نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > يۇمشاق دېتاللار > يازما مەزمۇنى

Windows 7 دە XP دىكىگە ئوخشاش كلاسسىك باشلاش تىزىملىكىنى ئىشلىتىش – Classic Shell



Vista دىن بۇرۇنقى نەشىردىكى Windows لاردىكى باشلاش تىزىملىكى ئەزەلدىن ئۆزگىرىپ باقمىغان، نۇرغۇن كونا كومپيۇتېرلاردا باشلاش(开始) – پروگرامما(程序) نى باسساق ئېكرانغا لىققىدە كەلگۈدەك قاچىلانغان پروگراممىلارنىڭ تىزىملىكى كۆرۈنەتتى. ئەمما Windows 7 ئۆزىدە بۇ خىل كلاسسىك باشلاش تىزىملىكىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئورنىغا ئىزدەش رامكىسى قوشۇلغان يېڭىچە باشلاش تىزىملىكىنى دەسسەتكەن، گەرچە ئىشلىتىشكە ئاسان ۋە ئىقتىدارى كۈچلۈك بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم كونا ئادىتىنى ئاسانلىقچە ئۆزگەرتەلمەيدىغان ئابونتلار ئۈچۈن، يەنىلا ئاشۇ كلاسسىك باشلاش تىزىملىكى سۆيۈملۈك تۇيۇلىدۇ.

Classic Shell بولسا دەل Windows 7 نىڭ باشلاش تىزىملىكىنى ئەنئەنىۋى باشلاش تىزىملىكىگە ئايلاندۇرۇپ بېرەلەيدىغان قورال. ئەلۋەتتە Classic Shell نىڭ بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن تەپسىلىي تەڭشەكلىرىمۇ بار. Classic Shell گەرچە ئۆزى كىچىك، ئىقتىدارى ئاددىي تۇيۇلسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ سىزگە ئېلىپ كەلگەن قولايلىقلىرى، بولۇپمۇ XP دىن يېڭىلا Windows 7 گە كۆچۈپ چىققۇچى دوستلار ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن ئەسلىمىلىرىگە سەل قارىماڭ. بەزىدە كىچىككىنە ئادەت مەسىلىسىمۇ خېلى چوڭ ئىشلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. ناۋادا سىز Windows 7 نى يېڭى ئىشلىتىش جەريانىدا يېڭىچە باشلاش تىزىملىكىگە كۆنەلمىسىڭىز ياكى XP دىكى ئەنئەنىۋى باشلاش تىزىملىكىنى ياقتۇرسىڭىز، ئۇنداقتا تەدبىركار بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغان Classic Shell نى قولدىن بەرمەڭ!

چۈشۈرۈش مەنزىلى:

ئورگان تور بېكىتىدىن چۈشۈرۈش |    مەنبە: torhumar.com

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 5 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
  1. ...كەپسىز شۇم... : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاھ…. ئالامەت كۆڭلۈمدىكىدەك يازمىكە ماۋۇ….. :grin:

  2. ياۋايى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي مەن ئاۋۋال ۋىن 7 كۇچەي جۇمۇ …. ئۆزۇمنىڭ كومپۇيۇتىرى بوغان بوسا كۇچىۋىرەتتىم … ما ئىدىيەسى قالاق چوڭلا نى زە …

    • سەھرالىق :

      جىڭ ياۋايىكەن ماۋۇ… چوڭلارمۇ كۆنۈپ كېتىدۇ، مەن بولغان بولسام يوشۇرۇنچە قاچىلاپ قوياتتىم :idea:

  3. ئۇيغۇربەگ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاۋۇ ياتاقدىشىم xpگە كۆچسەم دەپ قاقشاۋاتىدۇ!

  4. نۆل ۋە بىر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    چىرايلىق ۋىندوۋىس يەتتىنى ئېكىسپىگە ئوخشاش سەتلەشتۈرۈپ نىمە قىلىمىز ھا؟ ھى ھى ھى :idea:






باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)