نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > نادىر لايىھەلەر > يازما مەزمۇنى

ئۆزىمىزگە خاس كارتون ئوبرازى لايىھەلەشكە بولىدىغان تور بېكەت – FaceYourManga

ئۆزىمىزگە خاس كارتون ئوبرازى لايىھەلەشكە بولىدىغان تور بېكەت - FaceYourManga

بەلكىم بىر قىسىم تورداشلار تەدبىركار ۋە تورخۇماردىكى ئايرىم تورداشلارنىڭ باش سۈرىتىنىڭ ناھايىتى ئۆزگىچە لايىھەلەنگەنلىكىگە دىققەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە بۈگۈن كۆپچىلىككە تەۋسىيە قىلىپ قويىدىغىنىم، FaceYourManga دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل توردا باش سۈرەت لايىھەلەشكە بولىدىغان تور بېكەت بولۇپ، ئۈنۈمىنى ئىنتايىن قالتىس دېيىشكە بولىدۇ، ناۋادا سىزمۇ تورخۇمارلار كۇلۇبىدا ئۆزگىچە باش سۈرەت ئىشلىتەي دېسىڭىز، مەزكۇر تور بېكەت چوقۇم سىزگە كۆڭلىڭىزدىكىدەك بىر لايىھەنى تۈزۈپ بېرەلىشى مۇمكىن.

FaceYourManga دا ئىشلىتىلگىنى Flash ئاساسىدىكى قورال بولۇپ، باش سۈرەت لايىھەلەش ئۇسۇلى ئىنتايىن ئوڭاي، يەنى تور بېكەتنى ئاچقاندىن كېيىن، ئاۋال ئۆزىڭىزنىڭ جىنسىنى تاللاپ بېرىسىز، ئاندىن ئۆزىڭىزگە ياقىدىغان لايىھەلەر بويىچە باش سۈرەتنى قۇراشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ساقلىۋەتسڭىزلا كۇپايە!

بىر دانە ئۆزىمىزگە خاس باش سۈرەت لايىھەلىۋېلىش ئىنتايىن مۇھىم. سىز بۇ باش سۈرەتنى ھەرقايسى مۇنبەرلەردە، QQ دا، MSN دا ۋە تورخۇمارغا ئوخشاش باش سۈرەت كۆرسىتىش ئىقتىدارى تەمىنلەنگەن ھەرقانداق جايدا ئىشلەتسىڭىز بولىۋېرىدۇ. ناۋادا مەزكۇر تور بېكەتكە ئوخشاش WordPress پروگراممىسى ئىشلىتىلگەن بېكەتلەر بولسا، سىز يەرشارى بويىچە بىر تۇتاش باش سۈرەت Gravatar لايىھەلىگەندە، يۇقارقى باش سۈرەتنى ئىشلەتسىڭىز تامامەن بولىدۇ!

مۇناسىۋەتلىك مەنزىللەر:
FaceYourManga تور بېكىتى | مەنبەسى: torhumar.com | يەرشارى بويىچە بىر تۇتاش باش سۈرەت بەلگىلەش

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 19 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
  1. ئەلساھىب : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قېنى مەن بىر سىناپ باقاي، رەھمەت سىزگە!

  2. چەۋەندازلار بلوگى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پەيزىكەنغۇ. پىرىستان ئىشلىتىدىغان باش سۈرەتكە ئوخشايدىكەن.

  3. دانىشمەن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ سىناپ باقاي قىنى

  4. دانىشمەن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    رەخمەت سىزگە .سىز دىگەندەك قىلىپ دۇنياۋىي باش سۇرەتكە ئىرىشىۋالدىم

  5. ئۈنچە : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇنداق ئۇسۇلدا باش سۈرەت لايىھەلەشنىمۇ ئۈگۈنىۋالدىم ، بەك ياخشى بولدى! :wink:

  6. ئاقدۆڭ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    رەخمەت سىزگە.مەنمۇ سىناپ باقتىم

  7. تىلەك : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ياساپ بولۇپ سىنىسام بەزى بىلوگلارغا چىمايدا

  8. مۇزات : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    رەھمەت سىزگە،مەن بىر باش سۇرەتلىك بۇلۇپ قالدىم.

  9. دەۋرىم : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ سىناۋاتىمەن

  10. Qarabeg : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ باش سۈرەت ئىلتىماس قىلدىم. ئوڭۇشلۇق بولغان بولمىغىنىنى بىلمىدىم.

  11. خاقان515 : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ سىناپ باقاي ،رەھمەت

  12. خاقان515 : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەمدى بولغانمىدۇ،قايتا-قايتا قىلساممۇ بولمايدىيا.






باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)