نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > مەتبۇئات

مەتبۇئات

سىزگە يارىغان ياكى سىز نادىر دەپ قارىغان ئەسەرلەرنى كۆپچىلىك بىلەن بىرگە بەھرلىنىڭ!

تورخۇمارلار كۇلۇبى(قىسقىچە تورخۇمار دەپمۇ ئاتاپ قويىمىز) قۇرۇلغاندىن بېرى، ئىزچىل ھالدا كۆپچىلىككە توردىكى نادىر مەزمۇنلارنى تاللاپ تونۇشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ، شۇ ئارقىلىق كەڭ تورخۇمار دوستلارنىڭ كۈندىلىك تور تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن، ئازراق بولسىمۇ ئەجىر سىڭدۈرىۋاتىدۇ، شۇنىڭغا يارىشا كۆپچىلىكنىڭ تورخۇمارغا بولغان قوللىشى، مەدىتى، قىزغىنلىقى ۋە ئالقىشلىرىمۇ ئۈزۈلمەي تۇرىۋاتىدۇ، بۇ يەردە شۇنى ئېيتماي تۇرالمايمىزكى، تورخۇمارنىڭ بۈگۈنى ۋە ئەتىسى كەڭ تورداشلارنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىدىن ئايرىلىپ باققان ئەمەس! ئەلۋەتتە، نۆۋەتتە تەدبىركار بىر كىشىنىڭ زېھنى قۇۋۋىتى ۋە ۋاقىت شارائىت چەكلىمىسى ئىنتايىن قىس بولغاچ، تورخۇمارغا كۆيۈنىدىغان ۋاقىتمۇ كۈندىن-كۈنگە ئازلاپ كېتىۋاتىدۇ، ھەر كۈنى يازما يېڭىلاش(يازمىغا مۇناسىۋەتلىك رەسىم ئىزدەش، لايىھەلەش، تورغا يوللاش، تونۇشتۇرۇش، تەشۋىقات قاتارلىقلار) سەۋەبىدىن تۈن كېچىگە ئولتۇرۇپ قالىدىغان ۋاقىتلارمۇ يوق ئەمەس. گەرچە، مەن ئۆزۈم شۇنداق قىلىشقا رازى بولساممۇ، يەنىلا نۇرغۇن تورداشلارنىڭ تورخۇمارنىڭ يېڭىلىنىش سۈرئىتى قاتارلىقلارغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرالماي كېلىۋاتىمەن.

كەڭ تورخۇمار دوستلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، تورخۇمارلار كۇلۇبىنىڭ يازما يېڭىلاش چاستوتىسىنى يەنە بىر قەدەم يۇقىرى كۆتۈرۈش يۈزىسىدىن، بۈگۈندىن باشلاپ تورخۇمارلار كۇلۇبىنىڭ زىيارەتچىلەرگە بولغان ئەسەر قوبۇللاش تۈزۈلمىسى رەسمى ئېچىۋېتىلدى، ھەر قايسى دوستلارنىڭ تورخۇمارنى مەن بىلەن بىرگە تەڭ قۇرۇپ چىقىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن!

ئەسەر قوبۇل قىلىشقا دائىر بىر قىسىم ئىزاھاتلار:

1. ناۋادا سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە نادىر، ھېچ بولمىسا ياخشى دەپ قارىلىدىغان، تورخۇمارلار كۇلۇبىنىڭ نۆۋەتتىكى مەزمۇن دائىرىسىگە ماس كېلىدىغان ھەرقانداق ئەسەر، جۈملىدىن، يۇمشاق دېتال، قىسقا فىلىم، ئەدەبىي ئەسەر، يانفون، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى خەۋەر، ناخشا-مۇزىكا، ئويۇن، كومپيۇتېر بىلىملىرى(ئاساسى جەھەتتىن، ھەرقانداق تىپتىكى ئەسەرگە چەكلىمە يوق، يان ستوندىن مۇناسىۋەتلىك سەھىپىلەرنى كۆرۈشكە بولىدۇ)…قاتارلىق پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى ئەسەرلەر بولسا، مۇشۇ يەرگە يوللىسىڭىز ياكى تور ئادرېسىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ.

2. ئەۋەتىلىدىغان ئەسەر قانچە تەپسىلىي بولسا شۇنچە ياخشى، بۇنداق بولغاندا مېنىڭمۇ كۆپ ۋاقتىم تېجىلىدۇ، ئەسىرىڭىزمۇ تېز سۈرئەتتە تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشەلەيدۇ. ناۋادا بۇنى ئاۋارىچىلىق كۆرسىڭىز، سىز تەۋسىيە قىلماقچى بولغان شۇ ئەسەرنىڭ تور ئادرېسى ياكى قىسقىچە چۈشەندۈرىلىشى ۋە ياكى ئىسمىنى بولسىمۇ قالدۇرۇپ قويسىڭىز بولىۋېرىدۇ. ئەلۋەتتە، ناۋادا تەپسىلىي ئۇچۇر تەمىنلىيەلىسىڭىز، تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇپ كېتىدۇ، مەنمۇ سىزگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن.

