نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > كىنو-فىلىملەر
كۆرۈۋاتقىنىڭىز [ كىنو-فىلىملەر ] غا مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
ناۋادا ئويغىنىپلا دۇنيانىڭ بىئو-خىمىيەلىك كىرزىس بىلەن تولغانلىقىنى بايقىسىڭىز قانداق قىلىسىز؟

چەتئەللىك زادى مۇشۇنداق خەق، ئىچى پۇشۇپ قالسا يېڭىلىق يارىتىمەن دەپ جىم تۇرمايدۇ، بۇدا تېخى ئاتايىتەن ئادەم قورقىتىدىغان قورقۇنچلۇق ئويۇندىن بىرنى تەييارلاپتۇ، ئاندىن ئويۇنغا قاتناشقۇچىنى ھوشسىزلاندۇرۇپ قويۇپ، ئاخىرىدا ئويۇن مەيدانى بىلەن ئوخشاش ھەقىقىي بىر ئۆينىڭ ئىچىگە ئاپىرىپ قويۇپ ھوشىغا كەلتۈرۈپتۇ، ئاندىن باشقا ئاممىۋى ئارتېستلارنى مۇردىلارنىڭ قىياپىتىدە ياساندۇرۇپتۇ! …..

ھازىرغىچە 6,415 قېتىم كۆرۈلدى
ھاماقەت ئىنسانلار، ئۇنچىلىك ئىشلار مېنى قورقىتالمايدۇ! لوس-ئانژىلېستىكى ئەڭ ئېغىر-بېسىق ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى

يېقىندا لوس-ئانژېلىستا ئاجايىپ ئېغىر-بېسىق ئوت ئۆچۈرۈش خادىمىدىن بىرسى بايقالدى، بۇ كىشىنىڭ ئېغىر-بېسىقلىقىدىن، ھەتتا ئالدىدا گۈرۈلدەپ كۆيۈۋاتقان ماشىنا پارتىلىسىمۇ خىيالىغا كىرىپ چىقمىغان، بۇنچىلىك كىچىك پارتلاش دېگەن نېمىتى؟ ھاماقەت ئىنسانلار،  ئۇنچىلىك كىچىك قورالىڭلار مېنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئىرادەمنى ھەرگىز بويسۇندۇرالمايدۇ!!!

ھازىرغىچە 4,040 قېتىم كۆرۈلدى
«جەڭگاھ3» ئويۇنىنىڭ ئەڭ يېڭى تەشۋىقات فىلىمى ئېلان قىلىندى، چۈشۈرۈش ئادرېسىمۇ تەمىنلەندى!

قوراللىق ئېتىشىش ئويۇنلىرى تۈرىدىكى يەنە بىر گىگانت ئەسەرنىڭ بىرى بولغان « جەڭگاھ3 » ( Battlefield 3 ) ئويۇنى مۇشۇ ئاينىڭ 25-كۈنى رەسمىي بازارغا سېلىنماقچى، EA بۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس ئەڭ يېڭى ئېلان تەشۋىقات فىلىمىدىن بىرنى ئىشلەپ تارقاتقان بولۇپ، بۇنىڭدىكى ھاۋا جېڭى ۋە قۇرۇقلۇق جېڭىنىڭ كىشىگە بېرىدىغان تۇيغۇسى ئاجايىپ قالتىس دېيىشكە …..

ھازىرغىچە 2,949 قېتىم كۆرۈلدى
«مەجبۇرىيەت چاقىرىقى8: ھازىرقى زامان ئۇرۇشى3» ئەڭ يېڭى تەشۋىقات فىلىمى ئېلان قىلىندى!

قوراللىق ئېتىشىش ئويۇنى تۈرىدىكى گىگانت ئەسەر « مەجبۇرىيەت چاقىرىقى8 : ھازىرقى زامان ئۇرۇشى3 » (Call of Duty: Modern Warfare 3) بولسا 11-ئاينىڭ 8-كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ، بۈگۈن يەنە فىلىمنىڭ ئەڭ يېڭى تەشۋىقات فىلىمى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ « جەڭگاھ3 »كە قارىتا بىر قايتۇرما ئىنكاس ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.

