نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > كىنو-فىلىملەر
كۆرۈۋاتقىنىڭىز [ كىنو-فىلىملەر ] غا مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

a-short-history-of-cg-characters-in-movies

85-يىلىدىكى «ياش ھولمېس»تا ئىپادىلەنگەن ئىنتايىن ئاددى CG ئوبرازىدىن باشلاپ «ئاۋاتار»دىكى ئاجايىپ پۇزۇر تاشقى پلانېت مەنزىرىسىگىچە، كىنو-فىلىم تېخنىكىسى ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلىپ ۋە مۇكەممەللىشىپ كەلدى. فىلىمدە ئاددى قىلىپ 10 نەچچە يىل مابەينىدىكى كىنو-فىلىم CG تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىنى تەسۋىرلەنگەن. ئارىسىدىكى بىر قىسىم فىلىملەر شۇ دەۋر كىنوچىلىقىنىڭ شاھىدى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بىر كۆرۈپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.

ھازىرغىچە 732 قېتىم كۆرۈلدى

gravite-by-renaud-hallee

تور ئارىلاۋېتىپ ئۆزگىچە ئىشلەنگەن بۇ سىننى كۆرۈپ قالدىم. يەنى ئېغىرلىق كۈچىنىڭ تەسىرىدە جىسىملارنىڭ ئۈستىدىن تۆۋەنگە چۈشىدىغانلىقىنى دەپ ئولتۇرۇشنىڭ ئۆزىمۇ بىر قۇرۇق گەپ. بىراق مەزكۇر سىندا، شۇ جەرياندا يۈز بەرگەن ھادىسە، يەنى چىققان ئاۋازدىن پايدىلىنىپ ئىنتايىن ئۆزگىچە بىر يۈرۈش ئۇدار ھاسىل قىلىنغان، فىلىم ئاپتورىنىڭ تەسەۋۋۇرىغا قايىل بولماي تۇرالمايسىز…

ھازىرغىچە 1,435 قېتىم كۆرۈلدى

boardwalk-empire-effects-secret

ئىلگىرى تورخۇماردا ئېلان قىلىنغان «ئەسلىدە ئامېرىكا تېلىۋېزىيە تىياتىرلىرىنىڭ ھەممىسى مۇنداق سۈرەتكە ئېلىنىدىكەن» ناملىق يازما ئېسىڭىزدىمۇ؟ بۇلارنىڭ كىنو-فىلىم ۋە تېلىۋېزىيە تىياتىرلىرىغا ئىشلەتكەن تېخنىكىسىغا قاراپ، بۇلار كىنو ئىشلەشكە ھېچقانچە چىقىم كەتمەيدىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم. بۈگۈن كۆرىدىغىنىمىزمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش، HBO تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ دېڭىز ساھىلى ئىمپېرىيەسى ناملىق تېلىۋېزىيە تىياتىرىغا ئىشلەتكەن بىر قىسىم ئالاھىدە ئۈنۈم تېخنىكىسى.

ھازىرغىچە 2,828 قېتىم كۆرۈلدى

football-game-bugs

ئىلگىرىمۇ FIFA 2012 دىكى Bug سەۋەبلىك چىققان كۈلكىلىك كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ ئۆتكەن ئىدۇق، ئەمما Bug دېگەن بۇ نەرسە توختىماي چىقىپ تۇرىدىغان نەرسىكەن. بۈگۈن يەنە كۆپچىلىككە كىشىنىڭ غىدىقىنى قوزغايدىغان پۇتبول ئويۇن Bug توپلىمىنى ئېلىپ كەلدىم، تاماق يەۋاتقاندا ياكى چاي ئىچىۋاتقاندا كۆرۈپ قالماڭ، بولمىسا ئاقىۋىتىگە ئۆزىڭىز مەسئۇل…

ھازىرغىچە 3,285 قېتىم كۆرۈلدى

the-bear

مەن قانچىلىغان كلاسسىك دۇنياۋى كىنو-فىلىملەرنىڭ بىر ياخشى رېژىسورنى يېتىشتۈرۈپ چىقالايدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، ئەمما بىر ئادەمنىڭ كىنو كۆرۈش مىقدارى ۋە ئۇنىڭ كىنو ساھەسىدىكى ئالاھىدىلىكلىرى چوقۇم ئوڭ تاناسىپ تۈزگەن بولىدۇ! يەرگە ياتقۇزۇلغان پالاز شەكىللىك ئېيىق يەتكۈدەك كىنو كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭمۇ بىر ياخشى رېژىسور بولالايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان…

ھازىرغىچە 3,758 قېتىم كۆرۈلدى

nolan-cheddar

John Nolan نىڭ «Nolan’s Cheddar» ناملىق ئەسىرى، كىچىك چاشقان بىر دانە پىشلاقنى كۆرۈپ قاپتۇ ۋە توختىماي غاجاشقا باشلاپتۇ، غاجاپتۇ…غاجاپتۇ…غاجاپتۇ…. بۇ چاشقان چوقۇم ئادەتتىكى پىشلاقنى يېمىدى، ياكى بۇ چاشقان چوقۇم ئادەتتىكى چاشقان ئەمەس! ھېكايە گەرچە ئازراق شۈبھىلىك بولسىمۇ، ئەمما مۇزىكا ئىنتايىن جايىغا كىرىشتۈرۈلگەن…

