كۆرۈۋاتقىنىڭىز [ مــۇڭ كـۈيــلــەر ] غا مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

song-collection-20120218

ھەركىمنىڭ ئاڭلايدىغان ناخشا-مۇزىكىسىنىڭ تەمى ئۆزگىچە بولىدۇ. كۆپىنچىمىز ماشىنا ھەيدەپ كېتىۋاتقاندا بىر خىل مۇڭلۇق مۇزىكىلارنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىمىز، بولمىسا ماينى چىڭ دەسسەپ سالىدىغان ئىش چىقىدۇ، بەزىلىرىمىز بولسا شوخ DJ ناخشىلارنى ئاڭلىغاچ High قىلىپ مېڭىشقا ئامراق. تۆۋەندىكىسى بىر يۈرۈش رەتلەنگەن ماشىنىدا ئاڭلاشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان ناخشىلار، ئەلۋەتتە، ھەممىسى سىزنىڭ ئىشىتىھايىڭىزغا ماس كېلىشى ناتايىن، ئەمما ماشىنىدا ئاڭلىمىسىڭىزمۇ، ئاپتوبۇستا ئاڭلاپ قويسىڭىز زىيان قىلمايدۇ…

ھازىرغىچە 5,244 قېتىم كۆرۈلدى

song-collection-20120118

مۇزىكا ئۇ بىر خىل پوزىتسىيە، شۇنداقلا بىر خىل ئېھتىياج، مەيلى مۇزىكانت ياكى ناخشىچى بولسۇن، ياكى ئاڭلىغۇچى بولسۇن، ئۇ ھەممەيلەننىڭ قۇلاق پەردىسىدىن ئۆتۈپ ئەڭ ئاخىرىدا يۈرەكتىكى ھېس-تۇيغۇلارنى ئويغىتىدىغان ئاڭ ھېسابلىنىدۇ…

ھازىرغىچە 5,536 قېتىم كۆرۈلدى

czech-talent-show

ئەسلىدە WALL-E مۇ ئۇسۇل ئوينىيالايدىكەن ئەمەسمۇ؟! چېخ تالانتلىقلار سەھنىسىدە بىر مەيدان كلاسسىك مىخانىك ئۇسۇل ئوينالغان، تاكى سىن باشلانغاندىن تارتىپ ئاخىرلاشقۇچە بەلكىم ئۆزىڭىزنى WALL-E تۇرىۋاتقان ئاشۇ ماشىنا ئادەملەر ۋە تۆمۈر-تەسەك دۆۋىسىدە تۇرۇۋاتقاندەك ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن!!!

ھازىرغىچە 3,727 قېتىم كۆرۈلدى

song-collection-20120111

ناخشا يوللىمىغىلىمۇ ئۇزۇن بوپتۇ. بۈگۈن شىيامى تورىدىكى دوستلار ھەمبەھرلىگەن بىر يۈرۈش ناخشىلارنى كۆپچىلىككە ئېلىپ كەلدىم. ھەممىلا ئادەمنىڭ بۇ خىلدىكى مۇزىكىلارنى ياقتۇرۇشى ناتايىن. بىراق ياقتۇرىدىغانلار ھامان چىقىدۇ دەپ ئويلايمەن! تاللانغان بىر يۈرۈش لاتىنچە ناخشىلار توپلىمى، قېنى مەرھەمەت!

ھازىرغىچە 3,950 قېتىم كۆرۈلدى

song-collection-2011-12-11

بەلكىم بۇ مۇزىكىلار سىزگە بەلكىم ئىنتايىن تونۇش ئاڭلىنىشى مۇمكىن. شۇنداق، بۇ مۇزىكىلارنى بىر قىسىم كىنو-فىلىملەر، تېلىۋېزىيە تىياتىرلىرى، رادىيو، تېلىۋېزىيە پروگراممىلىرىدا دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. بۈگۈن دەل مۇشۇ مۇزىكىلاردىن 50 دانە تاللانما مۇزىكىنى كۆپچىلىككە ئېلىپ كەلدىم، بەلكىم كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىزگە ئەسقېتىپ قېلىشى مۇمكىن…

ھازىرغىچە 15,283 قېتىم كۆرۈلدى

someone-like-you

Adele ئىسىملىك بۇ بودەك ناخشىچى Someone Like You ناملىق بىر ناخشىسى بىلەنلا 17 دۆلەتنىڭ پلاستىنكا بازىرىدا بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلۇق ناخشىچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تور ئارىلاۋېتىپ بۇ ناخشىنىڭ باشقا دوراپ ئېيتىش ماھىرلىرى تەرىپىدىن ئېيتىلغان نۇسخىسىنى ئاڭلاپ قالدىم ۋە كۆپچىلىك بىلەن بىرگە تىڭشىغۇم كەپ قالدى…

