بىر ساۋاقداشنىڭ Microsoft ،NOKIA ،Google قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشى
ئوقۇش پۈتتۈرگىلى خېلى ئۇزۇن بولغان بىر ساۋاقداش مەمۇرىلىق ئىمتىھانى بېرىپ ئۆتەلمەپتۇ ۋە مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمەي، داۋاملىق باشقا كارخانىلاردىن ئۆزىگە مۇۋاپىق ئورۇن ئىزدەشنى قارار قىلىپتۇ. IT ساھەسىگە ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان بۇ ساۋاقداش ئۆزىنىڭ بەختىنى دۇنياغا داڭلىق شىركەتلەردىن تاپالايدىغانلىقىغا ئاتتەك ئىشەنچ قىلىپتۇ ۋە سەپەر دۇلدۇلىنى شۇ ياققا قاراپ چاپتۇرۇپتۇ…
Microsoft يۈزتۇرانە سىناق خاتىرىسى:
كومىسسىيە: Windows7 كەسپىي نۇسخىسىنىڭ جۇڭگو بازىرىدىكى پارچە سېتىلىش باھاسى قانچە پۇل؟
مەن : – 5 يۈەن.
كومسسيە: – كەينىدىكىسىنى چاقىرىپ قويۇڭ. ![]()
كېيىن شۇنى بىلدىمكى، ھازىر قاچىلاشقا بولىدىغان DVD دېسكىسىمۇ 10 يۈەنگە ئاران كېلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن مىكروسوفت چۈشى ئاياغلاشتى..
ئەمما مەن خىزمەت ئىزدەشتىن يەنىلا ۋاز كەچمىدىم ،قىسقىسى مېنىڭ لۇغىتىمدە ئەزەلدىن ۋاز كېچىش دەيدىغان سۆز يوق، شۇنىڭ بىلەن قىسقىچە تەرجىمالىمنى(CV) داۋاملىق تاشلاۋەردىم ۋە ئاخىرى Google نىڭ يۈزتۇرانە سىناق ئۇقتۇرىشىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم…
كومسسيە: سىز بىزنىڭ بۇ ئۇچۇرىمىزنى قانداق بىلدىڭىز؟
مەن : بەيدۇلاپ…
گېپىمنىڭ ئاخىرىسى تۈگۈمەيلا كومىسسيە مېنى چىقىرىۋەتتى….
ئىچىم سىقىلىپ كەتتى ، ئەمما مەن يەنىلا خىزمەت تېپىپ جان باقمىسام بولمايدۇدە…
دوستۇمنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن مەكدونالدقا باردىم.
كومىسسيە ناھايتى غەلىتە ئادەمكەن ، ئۇ ماڭا مەكدونالدنىڭ ناخشىسىنى ئېيتقۇزدى، ئەلۋەتتە ئىيتالايمەندە ، كىچىكىمدىن باشلاپ ئوقۇپ كەلگەن ناخشا بۇ!..
ئاۋازىمنى قويۇۋىتىپ تازا ئېيتىۋەتتىمدە : كېنتاكىي بولغاچقا تۇرمۇشىمىز كۆڭۈللۈك!.. لاي لاي لاي!…
پوققا ئارىلاشقان ئوسۇرۇقتەكلا كومسسيە قاتتىق ۋاقىراپ كەتتى : نىمە دەپ كەلدىڭ بۇيەرگە!.. يوقال!..
يەنە مەغلۇپ بولدۇم….
ئاپام مېنى كۆچمە خەۋەرلىشىشتىكى بىر تونۇشىغا تونۇشتۇرۇپ ،يۈزتۇرانە سىناققا ئەۋەتتى…دوسلىرىمدىنمۇ ئاڭلىشىمچە، كۆچمە خەۋەرلىشىشتە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن، بەك چوڭ تېخنىكىمۇ تەلەپ قىلىنمايدىكەن. مانا ئەمدى كۆرۈڭ كارامىتىمنى ، ھەممە ئۆتكەلدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتۈم ! ئەڭ ئاخىرىدا قايتىدىغان ۋاقتىمدا تېلفون نومۇرۇمنى قالدۇرۇپ قويۇشۇمنى ئېيتتى.
-132….
گېپىم تۈگۈمەيلا بۇ يەردىنمۇ ‹قوغلاندىم›….