ھازىرغىچە 4,192 قېتىم كۆرۈلدى

thereisacanal

ماۋزۇدا ئازراق ئادەم قورقۇتۇپ قويدۇم ھە؟! ھاھاھا! ئىلگىرى تورخۇماردا يوللانغان «جەڭگاھ3» ئويۇنى توغرىسىدا ئىشلەنگەن ئېلان فىلىملىرى ئېسىڭىزدىمۇ؟ يېقىندا توردا بىر قىسىم ئويۇن ھەۋەسكارلىرى ئۆزى رول ئېلىپ ئىشلىگەن بىر فىلىم قاتتىق مودا بولغان بولۇپ، YouTube دىن كەلگەن بۇ فىلىمدە ئىككى نەپەر «جەڭگاھ3» تىكى پېرسوناژنىڭ كۈرىشى تەسۋىرلەنگەن، ئويۇندىكى بارلىق ئېلىمېنتلار فىلىمدە ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىدە يورۇتۇپ بېرىلگەن، ھەتتا ئىشلەتكەن قورال-جابدۇق، كامېرانىڭ كۆرۈش بۇلۇڭى، ئاستا كۆرۈنۈش قاتارلىقلار…

ھازىرغىچە 6,310 قېتىم كۆرۈلدى

a-day-made-of-glass

2011-يىلى، Corning شىركىتى بىر دانە A Day Made of Glass ناملىق كەلگۈسى سەزمە ئېكرانغان تولغان بىر كۈنلۈك ئائىلە تۇرمۇشى سۈرەتلەنگەن سىننى ئىشلەپ، كەلگۈسىدىكى ئەينەك تېخنىكىسى سەنئىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىشلىتىلىشىنى نامايەن قىلغان، شۇنداقلا پۈتكۈل يەرشارىدىكى نەچچە مىليونلىغان تورداشلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. يېقىندا بۇ شىركەتنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، مەزكۇر سىننىڭ ئىككىنچى بۆلۈمى A Day Made of Glass 2 نى ئېلان قىلىپ، كەلگۈسىدىكى ئەينەك ماتېرىياللىرىنىڭ تۇرمۇش، مائارىپ، داۋالاش ۋە قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى قوللىنىلىشىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى…

ھازىرغىچە 3,217 قېتىم كۆرۈلدى

psycho-siri

ئالدىنقى يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى iPhone 4S ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپ، ھازىرغىچە قانچىلىغان كىشىلەرنىڭ Siri نى ھەزىللەشتۈرۈپ فىلىم ئىشلىگەنلىكىنى ساناپ بولالمايمىز. مەيلى دۆلەت ئىچىدىكىلەر بولسۇن ياكى چەتئەلدىكىلەر بولسۇن، ھەممىسى Siri دىن ئىبارەت بۇ ئاۋازلىق ياردەمچىنى گەپكە سېلىشقا ئىنتايىن ئامراق بولۇپ كەتتى، Siri تېمىسىدىكى خەۋەرلەرمۇ ھەركۈنى توردا ئۈزۈلمەيۋاتىدۇ…

ھازىرغىچە 5,923 قېتىم كۆرۈلدى

french-roast

بىر تەكەببۇر سودىگەر، پارىستىكى بىر ئاشخانىدا كافىي ئىچىپ بولغاندىن كېيىن پورتمالىنىڭ يېنىدا ئەمەسلىگىنى بايقايدۇ، شۇنىڭ بىلەن باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئىززەت-ئابرويىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى خالىمىغان سودىگەرنىڭ كۆڭلىدە بىر رەزىل نىيەت پەيدا بولىدۇ، بىراق مەقسىتى كەينى-كەينىدىن بىتجىت بولۇپلا قالماستىن، ھەتتا ئۆزىگە بالا تېرىۋالغىلى تاس قالىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا، ئويلىمىغان يەردىن ئۆزى تەرىپىدىن كەمسىتىلگەن بىر دىۋانە ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ…

ھازىرغىچە 3,753 قېتىم كۆرۈلدى

the-chubbchubbs

2003-يىلى سونىي Imageworks ئالاھىدە ئۈنۈم شىركىتى «ChubbChubbs» ناملىق بىر دانە قىسقا كارتون فىلىمى بىلەن شۇ نۆۋەتلىك ئەڭ مۇنەۋۋەر قىسقا كارتون فىلىم ئوسكار مۇكاپاتىنى ئېلىپ كەلدى، ئارىدىن تۆت يىل ئۆتكەندە بولسا، «ChubbChubb نىڭ روژدېستىۋا بايرىمىنى قۇتقۇزۇشى» دېگەن نامدا ئىككىنچى بۆلۈم كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتى. گەرچە بۇ كارتون فىلىملەر قويۇلغىلى ئۇزۇن يىللار بولغان بولسىمۇ، بىراق ئارىمىزدا يەنىلا تېخى كۆرۈپ باقمىغانلار بولۇشى مۇمكىن…

ھازىرغىچە 4,310 قېتىم كۆرۈلدى

lord-of-the-rings-bug

تور ئارىلاپ بىر تور بېكەتتىن دۇنياۋى داڭلىق فىلىم «ھۆكۈمران ئۈزۈك» نىڭ بەزى ئەجەللىك خاتالىقلارنى كۆرسىتىپ چىققىنى كۆردۈم، ئاندىن كۆپچىلىكنى كۆرۈپ باقسۇن دەپ ئۆزۈم ئۇيغۇرچە ئاۋاز بېرىپ تورغا يوللاپ سىلەرگە سۇندۇم…

无觅相关文章插件,快速提升流量

ھازىرغىچە 11,122 قېتىم كۆرۈلدى