EA شىركىتى ئىشلەپچىقارغان يەنە بىر ھەقسىز كىچىك ئويۇن – بەرپا قىلىش(Create)
Create بولسا، بىر تۈرلۈك تەسەۋۋۇر ۋە كاللا ئىشلىتىشكە تايىنىپ مەسىلىنى ھەل قىلىش تىپىغا كىرىدىغان كىچىك تىپتىكى 3D ئويۇن. ئويۇندىكى ھەر بىر ئۆتكەلدە سىزگە بىر ۋەزىپە بېرىلىدۇ، يەنى بەلگىلىك ساندىكى شەيئىلەردىن پايدىلىنىپ، بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە بولغان بىر ھەرىكەت جەريانىنى تاماملاش ئارقىلىق بىزگە بېرىلگەن ۋەزىپىنى ئورۇنلاش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئاڭلىماققا ئاساندەك قىلغان بىلەن، ھەقىقى ئويناشقا چۈشكىنىڭىزدە، بۇ خىيالىڭىزنىڭ ئۇنچە ئاسان ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىسىز…
ئويۇندا سىز پۈتۈنلەي تەسەۋۋۇرىڭىزغا تايىنىسىز، يەنى ھەر بىر ئۆتكەلدە سىزگە بۆلۈپ بەرگەن جىسىم ۋە شۇ جىسىمنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، كاللا ئىشلىتىپ مەلۇم بىر مېخانىزىمنى قۇراشتۇرۇپ چىقىسىز، بۇ مېخانىزىم تاكى مۇكەممەل بولغاندا، ئاندىن ئاخىرقى مەقسەتكە يېتىشكە بولىدۇ. ھەرگىزمۇ بىر قېتىمدىلا مۇۋاپىقىيەت قازىنىمەن ئويلىماڭ، چۈنكى ئۇنچە ئاسان ئەمەس!
ئويۇندىن قىسقىچە كۆرۈنۈشلەر:
ھەر بىر ئۆتكەلدىن غەلىبىلىك ئۆتكەن چېغىڭىزدا، سىزگە يەنە يېڭى شەيئىلەر سەپلەپ بېرىلىشى مۇمكىن. سىز بۇ شەيئىلەرنى چوقۇم ئىشلىتىپلا قالماي، يەنە تەكرار سىناش ئارقىلىق قۇرماقچى بولغان مېخانىزىمىڭىزنىڭ مۇكەممەللىكىنى ئاشۇرىشىڭىز ۋە شۇ ئارقىلىق ئويۇندا غەلبە قازىنىشىڭىز كېرەك. ئويۇننىڭ كۆرۈنمە يۈزىمۇ ئاجايىپ پۇزۇر لايىھەلەنگەن بولۇپ، سەپلىمىگە بولغان تەلىۋىمۇ يۇقىرى ئەمەس. Windows XP/Vista/7 قاتارلىقلاردا نورمال ئوينىغىلى بولىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷 دا چۈشۈرۈڭ):
بەرپا قىلىش(Create) ئويۇنىنى چۈشۈرۈش | خەنچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈش
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نادىر لايىھەلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: 3D ئويۇن، ئىجادىيەت، تەسەۋۋۇر
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 1,539 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 03-ئاينىڭ 20-كۈنى
- يازما مەنزىلى: http://www.torhumar.com/create-ea.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ناۋادا مارىيو(Super Mario) ھازىرقى زاماندا تۇغۇلۇپ قالغان بولسا…
- كېيىنكى يازما > دىنوزاۋرنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتتى دەپ كىم دەيدۇ؟ ئىشەنمىسەڭلار «ھويلىمىزدا باققان دىنوزاۋر»نى كۆرۈپ بېقىڭلار!
- 2012-يىلىدىكى كىشىنى ئەڭ تەقەززا قىلىدىغان ئويۇنلارنىڭ بىرى – «ئانا تەن2(Prototype2)»
- ئەشەددىي رەقىبلەر ئوتتۇرىسىدىكى قانلىق جەڭ تەسۋىرلەنگەن ئويۇن: 异形 VS 铁血战士
- «قەغەز پىچاق» بىلەن كوچىدىلا ئۆلتۈرىۋېتىلگەن كىشىلەر، بۇمۇ بىر خىل سەنئەتكەن…
- Google نىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى كۆزەينىكى ئاشكارىلاندى
- ئىنتايىن ئۆزگىچە ئىشلەنگەن فىلىم: ئەسلى رەسىم جاھازىسىنى مۇنداقمۇ ئوينىغىلى بولىدىكەن
- ئاجايىپ قىزىقارلىق ۋە ئۆزگىچە ئىشلەنگەن بىر يۈرۈش PEPSI MAX كولا ئېلانى
- تەبىئەتتىكى ھەرقانداق بىر نەرسە ئىنسانلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىنى توسۇپ قالالىغان ئەمەس، ئېغىرلىق كۈچىمۇ شۇ!
- فرانسىيە Canal+ تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۆزگىچە ئىشلەنگەن ئېلان فىلىمى – The Bear
- چوڭ تىپتىكى كلاسسىك ئويۇن «قاتىل ئەقىدىسى» نىڭ ئۈچىنچى بۆلۈمى – قاتىلنىڭ ئەقىدىسى : ۋەھىي
- سەرەڭگە تېلىنى كۆيدۈرۈش ئارقىلىق ياساپ چىقىلغان بىر يۈرۈش نادىر فوتو-سۈرەت توپلىمى!

دىۋان ماڭا قاپتىغۇ ، نىمدىگەن يۇمشاق ھە
توۋا ! موللا تاپقاقمۇ سىز
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئويۇنلار نى ئىزدەپ يۇرەتتىم دىسە 
رەخمەت سىزگە
چۈشۈرۈشنى باشلىۋەتتىم
،تورخۇمارغا كۆپ رەھمەت .
ۋا راسلا پەيزى ئويۇنكەن جۇمۇ، بولسا مۇشۇنداق كاللا ئىشلىتىدىغان ئويۇنلارنى كۆپىرەك يوللىسىڭىز، چارچىغاندا ئوينىسا ئادەم يەڭگىللەپ قالىدىكەن.
مەن دەشششەت ئامراق بۇنداق تىخنىكا ۋە كەشپىيات ئويۇنلارغا …بولسا ئەمىلىيەتتىمۇ قىلسام دەيمەن …
تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان بالىلارغا قويۇپ بەرسىمۇ بولىدىغان ئويۇنكەن.
3دى ئۈنىمى ۋە كاللا ئېشلىتىش جەھەتتىكى يىڭىلىقلىرى ياخشىكەن…لىكىن چۈشۇرۇش ئۇلانمىسى ئۆچۈرۋىتىلىپ ياخشى بولماپتۇ…
ئويناپ باقتىم ياخشىكە … كاللا كىتىدىكەن …
بۇ ئويۇننى مەن چۈشۈرۈپ قاچىلاپمۇ بولدۇم بىراق قانداق ئويناشنى بىلمىدىم ..بەكلا چۈشۈنۈكسىز
بەك گۈزەل، بەك گۈزەل، ئۆتكەندە ئېلانىنى كۆرۈپلا ياقتۇرۇپ قالغانتىم.
توۋا高手 لا ئوينىسا بۇغىدەك