[353 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
ئارىمىزدا « كارب دېڭىز قاراقچىلىرى » ناملىق بۇ فىلىمنى كۆرۈپ باقمىغانلار يوق دېيەرلىكقۇ دەيمەن. مەزكۇر فىلىمنىڭ 4-بۆلۈمى «كارب دېڭىز قاراقچىلىرى: ناتونۇش دولقۇن»مۇ ھازىر دەل پۈتۈن دۇنيادىكى كىنوخانىلاردا بەس-بەستە قويۇلىۋاتىدۇ. مەزكۇر فىلىم توغرىلىق گەپ بولسا، يەنە بىر نەرسە تىلغا ئېلىنماي قالمايدۇ. ئۇ بولسىمۇ «كارب دېڭىز قاراقچىلىرى» فىلىمىنىڭ ئاساسى مۇزىكىسى: He’s a Pirate
[374 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
ئىلگىرى تورخۇماردا ئېلان قىلىنغان « ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ iPhone دا ئورۇنلىشىدا: ئاي يۈزۈڭنى كۆرمىدىم » ناملىق سىن يادىڭىزدا بارمۇ؟ ئەلۋەتتە، تەڭداشسىز iPhone نىڭ قۇدرىتىگە سەل قارىغىلى بولمايدۇ. تۆۋەندىكىسىمۇ مەلۇم بىر ئۇيغۇر يىگىتنىڭ iPhone دىكى Gyro Air Drums ناملىق مەۋھۇم چاتما دۇمباق يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق ئورۇندىغان ماھارىتى…
[377 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
ئارام-ئېلىش كۈنلىرىگە قاتتىق قۇرۇق نەرسە تەييارلاپ بولالمىدىم، بىر قىسىم كونا كلاسسىك ناخشىلار بىلەن قوشۇلۇپ يەنە بىر قىسىم يېڭى لاتىنچە ناخشىلارنى كىچىك بىر توپلام قىلىپ قويدۇم، ناخشا-مۇزىكىغا ھېرىسمەن دوستلارنىڭ بلوگ يېزىپ چارچىغاندا ھاردۇقىنى يەڭگىللىتىشكە ئازراق بولسىمۇ پايدىسى بولار…
[384 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
魂斗罗 ئويۇنىنى ئارىمىزدا ئويناپ باقمىغانلار يوققۇ دەيمەن؟ ئەلۋەتتە، ئويۇن بىلەن قوشۇلۇپ ئاشۇ تونۇش مۇزىكا ھېلىھەم قۇلاق تۈۋىمىزدە جاراڭلاپ تۇرىدۇ. تۆۋەندىكىسى پىئانىنودا چېلىنغان 魂斗罗 ئويۇنىنىڭ بارلىق ئۆتكەللىرىنىڭ مۇزىكىسى بولۇپ، مۇزىكا بىلەن قوشۇلۇپ، بالىلىق دەۋرىمىزدىكى ئاشۇ تالىشىپ ئوينىغان ئۆتكەللەرنى بىر ئەسلەپ چىقايلى…
[411 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
ئارام ئېلىش كۈنلىرىگە قاتتىق قۇرۇق نەرسە ئېلىپ كەلگىلى بولمىدى، ئۆزۈممۇ چارچاپ قاپتىمەن. كۆپچىلىك بىرگە بىر قانچە تاللانما ناخشىنى بىرلىكتە تىڭشاشنى ماقۇل كۆردۈم. زېرىككەندە، خىيالغا پاتقاندا، قىلغىلى ئىش تاپالمىغاندا ۋاقىت ئۆتكۈزگەچ تىڭشاپ قويىدىغان تاللانما ناخشىلار …
[416 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
خىزمەت ۋاقتىدا دائىم ئاڭلايدىغان بىر يۈرۈش كلاسسىك ياۋروپاچە ناخشىلار ، ھەر بىر ناخشا كىشىگە ئۆزگىچە ۋە يېقىملىق تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. ئالدىنقى ناخشىلارنىڭ ئۇدار تۇيغۇسى سەل كۈچلۈك، كېيىنكىلىرى بىر قەدەر يۇمران تۇيغۇدىكى ناخشىلار، شۇڭا ئىككىگە بۆلۈپ تىڭشىساق ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەچلىگى بۇنداق يۇمران ناخشىلار تېخىمۇ بەك …..
