر نادىر ئويۇن «شەپەرەڭ پالۋان: ئاركھىم شەھىرى» دۇر.

ھازىرغىچە 3,993 قېتىم كۆرۈلدى

deathspank

تور ئارىلاۋېتىپ بۇ ئويۇننى ئۇچرىتىپ قالدىم. ئەڭ ئاۋال مېنى قىززىقتۇرغىنى ئويۇننىڭ كۆرۈنمە يۈزى بولدى، كېيىن قىزىقىش ئىلكىدە چۈشۈرۈپ ئويناپ باقتىم، ئويلىمىغان يەردىن ئويۇن تەسەۋۋۇرۇمدىكىدىن سەل ياخشى چىقىپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن تورخۇمارلار بىلەن بىرگە ئوينايلى دەپ بۇ يەرگىمۇ سۆرەپ كىردىم. ئويۇننىڭ ئىسمىغا كەلسەك، مەن نېمە دەپ تەرجىمە قىلىشنى راستلا بىلمىدىم، كۆپچىلىك نېمە دەپ ئاتىغۇڭلار بولسا ئاتاۋېرىڭلار، بىراق ئويۇن يامان ئەمەسكەن…

ھازىرغىچە 3,451 قېتىم كۆرۈلدى

cod8-ghost

Ghost ئۆيىدە «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى8 : ھازىرقى زامان ئۇرۇشى3» نى ئويناۋېتىپ بىر ئىشنى بايقاپ قالىدۇ، يەنى ئويناپ ئويۇن تۈگىگىچىمۇ ئۆزى چىققان بىرەر مەيداننى ئۇچرىتالمايدۇ، بۇ ئىش ئۇنىڭغا قاتتىق ئېغىر كېلىپ ئاچچىغىدا ماكاروۋغا تېلېفون قىلىدۇ. ماكاروۋ بولسا ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا Price تەرىپىدىن ئېچىنىشلىق ھالدا دارغا ئېسىۋېتىلگەن خاتىمىگە قايىل بولماي ئاچچىغىدا ھاراق ئىچىپ ئولتۇرغان ئىدى. شۇ سەۋەپتىن بۇ ئىككىيلەن مەزكۇر ئويۇننىڭ تارىخىنى قايتىدىن يېزىپ چىقماقچى بولىدۇ، ئاقىۋەت….

ھازىرغىچە 5,699 قېتىم كۆرۈلدى

gatling-gears

«گاتلىڭ پىلىموتى(Gatling Gears)» ناملىق بۇ ئويۇن Vanguard Entertainment تەرىپىدىن تۈزۈلگەن ئويۇن بولۇپ، XBox سۇپىسىدا سېتىلىشقا باشلىغاندىن تارتىپلا ئويۇن ھەۋەسكارلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن، شۇ سەۋەپتىن ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ ئويۇننىڭ PC نەشىرىمۇ مەيدانغا كەپتۇ، ھەيۋەتلىك تەشۋىقات فىلىمى ۋە كەسمىلەردىنلا ئويۇننىڭ ھەقىقەتەن مۇۋەپپىقىيەتلىك چىققانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.

ھازىرغىچە 3,487 قېتىم كۆرۈلدى

cubium

بىر دانە كۆرۈنمە يۈزى ئىنتايىن نەپس لايىھەلەنگەن، كاللا ئىشلىتىش تەلەپ قىلىنىدىغان، فىزىكىلىق ئېلىمېنتلار سىڭدۈرۈلگەن ئويۇن. ئۆزگىچە كۆرۈنمە يۈز ئۇسلۇبى بىزگە تونۇش بولغان نادىر ئويۇن Limbo نى ئەسلىتىدۇ، قارىماققا ئىنتايىن چىرايلىق چىققان دېيىشكە بولىدۇ…

无觅相关文章插件,快速提升流量

ھازىرغىچە 4,461 قېتىم كۆرۈلدى