ھازىرغىچە 3,312 قېتىم كۆرۈلدى

song-collection-20111021

پىيانىنو ئاۋازى قوشۇلغان مۇزىكىنىڭ كىشىنىڭ قەلبىنى قانچىلىك لەرزىگە سالىدىغانلىقىنى مەن دېمىسەممۇ كۆپچىلىككە ئايانغۇ دەيمەن؟ ئىلگىرى بىرەر مۇڭلۇق پىيانىنو ئاۋازى سىزنى تەسىرلەندۈرۈپ باققانمۇ؟ كۆڭلىڭىزنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىگە تېگىپ باققانمۇ؟ يېنىك، ئەمما دىلغا ھوزۇر مۇزىكىلاردىن قېنىپ بىر تىڭشايلۇق

ھازىرغىچە 23,807 قېتىم كۆرۈلدى

what-are-words

ئۇ ئىلگىرى starbucks(دۇنياغا داڭلىق قەھۋە)تا مۇلازىم بولۇپ ئىشلىگەن، يۈرىۋاتقىلى سەككىز يىل بولغان قىز دوستىغا توي تەكلىۋى قويۇپ مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا توينىڭ بوسۇغىسىغا قەدەم ئالغان، ئەمما قىز دوستى بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسىسىدە باش قىسمى ئېغىر يارىلىنىپ، داۋالىنىپ ساقايغاندىن كېيىن ئەقلى قابىلىيىتى ئىككى ياشلىق بالىدەك بولۇپ قالغان. ئۇ ئامېرىكا چولپانلارنى تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ مۇكاپات ئېلىپ ئايالىنى داۋالاتماقچى بولغان، ئەڭ ئاخىرىدا 24 كۈچلۈكنىڭ ئىچىگە كىرىپ، تۆۋەندىكى چوڭقۇر مۇھەببەتكە تولغان ناخشىسى «What Are Words» نى كۆپچىلىككە سۇنغان…

ھازىرغىچە 7,971 قېتىم كۆرۈلدى

neyanbhbin

ھەپتىدە بىر MV دىن ھوزۇرلىنىش ئادىتىمىز بويىچە، بۈگۈن روسىيەنىڭ داڭلىق سەنئەتكارى ئىگور كولدنىڭ neyanbhbin ناملىق ئەسىرىنى ئېلىپ كەلدىم. مۇزىكانت ۋە مۇزىكا توغرىلىق چۈشەنچىلەرنى ھالقىلىق سۆز ئارقىلىق Google لاپ باقساڭلار بولىدۇ. مەزكۇر مۇزىكىنى يانفون قوڭغۇراق مۇزىكىسى قىلىپ ئىشلەتسىمۇ ئاجايىپ يېقىملىق چىقىشى مۇمكىن.

ھازىرغىچە 3,128 قېتىم كۆرۈلدى

song-20110924

ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىشنىڭ كەيپىياتىغا توغرىلاپ يەنە بىر قىسىم لاتىنچە ناخشىلارنى رەتلەپ قويدۇم، ياقتۇرىدىغانلىرىڭىز بارمىكەن؟

ھازىرغىچە 4,143 قېتىم كۆرۈلدى

ناخشا-مۇزىكا بۇ دۇنيانىڭ تىلىنى ئورتاق باغلاپ تۇرىدىغان ئامىلنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، مەزكۇر MV مۇ YouTube غا ئېلان قىلىنىپ ئىككى ھەپتىدىكى چېكىلىشى نەچچە مىليون قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ ناخشىنىڭ ئالاھىدە يېرى شۇكى، ناخشىنىڭ بېشىدىن تارتىپ ئايىقىغىچە، تۆۋەن، ئوتتۇرا ئاۋازدىن يۇقىرى ئاۋازغىچە ۋە ھەرخىل سازلار، تەقلىدى ئاۋازلارغىچە ھەممىسى ناخشىچى Alaa Wardi بىر ئادەم تەرىپىدىن ئورۇنلانغان، ھەتتا ئوڭ-سول ئاۋاز يولىنىمۇ ئۆزى تاماملىغان…

ھازىرغىچە 3,909 قېتىم كۆرۈلدى

بىز دائىم ھەرخىل تېلىۋېزىيە پروگراممىلىرى ياكى توردىكى سىنلاردا، بىر قىسىم ئىنتايىن ھەيۋەتلىك ئاڭلىنىدىغان تەگمۇزىكىلارنى ئاڭلاپ تۇرىمىز، ئاڭلاۋېرىپ قۇلاققىمۇ يادا بولۇپ كېتىدۇ. بۈگۈن دەل شۇنىڭدەك 10 دانە تەگمۇزىكا توپلانمىسى ئېلىپ كەلدىم، بۇ مۇزىكىلارنى لازىم بولغاندا بەزىدە توردىنمۇ ئىزدەپ تاپالمايسىز، قېنى ئۇنداقتا نېمىگە قاراپ تۇرىسىز؟

无觅相关文章插件,快速提升流量

ھازىرغىچە 5,311 قېتىم كۆرۈلدى