[432 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
كۆپچىلىكنىڭ ئارام كۈنىگە يەنە بىر يۈرۈش تورداشلار تەرىپىدىن رەتلەنگەن، ھەتتا يەرشارىدىكى ئەڭ مۇڭلۇق ناخشىلار دەپ نام بېرىلگەن ئېنگلىزچە ناخشىلارنى ئېلىپ كەلدىم، ئەلۋەتتە زادى شۇنداق ياكى ئەمەسلىگىنى ئاڭلاپ باققاندىن كېيىن بىلىمىز…
[454 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
سەپەرنىڭ ھەممىسى كۆڭۈللۈك بولۇشى ناتايىن، بىراق ياخشى ناخشىلار ھەمرا قىلىنغان سەپەرلەر تولىسى كۆڭۈللۈك بولىدۇ. تۆۋەندىكىسى توردىن رەتلەنگەن 50 دانە تۈركچە-ئەرەپچە ناخشا توپلىمى بولۇپ، بىر قىسىم يېڭى كۈيلەرگە كلاسسىك مۇڭ ناخشىلار قوشۇلۇپ تېخىمۇ بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە قىلىنغان، تۈركچە ۋە ئەرەپچە ناخشىلار نى ياخشى كۆرىدىغان تورداشلار ئۈچۈن ياخشى تاللاش بولالىغۇسى…
[488 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
مېنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنىم كېچىسى ئىشلىگەچ م ۇڭ مۇزىكىلار دىن ھوزۇرلىنىش، بۈگۈن بۇ يەردە، ئوخشاش ھەۋىسى بار دوستلار ئۈچۈن بۇ تاللانغان 50 دانە مۇڭ مۇزىكا توپلىمىنى تەقدىم قىلاي، ھەر بىر مۇزىكىدىن ئۆزگىچە رېتىم ، مۇڭ تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ، كېچىلىك خىزمىتىڭىزدە چوقۇم ياخشى ھەمرا بولالىغۇسى!
[510 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
گەرچە ئېنگلىزچە ئۇقمىساقمۇ، تىڭشىغۇچ (耳机)تىن كەلگەن ئاشۇ نوتىلارنىڭ يېنىك تەۋرىنىشى ئاستىدا، يۈرىكىمىزنىڭ بىر يەرلىرىدە يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئەسلىمە پارچىلىرى ئويغىنىپ قالسا، سۇلغۇن مېلودىيەلەر نېرۋىمىزغا يېنىك سانجىلىپ بىزنى بىردەملىك بولسىمۇ بىھوش قىلسا ئەجەپ ئەمەس…
[523 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
بەزى ۋاقىتلاردا ئاشۇ بىر بۆلەك مۇزىكىلارمۇ ئادەمنىڭ كۆڭلىنى دولقۇنسىمان تۇيغۇغا سالالايدۇ، چوقۇم ناخشا تېكىستى بولۇش شەرت ئەمەس، بەلكى پەقەت ئاشۇ يېنىك ۋە ساپ مۇزىكىلا خۇشال ۋاقتىمىزدىكى ياكى ئازاپلىق مىنۇتلاردىكى ھېس-تۇيغۇلارنى ئويغىتالايدۇ. ئۇنداقتا تۆۋەندە مۇزىكا توغرىلىق مۇنازىرە قىلىشىپ يۈرمەيلى، قۇلاققا تىڭشىغۇچنى سېلىپ، لېرىك ۋە لەرزان مۇزىكىلار دىن بىرلىكتە ھوزۇرلىنايلى! …..
[572 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
كۆپچىلىك بىلەن ئولتۇرۇپ ناخشا تىڭشىمىغىلىمۇ ئۇزۇن بوپتۇ، بۈگۈن يەنە بىر يۈرۈش تاللانغان لاتىنچە ناخشىلار نى ئېلىپ كەلدىم، بلوگ يازغاچ ئاڭلىساڭلار چوقۇم خوشياقىدۇ…
ئەگەردە 1000يىل بۇرۇن ياشىغان بولسا داڭلىك كارۋانچى بولغۇدەك بۇ بۇرادە!