ھازىرغىچە 1,919 قېتىم كۆرۈلدى
بولدى مەن ئىشلىمەيمەن! قانداق قىلغاندا خىزمەتتىن ئەڭ ئاقسا ھالدا ئىستېپا بەرگىلى بولىدۇ؟!

بىر نەپەر Joey ئىسىملىك يىگىت خوجايىنىغا ئۆزىنى بىر كۆرسىتىپ قويماقچى بوپتۇ، ئەمما شىركەتكە بولغان چوڭقۇر نارازىلىقى تۈپەيلى، ئۇ بىر قەدەر ئاقساراق بولغان ئۇسۇل ئارقىلىق ئىستېپا بېرىپ ئاچچىغىنى چىقارماقچى بوپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇزىكا ئوينايدىغان بىر توپ دوستلىرىنى ئىزدەپ تېپىپ، خوجايىن شىركەتتىن دائىم ئۆتىدىغان يولدا ئاستاغىنە ساقلاپ تۇرۇپتۇ…

ھازىرغىچە 3,454 قېتىم كۆرۈلدى
ئوباما بارغانسىرى ئوماقلىشىپ كېتىۋاتىدۇ جۇمۇ؟! ئوبامانىڭ يېڭىچە قول ئېلىشىش ماھارىتى…

ھەر قېتىم باشقا دۆلەتلەردە بىرەر ئىش بولسا، ئوباما جايىدا تۇرالمايلا قالىدۇ. ئالدىنقى قېتىم لادىن ئۆلگەندە موللاق ئېتىپ كىرىپ كەتكەن ئوباما ، بۇدا قەززافىينىڭ ئۆلۈمى بىلەن يېڭىچە ھۈنىرى – ئوباماچە قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش ماھارىتىنى چىقىرىپتۇ. بالىلاردەك ئوماق زۇڭتۇڭ دېگەن نامى بىكارغا چىقمىغاندە؟

ھازىرغىچە 7,252 قېتىم كۆرۈلدى
مېسسى ھەقىقەتەن بىر تەڭداشسىز سەنئەتكار! PES 2012 دىكى مېسسى جېكسون تېخىمۇ شۇنداق!!!

مېسسىنىڭ جېكسوننى دوراپ تولغىما ئۇسۇل ئوينىغىنى كۆرگەنمۇ؟ چوقۇم كۆرمىگەنغۇ دەيمەن! چەتئەللىك تورداشلار PES 2012 دە مېسسى توپ كىرگۈزگەندىن كېيىن ئۇنى جېكسونچە ئۇسۇل ئوينىۋەتكەن! بەلكىم مېسسى بۇنى كۆرسە ئۆزىمۇ توپ مەيدانىدا قاچان بۇنداق ئىشلارنى قىلىپ باققانلىقىنى ئەسلىيەلمەسلىكى مۇمكىن!!!

ھازىرغىچە 2,488 قېتىم كۆرۈلدى
ئەلمىساقتىن بۇيانقى ئەڭ ئاقسا تاكسى!! ئەجىبا بۇ شوپۇر ئىلگىرى بەيگە ئاپتوموبېلى ھەيدەيدىغان بولغىيمىتى؟!

توۋا دەيمەن! بۇنداق تاكسىغا ئولتۇرۇش نەقەدەر قورقۇنۇچلۇقتە ھە؟! ئەتىمالىم بۇ شوپۇر ئاپتوموبېل مۇسابىقىسى مەيدانىدىكى چۈشلۈك ئارام ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ كىرا تارتقاچ ماشىنىسىنى يۇيدۇرغىلى ئازراق پۇل غەملىگىلى چىققانمىدۇ؟ ئۇدۇلدىكى قىزچاق بەلكىم ھەرقانچە بەزلىسىمۇ بۇ تاكسىغا ئولتۇرۇشقا پېتىنالماس، ئەپسۇس، بۇ دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس تاكسى غا ئولتۇرۇش پۇرسىتىدىن قۇرۇق قالىدىغان بولىدىدە؟

