ئاڭلاشلارغا قارىغاندا «رىۋايەتلەردىكى iPhone 5» جۇڭگو بازىرىدا سىرلىق ھالدا پەيدا بوپتۇ!!!
ئالمىنىڭ بايراقدار مەسھۇلاتى بولغان iPhone نىڭ تۇنجى نۇسخىسى بازارغا سېلىنغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە iPhone(ئايفون) سېتىۋېلىش قىزغىنلىقى تۆۋەنلىگىنى يوق، ھەر قايسى جايلاردىكى iPhone ھەۋەسكارلىرى، ھەر دائىم مۇشۇ قارارنىڭ ئالدى كەينىدە iPhone نىڭ يېڭى نەشىرى ھەققىدە غۇلغۇلا قىلىشىپ يۈرۈشىدۇ ۋە iPhone نىڭ يېڭى نەشىرىنىڭ تىزراق بازارغا سېلىشىنى كۈتىدۇ. بۇ يىل سېتىۋ جوبىسنىڭ سالامەتلىكى تازا ياخشى بولمىغاچقا، بۇ قېتىملىق iPhone نىڭ يېڭى نەشىرىنى بالدۇرراق ئېلان قىپتۇ ، تۆۋەندە بىز بەشىنچى ئەۋلاد ئايفون iPhone5 كە دائىر بىر قىسىم تەپسىلاتلارنى كۆرۈپ باقايلى…
1. بەشىنچى ئەۋلات ئايفوننىڭ ئالدى كۆرۈنۈشى. بۇ لاھىيەدىن قارىغاندا ئالما شىركىتى ئىچكىردىن خەلق ئىشچىلىرىنى يانفۇن لايھىلەش خىزمىتىگە تەكلىپ قىلغانلىقىنى بىلمەك تەس ئەمەس. يەنە تېخى كۇنۇپكىلارمۇ ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان.
2. بەشىنچى ئەۋلاد ئايفوننىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى . بۇ كۆرۈنۈشتىن بۇ قېتىملىق يېڭى نەشىردىكى ئايفونغا 3 مىليۇن پىكسلللىق كامىرا سەپلەنگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.
3. ئايفوننىڭ قوزغىلىش ھالىتى. يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي ئالمىلىقىلار بۇ قېتىم ئېكراننىڭ سۈپىتىنى ياخشى ئويلاشمىدىمۇ قانداق؟ بۇ چوقۇم ئايفون ھەۋەسكارلىرىنى ئۈمسىزلەندۈرىدۇ.
4. قارىماققا يېڭى نەشىردىكى iOS مۇ چىققان ئوخشايدۇ ، قارىماققىلا بۇنى تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ نەقەدەر قىيىنلىقىنى بىلمەك تەس ئەمەس. قارىغاندا ئالما شىركىتىمۇ MTK تىپلىق CPU لارغا قىزىقىپ قالغان ئوخشايدۇ.
5. ئالما شىركىتىنىڭ مەخسۇس جوڭگۇ بازىرى ئۈچۈن مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىشىنى كىم ئويلىغان؟ بۇنىڭغا قوش كارتا چۈشىدىكەن . شۇنى قىياس قىلىشقا بولىدۇكى ، ئاۋازىمۇ يۇقىرى بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن. چۈنكى بۇ جوڭگۇ بازىرى ئۈچۈن لايھىلەنگەن ئايفوندە.
6. بۇ قېتىملىق يېڭى نەزىرىدە تېلفۇننىڭ مېيىنى چىقىرىپلا ئۇنۋېرسال زەرەتلىگۈچكە چاتسىڭىز بولىدىكەن. بۇرۇنقىدەك سىمغا تاينىپ زەرەتلەش ئۇسۇلىغا تايىنىپ قېلىشنىڭ ھاجىتى يوقكەن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا,چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: Apple، iPhone، تاغتۇرا
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 3,140 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 05-ئاينىڭ 08-كۈنى
- يازما مەنزىلى: http://www.torhumar.com/cottage-iphone5.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > قورقۇنچلۇق ھېكايە: كىچىك بازاردىكى «ئەرۋاھ»
- كېيىنكى يازما > بالىنى ئەڭ ياخشىسى دادىسىنىڭ يېنىدا قويماڭ، جاپاكەش ئانىلارنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك!
- iPhone ئىشلەتكۈچىلەر ئەمدى Google دىن يول سوراش ھاجەتسىز! ئاڭلاشلارغا قارىغاندا iOS6 دىكى 3D خەرىتىمىش…
- iPhone نىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغىنىنى كۆرگەنمۇ؟! بۇ New iPhone5 تىكى Siri نىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىمىش!
- تېز كېلىڭلار! دۇنيا بويىچە ئەڭ سىرلىق ئالما شىركىتى باش شىتابىنىڭ ئىچىنى بىر ئايلىنىپ چىقايلى…
- «غەزەپلەنگەن قۇشقاچ: ئالەم بوشلۇقى» iPhone/Android/PC نەشىرى ئېلان قىلىندى
- نېمە ئۈچۈن ئالما شىركىتى iPhone ۋە iPad ماركىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقارمايدۇ؟
- ئالما شىركىتى iOS 5.1 ۋە iTunes 10.6 نى ئېلان قىلدى! Mac OS تىكى iPhoto مۇ ئاخىرى iOS قا ئورۇنلاشتى!
- ئالما شىركىتى 3-ئەۋلاد The new iPad نى ئېلان قىلىش نەقمەيدان يىغىنى خەنچە خەتلىك نۇسخىسى
- 80-يىللاردىكى iOS نىڭ كۆرۈنمە يۈزى – ناۋادا iPhone/iPad لار 1986-يىلى ئىجاد قىلىنغان بولسا…
- رىۋايەتلەردىكى «ئالمىچى بوۋاي» – سىتيۋ.جوبز زادى قانداق ئادەم؟
- iPhone نىڭ ئالدى كامېراسىنى قوزغىتىپ ئوغرىنىڭ سۈرىتىنى تارتىپ يوللاپ بېرىدىغان ئاجايىپ كۈچلۈك ئەپ!







ماش توربەتتە دەششەت قىززىق گەپلەر بولدۇ-دە!!!!!
ئالما شىركىتىنى ۋەيران قىلىۋىتەمدۇ نىمە بۇ خەق….