3. ئەلۋەتتە، تورخۇمارلار كۇلۇبىنىڭ يازما سۈپىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە كەڭ تورخۇمار دوستلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، سىز يوللىغان يازما ئاۋال قاراپ تەكشۈرۈلۈپ ئاندىن تەستىقلىنىدۇ. ئەمما، مەن چوقۇم ھەر بىر ئەسەرنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىمەن ۋە ئىشلىتىش ئىشلەتمەسلىك ھەققىدە ياخشى ئويلىنىمەن. ئادەتتە، ئەستايىدىللىق بىلەن يوللانغان ۋە تەۋسىيە قىلىنغان مەزمۇنلار كۆپىنچە ئەھۋاللاردا تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشەلەيدۇ، شۇڭا بۇ جەھەتتىن خاتىرجەم بولسىڭىز بولىدۇ.

4. ناۋادا مەلۇم ئەسەر ئىشلىتىلسە ھەمدە بۇ ئەسەر سىزنىڭ ئىجادى ئەسىرىڭىز بولسا، ئۇنداقتا مەن شۇ يازمىدا سىزنىڭ نامىڭىزنى قىستۇرۇپ ماڭىمەن، ئەلۋەتتە سىز تور بېتىڭىزنىڭ ئادرېسى، QQ نومۇرىڭىز ۋە ياكى سىز خالىغان ھەرقانداق ئېلان خاراكتېرىنى ئالمىغان سۆزنى يازما ئىچىدە كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ. بۇ ئۇچۇرلار يازما ئىچىدە كۆرسىلىتىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق سىزنىڭ تور بېتىڭىزگە مەلۇم دەرىجىدە ئېقىم مىقدارى باشلاپ بېرەلىشىمۇ مۇمكىن.

5. تورخۇمارلار كۇلۇبىنىڭ مەزمۇن سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە ئۆزگىچە ئۇسلۇبىنى ساقلاش ئۈچۈن، بەزى ئەسەرلەرگە ئاز-تولا ئۆزگەرتىشلەر كىرگۈزىلىشى، ۋە ياكى تەدبىركار تەرىپىدىن يېزىپ چىقىلىشى مۇمكىن. شۇڭا، ناۋادا بۇنداق بولۇشىنى خالىمىسىڭىز، ئەسكەرتىپ قويسىڭىز بولىدۇ.

ئەسەر ئەۋەتىش ئۇسۇلى:

بىۋاستە تۆۋەندىكى ئورۇندىن تەرتىپ بويىچە يوللىماقچى بولغان ئەسەرنىڭ ماۋزۇسى، مۇناسىۋەتلىك ھالقىلىق سۆز(كۆپ خەتكۈش بولسا، ئېنگلىزچە پەش بىلەن ئايرىيسىز، بولمىسا بىر تال سۆز بولسىمۇ بولىدۇ)، ئاندىن تەپسىلىي مەزمۇنى قاتارلىقلارنى تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاستىغا تەخەللۇسىڭىز ۋە ئېلخەت ئادرېسىڭىزنى تولدۇرۇپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز بولىدۇ. ئەلۋەتتە يوللاشتىن بۇرۇن كۆرۈپ بېقىش كۇنۇپكىسى ئارقىلىق كۆرۈپ بېقىشقىمۇ بولىدۇ. ناۋادا يوللانماقچى بولغان ئەسەر ھەجمى بىر قەدەر چوڭ بولسا، ئۇنداقتا يوللاشتىن بۇرۇن بىر نۇسخا زاپاسلىۋېلىشنى ئۇنتۇماڭ.

ئاخىرقى سۆز

ئاخىرىدا سىزنىڭ تورخۇمارلار كۇلۇبىغا بولغان قوللاش ۋە مەدەتلىرىڭىزگە رەھمەت ئېيتىمەن، تورخۇمارلار كۇلۇبى چوقۇم كۆپچىلىكنىڭ ۋە سىزنىڭ ئۈمىدىڭىزنى يەردە قويمايدۇ! بۇ يەردە يەنە بىر قېتىم تورخۇمار دوستلار ئۈچۈن ئەسەر تەمىنلىگەن ۋە تەۋسىيە قىلغان كونا يېڭى دوستلارغا ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. ناۋادا، سىز تورخۇمارنىڭ ئىخلاسمەن كۆرۈرمىنى بولسىڭىز، ئۇنداقتا دوست-بۇرادەر، ئۇرۇق-تۇققان ۋە ساۋاقداشلارغا تورخۇمارلار كۇلۇبىنى تەۋسىيە قىلىشنى ئۇنتۇماڭ!

ئەسەر يوللاش ۋە تەۋسىيە قىلىش ئورنى

دۇردانىلەرنى تورخۇماردا ئورتاقلىشىڭ

تېمىسى:  خەتكۈش: 


تەخەللۇس:               ئېلخەت(*):
تېخىمۇ نادىر ئەسەرلەرنى داۋاملىق تەمىنلىشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!

无觅相关文章插件,快速提升流量


بۇ يازمىغا باھا يېزىش چەكلەنگەن~~~~(>_<)~~~~ .