كۆرۈنمە يۈزى ئەڭ ئېسىل دەپ تەرپلىنىدىغان ئويۇنلارنىڭ بىرى : تەنھا ئارالدىكى كىرزىس2
تەنھا ئارالدىكى كىرزىس2 – ئالدىنقى ئەۋلات نۇسخىغا ۋارىسلىق قىلغان ئاساستا ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، ئويۇن ۋەقەلىكى ئالدىنقى ئەۋلاد بىلەن خېلىلا پەرق قىلىدۇ. يەنى ئاساسلىق جەڭ مەيدانى مەخپىي ئورمانلىقتىن، چوڭ شەھەرلەرگە كېڭەيتىلگەن. Crysis2 نىڭ يەنە «تارىختىكى كۆرۈنمە يۈزى ئەڭ پۇزۇر ئويۇن» دەيدىغان نامىمۇ بولۇپ، كۆرۈنمە يۈزى كۆپچىلىك ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان مەجبۇرىيەت چاقىرىقى ئائىلىسىدىكى ئويۇنلاردىن قېلىشمايدۇ!
ئويۇن ۋەقەلىكى، «تەنھا ئارالدىكى كىرزىس» بىرىنچى ئەۋلادتىن ئۈچ يىل كېيىن، يەنى 2023-يىلىغا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، تاشقى پلانېت ئادەملىرى يەرشارىدا خېلى چوڭ دائىرىلىك بىر ئۇرۇشنى قوزغاشقا سەۋەپچى بولىدۇ، چوڭ شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ، نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ كىشىلەر قىرىلىپ، شەھەردە ھاياتلىقتىن ئەسەر قالمايدۇ. ئەلۋەتتە، ئويۇن ئوينىغۇچى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگۈچى بىز، بۇ قانلىق جەڭدە يەرشارىنى قوغداش ئۈچۈن ئاجايىپ-غارايىپ دۈشمەنلەر بىلەن قان كېچىپ جەڭ قىلىمىز.
ئويۇندىن بىر قىسىم كەسمىلەر
ئويۇندىن قىسقىچە كۆرۈنۈشلەر
قانداق؟ يۇقارقى كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ ئويۇنغا بولغان ئىشتىھايىڭىز يەنە بىر بالداق كۆتۈرۈلدىغۇ دەيمەن. ئۇنداقتا ئويۇننىڭ باشقا ئۇچۇرلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.
قاتتىق دېتالغا بولغان تەلەپ:
مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ: CPU:2GHz Core 2 Duo / A64 X2 CPU
ئىچكى ساقلىغۇچ: 2GB RAM
سىنكارتا: 8800GT / HD3850, 512MB Video Memory
قاچىلاش ئۇسۇلى:
1. پرېستىن يېشىمىز، 10G دەك بىكار ئورۇن بولۇشى كېرەك
2. setup.bat نى قوش چېكىپ قاچىلاش ئېلىپ بارىمىز، 15 مىنۇت ئەتراپىدا قاچىلاش ئېلىپ بارىدۇ
3. يېشىش يامىقىنى ئورنىتىۋېتىمىز، ئاندىن نورمال ئويناشقا بولىدۇ
چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷 دا چۈشۈرۈڭ):
تەنھا ئارالدىكى كىرزىس2 | مەنبە: torhumar.com | يېشىش يامىقى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: 3D ئويۇن، FPS، ئويۇن
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 3,477 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 04-ئاينىڭ 16-كۈنى
- يازما مەنزىلى: http://www.torhumar.com/crysis2.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئۆيلەنمەكچى بولغان يىگىتلەر دىققەت! ئۈرۈمچىدە خوتۇن ئېلىشقا كېتىدىغان چىقىملار…
- كېيىنكى يازما > تورغا ئۇزۇن چىقىدىغانلار دىققەت! سالامەتلىكىڭىز ئۈچۈن كومپيۇتېر ئالدىدا توغرا ئولتۇرۇشقا دىققەت قىلىڭ!
- ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى تېما قىلىنغان ئەڭ نادىر مەرگەن ئويۇنلىرىنىڭ بىرى: مەرگەن ئەزىمەتلەر(Sniper Elite V2)
- نەچچە 10 يىل مابەينىدىكى ئوخشاش ئويۇنلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى غايەت زور ئۆزگۈرۈشلەر، قانچىسىنى تونۇيالىدىڭىز؟
- 2012-يىلىدىكى كىشىنى ئەڭ تەقەززا قىلىدىغان ئويۇنلارنىڭ بىرى – «ئانا تەن2(Prototype2)»
- ئەشەددىي رەقىبلەر ئوتتۇرىسىدىكى قانلىق جەڭ تەسۋىرلەنگەن ئويۇن: 异形 VS 铁血战士
- 2012-يىلى بازارغا سېلىنىش ئالدىدا تۇرغان تەۋەككۈل تۈرىدىكى ۋەھشەت ئويۇنلار(V2)
- 2012-يىلى بازارغا سېلىنىش ئالدىدا تۇرغان قوراللىق ئېتىشىش تۈرىدىكى ۋەھشەت ئويۇنلار(V1)
- مارىيونىڭ ئىچكى دۇنياسىنى چۈشىنەمسىز؟ ناۋادا ئۇ مۇشۇنداق غالجىرلاشقان جەڭ ئىلاھىغا ئايلىنىپ قالسا…
- «غەزەپلەنگەن قۇشقاچ: ئالەم بوشلۇقى» iPhone/Android/PC نەشىرى ئېلان قىلىندى
- «غەزەپلەنگەن قۇشقاچ» ئويۇنىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ئوينايدىغان يېڭىچە نۇسخىسى چىقماقچى!
- بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق ئۆز ئاۋازى ئارقىلىق ئورۇنلاپ چىققان «غەزەپلەنگەن قۇشقاچ» نىڭ باش مۇزىكىسى



ئۇيناپ باقايلى ئەمىسە،،، قېنى ئالغا….
يەنە كەينىدە قاپتىمەن
مەن تۈگۈتۈپ بولاپتىمەن،،ھى،،ھى بولدىغان ئۇيۇن بۇ،مەن ھەممە قىسمىنى قالدۇرماي ئويناپ چىققان،ماڭا ئەڭ ياقىدىغان يېرى يوقاپ تۇرۇپ كىكىدەكنى سىقىش…ھى..ھى
1-، 2- قىسمنى ئويناپ بولغان بۇنىڭ ، كۈرۈنۈشلىرى ھەقىقەتەن ئسىل …. ، ماۋۇ قىسمىنىمۇ ئويناپ باقسام بولغىدەك ””`!
مۇشۇنداق قالايمىقان ئويۇنغا پەقەت خوشۇم يوق دىسى….
10G دەك بىكار ئورۇن بولۇشى كېرەك ،،،،،،، ئاللا ئاللا …..مەن جايىمدىلا قېپ قالاي
يەنە ئېتىشىدىغان ئويۇنكەن.ھەركەتلىك ئويۇنلھردىن بىرەرنى تەۋسىيە قىلمامسىز؟!مەسىلەن ‹شەپەرەڭ ئادەم›دىگەندەك…
قايسىسىنىڭ يېشىش يامىقى ئىكەنلىكىىنى بىلەلمىدىم ،ياردەم قىلساڭلار
مەن ئامراق ئويۇنلارنىڭ بىرىكەن بۇ … تېڭشىغۇچنى تاقاپ ،ئاۋازنى بولۇشىچە قويۇۋىتىپ ئوينايدىغان بولسام… دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ قەھرىمان دەل مەن
ماۋۇ سەھرالىقنىڭ گىپىنى!!!
ھاجىم ئويۇننى مەنلا ئوينامدىمەنكى دىگەنما، سەھرالىقلارمۇ ئويۇننىڭ كاتتىسىنى تاللاپ ئوينايدۇ جۇما
قارىم بۇ ئويۇن سىللىنىڭ سەھرالىردىكى يۇشىجىدا چىقمايدۇ جۇما!
كومپېيۇتىرىمنىڭ سەپلىمىسىنى كۆرسىلە دوختۇرخانىدايېتىپ قالىلا، يۇشىجىنى ئېغى يوق ئىشتان كىيىدىغاندا ئوينايتىم مەن
ۋاي بولدىلا گەپ تاپالمىدىم، سىللىگە گەپتە تەڭ تۇرۇپ بولماق سەل تەسكە چۈشكىدەك…ئوشۇق زىھىن ئۇپراتمايچۇ!
ئۇيۇننى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن تەرتىپ نۇمۇرى كىرگۈزۇڭ دەپ چىقىۋالدىغۇ نىمە ئىش بۇ ؟
يېشىش يامىقىنى قاپلىۋېتىڭ
يىشىش يامىقىنى قاندق قاپلايدۇ.ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئىجرا ھۆججىتىنى ئىجرا قىلساممۇ شۇنداق دەپ چىقىۋالدىغۇ‹؟؟؟
ۋەشششى ئويان جۇمۇ باللا بۇ ھەقىقىي كۆرنۇشتەكلا بۇ ئويون خۇددى ئويناۋاتقان كىشى ئۆزى شۇ نەخ مەيداندا تۇرغاندەك سىزىم پەيدا قىلىپ قويدۇ ئادەمگە
يىشىش يامىقىنى قاندق قاپلايدۇ.ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئىجرا ھۆججىتىنى ئىجرا قىلساممۇ شۇنداق دەپ چىقىۋالدىغۇ‹؟؟؟