نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > يېــڭــى ئىــشــلار > يازما مەزمۇنى

كەينىڭىزدىن ئەگىشىپلا يۈرۈيدىغان مۇنداق سافا بولسا ھەرگىز ھېرىپ قالمايسىز!

كەينىڭىزدىن ئەگىشىپلا يۈرۈيدىغان مۇنداق سافا بولسا ھەرگىز ھېرىپ قالمايسىز!

بۇ بىر ماشىنا ئادەم شەكلىدىكى سافا بولۇپ، ناۋادا سىز بۇ سافانى شەكىل ئۆزگەرتەلەيدۇ دەپ قارىغان بولسىڭىز خاتالىشىسىز، بىراق بۇ سافا شەكىل ئۆزگەرتىشتىنمۇ قالتىس ئىشلارنى قىلالايدۇ، قېنى ھەممىمىز بىرلىكتە بۇ سافانىڭ كارامىتىنى كۆرۈپ باقايلى.

بۇ يەردىكى سافا كۈتۈپخانىدا ئىشلىتىش ئۈچۈن ئالاھىدە لايىھەلەنگەن بولۇپ، RFID بەلگىسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ماس كارتىسىغا ئۇچۇر چاپلىنىدۇ، ناۋادا كارتا سافانىڭ بەلگىلەنگەن سېزىمچان رايونىغا سۈركىلىپ ئاكتىپلانسا(ئادەتتە بىز بانكا كارتىسىنى سۈركەپ مال سېتىۋالغانغا ئوخشاش)، سافا ئۆزلىكىدىن قوزغىلىپ ھەرىكەتكە كېلىشكە باشلايدۇ. سىز كۈتۈپخانىدا ئۆزىڭىزگە ماس كىتابنى ئىزدىمەكچى بولۇپ، ھەرقايسى كىتاب جازىلىرىنى ئايلانغان چېغىڭىزدا بۇ سافا سىزنىڭ كەينىڭىزدىن ئەگىشىپلا ماڭىدۇ، تاكى سىز ئۆزىڭىزگە لازىملىق كىتابنى تېپىپ بىر ئورۇندا توختىغان چاغدا ئۇمۇ سىزگە ئەگىشىپ شۇ جايىدىلا توختايدۇ، بۇ چاغدا سىز سافاغا ئولتۇرۇپ بىر تەرەپتىن كىتاب ئوقۇغاچ بىر تەرەپتىن ھوزۇرلانسىڭىز بولىدۇ. سىز كىتاۋىڭىزنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، پەقەت چىقىش ئىشىكى تەرەپكە ماڭسىڭىزلا بولدى، ئىشىككە يېقىن جايدا بىر گورزېنتال نۇر سىزىقى بولىدۇ، سافا بۇ سىزىققا يېقىنلاشقان چاغدا ئاپتوماتىك سىگنال قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئۆزلىكىدىن سىز ئۇنى يېتىلەپ ماڭغان جايغا قايتىپ ئۆزىگە داۋاملىق توك تولۇقلايدۇ.
تۆۋەندىكى سىننى كۆرۈش ئارقىلىق بۇ سافانىڭ كارامىتىنى تېخىمۇ ئېنىق ھېس قىلالىشىڭىز مۇمكىن، 10 نەچچە سافا بىر-بىرىنى قىستىماي تۇرۇپ ئۆچىرەت بويىچە مېڭىشى ئادەمنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 3 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
  1. كۇنۇپكا : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نوچى ساپاكەن

  2. كارو : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سافالارنىڭ غوجىسى ئىكەن

  3. نەفىسە : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋۇي نېمە بوپ كەتتى بۇ !!! كېيىن بۇنىڭغا قوشۇلۇپ ھاجەتخانا ،بوسا ئۆيلىرىمىزمۇ كەينىمىزدىن ئەگىشىپ ماڭغۇدەكقۇ….. بۇ كۈنلەرگىمۇ ئاز قاپتۇ-دە ……






باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)