گەرچە ئارقا ئارقىدىن مەغلۇپ بولغان بولساممۇ يەنىلا ۋاز كەچمىدىم ، كىم مەن دېگەن !.. بۇنچىلىك مەغلۇبىيەت دېگەن نېمىگە ھىساب!.
ئاخىرى مەمۇرىيلىققا ئىمتاھان بېرىپ ئۆتتۈم، ئەستا بۇنىڭمۇ يۈزتۇرانە سىنىقى باركەن ئەمەسمۇ؟
كومىسسيە: سىز تارىختىكى ئەمەلدارلار ئارىسىدا كىمنى ھەممىدىن بەك ياقتۇرىسىز؟
مەن : خې شېن …
ماۋۇ ئېغىزىمنى ، كومىسسيەنىڭ چىرايىدىن نەتىجىسىنى بىلىۋىلىش تەس ئەمەستە شۇ تاپتا….
شۇنىڭ بىلەن بۇرۇنقى تەجرىبە-ساۋاقلىرىمنى يەكۈنلەپ ، بارلىق سورىلىش ئېھتىمالى بولغان سۇئاللارغا ئۆلچەملىك جاۋابلارنى تەييارلاپ ، ئەينەككە قاراپ مەشىق قىلىپ … يەنە خىزمەت ئىزدەشكە ئاتلاندىم . بۇرۇنقى مەغلۇبىيتىمنىڭ ھەممىسى دەل مېنىڭ مۇشۇ ۋالاقتەككۈرۈپ ئېغىزىمدىن بولغانىدى! مانا ، تەييارلىقىممۇ پۈتتى ، ئەمدى ھىچكىم مەندىن قۇسۇر تاپالمايدۇ!
قاتتىق ئىشەنچ بىلەن نوكىياغا كەلدىم .
نوكىيانىڭ شۇئارىنى بىلىمەندە : تېخنىكا ئادەمنى ئاساس قىلىدۇ!…
ھەممە شۇنداق ياخشى بولدى، ئۇلارمۇ مېنى ياقتۇرۇپ قالدى ، سەۋەبى ئۇلارنىڭ بۇ شۇئارىنى كۆپلىگەن ئادەم بىلمەيدىكەن، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە مەن ئۇلارنىڭ سادىق قوللىغۇچىسى ئىكەنمەن!…ئەلۋەتتە شۇنداقتە ! بولمىسا نوكىياغا نىمە دەپ بارىمە مەن!..
دەل شۇ ۋاقتتا تېلفونۇم سايراپ كەتتى ! Hello Moto!…
كومىسسيە: يوقىلىڭ!…
ئۆزلەشتۈرگۈچى: بىلىك كۇلۇبىدىن باتۇش
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئىمتىھان، خىزمەت، سىناق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 1,576 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى
- يازما مەنزىلى: http://www.torhumar.com/funny-interview-answers.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > MP3 ھۆججەتلىرىگە خاس تەگرەسىم بەلگىلەشنى بىلەمسىز؟ MP3 ھۆججەت ئۇچۇرلىرىنى توپ ھالدا ئۆزگەرتىش
- كېيىنكى يازما > يىللار ئەنە شۇنداق تولىمۇ رەھىمسىز ۋە يولسىز كېلىدۇ – «ئەينەكتىكى ئەسلىمە»
- خېنەندىكى بىر ئاممىۋى ئاپتوبۇس شىركىتى ئۇدا 12 يىلدىن بېرى بىر سوملۇق پۇل بىلەن ئىش ھەققى تارقىتىۋېتىپتۇ
- ياشلار بېرىپ خىزمەت قىلىشنى ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان 15 شىركەت، ئالدىنقى ئۈچىنى بەلكىم پەرەز قىلىپ بولدىڭىز!!!
- 90% تىن ئارتۇق كىشى Ctrl + F ئارقىلىق ئۇچۇر ئىزدەيدىغان ئاددى بىر تېخنىكىنىمۇ بىلمەيدىكەن!!!
- بولدى مەن ئىشلىمەيمەن! قانداق قىلغاندا خىزمەتتىن ئەڭ ئاقسا ھالدا ئىستېپا بەرگىلى بولىدۇ؟!