ھازىرغىچە 4,451 قېتىم كۆرۈلدى
ناۋادا ماشىنا ھەيدەپ كېتىۋاتقىنىڭىزدا، شۇنداق تەمكىن بىر يىلانغا يولۇقۇپ قالسىڭىز قانداق قىلىسىز؟

يىلان دېگەن بۇ مەخلۇقنىڭ قانچىلىك سۈرى بارلىقىنى دېمىسەممۇ كۆپچىلىككە ئايانغۇ دەيمەن؟ ناۋادا سىز ماشىنا ھەيدەپ كېتىۋاتقىنىڭىزدا، ئالدى ئەينەكتە بىر تال يىلان تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالسا قانداق قىلىسىز؟! بۇ يىلان تېخى شۇنداق تەمكىن ھالدا ماشىنىڭىزنىڭ ئۈستىدە ئۆمىلەپ يۈرسە، ھەتتا ئانچە مۇنچە ئەينەككە قاراپ ئاقسالىق قىلىپ قويسا، كۈلمىگەندىمۇ يىغلىۋېتىسىزغۇ دەيمەن؟

ھازىرغىچە 3,537 قېتىم كۆرۈلدى
ئېلاننىڭ ھەممىسى كىشىنى بىزار قىلىشى ناتايىن! hyundai نىڭ ئىناۋەت كارتىسى توغرىسىدا ئىشلەنگەن ئېلان

تۆۋەندىكىسى، hyundai شىركىتىنىڭ ئىناۋەت كارتىسى توغرىسىدا ئىشلەنگەن قاتۇرما كارتون شەكىللىك ئېلان بولۇپ، ئېلانغا iPad ،iphone لاردىكى سەزمە ئېكران تېخنىكىسىنىڭ ئېلىمېنتلىرى يۇغۇرۇلغان، شۇ ئارقىلىق بۇ خىلدىكى كارتىنىڭ ھەرقانداق جايدا ناھايىتى ياخشى ئەسقاتىدىغانلىقى كۈچلۈك يورۇتۇپ بېرىلگەن.

ھازىرغىچە 2,272 قېتىم كۆرۈلدى
فوتوگراف نۇسخىسىدىكى مەجبۇرىيەت چاقىرىقى – فوتوگرافلار ئوتتۇرىسىدىكى «قانلىق جەڭ»!

كەسپىي فوتوگرافلار ھەممىسى بىلىدۇ، نادىر بىر پارچە سۈرەتنى تارتىش، خۇددى ئۇرۇش قىلغانغا ئوخشايدۇ. يېقىندا YouTube دا مەلۇم بىر سىننىڭ كۆرۈلۈشى ئاجايىپ تېز سۈرئەتتە يۇقىرى ئۆرلىگەن بولۇپ، فىلىمدە بىر قانچە فوتوگرافلار مەلۇم بىر دەقىقىنى سۈرەتكە تارتىۋېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان بىر مەيدان «قانلىق جەڭ» تەسۋىرلەنگەن.

ھازىرغىچە 1,825 قېتىم كۆرۈلدى
خەير-خوش پۇرچاق ئەپەندى! ھاياتىنى كىشىلەرنى كۈلدۈرۈشكە بېغىشلىغان ئۇلۇغ سەنئەتكارنىڭ بىرى…

ئەنگلىيەنىڭ داڭلىق كومېدىيە ئارتىسى، ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغان پۇرچاق ئەپەندىنىڭ رولىنى ئالغۇچى ئارتىس رون. ئاتكىنسون يېقىندا سىدنېيدىكى تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەمدى پۇرچاق ئەپەندى رولىنى ئوينىمايدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۆزىنىڭ بەك قېرىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان.

ھازىرغىچە 10,671 قېتىم كۆرۈلدى