- ھۆكۈمرانلار ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ: iPhone4 ،iPhone4S ۋە Galaxy SII لارنى ئىقتىدار ۋە سۈرئەتتە سېلىشتۇرۇش
- 40 دانە ئالاھىدە لايىھەلەنگەن خىزمەت ئۈستىلى لايىھەسى! ئازادە مۇھىت خىزمەت ئۈنىمىڭىزنى تېخىمۇ يۇقىرىلىتىدۇ!
- iPad ئالاي دېگەنمىدىڭىز؟ مەن سىزگە iPad ئالماسلىققا 10 دانە سەۋەپ كۆرسىتىپ بېرەي
- ئىدارە باشلىقىنى ئاۋارە قىلىش(فېليەتون)
- قىزلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىشى نېمىشقا بۇنچە تەس؟
- ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ! باشلىق ياكى خوجايىنغا دېيىشكە بولمايدىغان 10 تۈرلۈك گەپ!

ئاۋۋال دىۋان، قالدى گەپنى كېيىن …
نىمانچە قىزىق بۇ ماقالە

رەھمەت
ئەڭ ئاخىرىدا تەدبىركارنىڭ ئىمتىھانىغا قاتناشتىم .
تەدبىركار :
- سىز بىزنىڭ قايسى سەھىپىنى ئەڭ ياقتۇرىسىز ؟
-دىۋاننى
تەدبىركار كۆتۆمگە بىرنى تىپىپ بلوگدىن چىقىرىپ تاشلىدى،ئارقامدىن بايام يازغان ئىنكاسىم ئۇچۇپ كېلىپ بىشىمغا تەگدى…
ماۋۇ ئىنكاسقا كۈلۈپ يېتىۋاپتىمەن بوسۇغىدا بولسىمۇ
بىزدىنغۇ پەگا ئاشمايدۇ … بەك قىزىقكەن
ۋاي نىمانچە قىزىق بۇ …
ئاران بىر نوكىيا غا خىزمەتكە چۈشكەندە ئاۋۇ تېلفۇن ھەجەپ ئەدەپسىزلىك قىپتۇ دىسە … Hello Moto……
بۇ تۇرقىدا ھېچ يەردىن ئىش چىقمىغۇدەك ….
بەك قىزىقارلىقكەن…
كەيپىياتىممۇ كۆتۈرلۈپ قالدى.
ئەستاقپۇرۇللا،كىچىك ئوروندۇقتىن بىرنى قوياپ تۇراي
ياخشىكەن ھەقىقەتەن مەنىسى باركەن
يامان مازكەن
ماۋۇ يازمىنى بۇرۇن بىر ئوقۇغان ئىدىم. بۇ قېتىم يەنە بىر ئوقۇپ تازا كۈلۈپتىمەن.
hello moto دىگەن MOTOROLAنىڭ مۇزىكىسىما؟ ئەجەپ قىززىق بوپتۇ دىسە، 移动غا ئىمتاھان بىرىپ،联通نۇمۇر دەپ بىرىپ قوغلانغىنىچۇ تېخى!!!
ئېسىل يازمىگەن ماۋۇ
«ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە، سۇغا كىرسەڭ بېلىڭچە» دېگەن گەپ بار. قارىغاندا، بۇ ساۋاقداش تەجىرىبە-ساۋاقنى يەكۈنلەشنى تازا بىلىپ كەتمىسە كېرەك. ئاخىرقى قېتىممۇ مەغلۇب بولۇپ، ئورنىدىن تۇرالمىدىمۇ-نېمە؟
نوكىيا شىركىتىگە موتو نى ئەكىرگىنى قىزىق…
گوگىلنىڭ ئۇچۇرىنى بەيدۇلاپ ………
………….
بۇ تېمىنى ئوقۇپ، بىر ئىشنى دىگۈم كەپقالدى،
ئۇيغۇرلارنىڭ كوت-كوت نى ئىشلىگەن شىركىتىگە خىزمەت ئىزدەپ بېرىپ ئالاقە ئۈچۈن QQ نومۇرىڭىزنى قالدۇرۇشقا جۈرئەت قىلالامسىز…؟
سىز جۈرئەت قىلالىغان تەقدىردىمۇ ‹كوت-كوت› شىركىتىدىكىلەر ئاشۇ QQ نومۇرىڭىزنى قالدۇرۇشنىڭ گېپى چىققاندا يۇقىرىدىكى شىركەتلەردەك دەرھال يوقىلىڭ دىيەلەرمۇ….؟