Google نىڭ يېڭى يانفونى Galaxy Nexus ئەقلىفونىدىكى بىر قىسىم يېڭىلىقلار، Android 4.0 سەپلەنگەن
تېخى ھېلىلا تۈگىگەن مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، Google نىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق يانفون مەھسۇلاتى Galaxy Nexsus(ئەپقاچتى خەۋەرلەردە Nexus Prime دېگەندەك ناملار بىلەنمۇ ئاتالغان) ئاخىرى كۆپچىلىك بىلەن دىدارلاشتى، ھالبۇكى، بۇ يانفون Android 4.0 سېستىمىسى سەپلەنگەن تۇنجى يانفون بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈن ئورگان تەرەپتىن ئېلان قىلغان Galaxy Nexux يانفونى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار ۋە سەپلىمە پارامېتىرلىرى ئىلگىرى توردا تارقىلىپ يۈرگەن ئۇچۇرلار بىلەن ئاساسەن بىردەككەن…
Galaxy Nexus يانفونىنىڭ سىرتقى قىسمى ياي شەكلىدە لايىھەلەنگەن، قېلىنلىقى 8.94mm، بىر دانە 4.65 سۇڭلۇق 16:9 نىسبەتتىكى سەزمە ئېكران سەپلەنگەن، پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى 1280*720 پىكسېل، ماتېرىيال سۈپىتى Super AMOLED HD، يەنە 1.2GHz لىق قوش نېگىزلىك CPU سەپلەنگەن، 1GB لىق RAM ۋە 16/32GB لىق ئىچكى سىغىم تەمىنلەنگەن. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ يانفونغا يەنە بىر مىليون 300 مىڭ پىكسېللىق ئالدى كامېرا ۋە بەش مىليون پىكسېللىق كەينى كامېرا سەپلەنگەن، 1080P لىق يۇقىرى ئېنىقلىقتا سۈرەتكە ئېلىشنى قوللايدۇ، ئىچكى قىسىمغا 1750mAh لىق باتارىيە سەپلەنگەن، كۆكچىش 3.0، WiFi، NFC قاتارلىق ئىقتىدارلار تەمىنلەنگەن.
مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدىكى Galaxy Nexus نىڭ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلىشى:
Galaxy Nexus ۋە Galaxy SII ئوتتۇرىسىدىكى سېلىشتۇرما
ھەقىقىي يانفوندىن بىر قىسىم مەشغۇلاتلار1:
ھەقىقىي يانفوندىن بىر قىسىم مەشغۇلاتلار2:
SAMSUNG ئورگان تەرەپتىن تەمىنلىگەن Galaxy Nexus نىڭ بىر پارچە رەسىمى:
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: Android، Google، Samsung، ئەقلىفون، يانفون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 3,055 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى
- يازما مەنزىلى: http://www.torhumar.com/galaxy-nexus.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئەلمىساقتىن بۇيانقى ئەڭ ئاقسا تاكسى!! ئەجىبا بۇ شوپۇر ئىلگىرى بەيگە ئاپتوموبېلى ھەيدەيدىغان بولغىيمىتى؟!
- كېيىنكى يازما > Sleepbox – يۆتكىلىشچان مىكرو تىپتىكى ئاجايىپ مېھمانخانا!
- iPhone نىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغىنىنى كۆرگەنمۇ؟! بۇ New iPhone5 تىكى Siri نىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىمىش!
- SAMSUNG نىڭ يېڭى تېلېفونى Galaxy S III رەسمىي ئېلان قىلىندى!
- Android ئوينايدىغانلار ئۈچۈن تەۋسىيەلىك قورال – ShuaMe | ئەمدى Root قىلىش ياكى ROM يېڭىلاش تەس ئەمەس
- Google نىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى كۆزەينىكى ئاشكارىلاندى
- Windows Phone ھەققىدە بىلمەيدىغانلار دىققەت: Windows 8 بىلەن Windows Phone نى چۈشىنىڭ
- نېمىشقا يېڭى نەشىردىكى iOS ئېلان قىلىنىپلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ؟ Android نى نېمىشقا شۇنچە ئۇزۇن ساقلايمىز؟
- «غەزەپلەنگەن قۇشقاچ: ئالەم بوشلۇقى» iPhone/Android/PC نەشىرى ئېلان قىلىندى
- تۇيۇقسىز ئامىتىم كېلىپ تېخى بازارغا سېلىنمىغان بىر دانە 7 ديۇملۇق بىلكان پەدنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالدىم…
- يانفوندا تارتقان سۈرەتتىكى ئارتۇق ئېلىمېنتلارنى خالىغانچە ئۆچۈرىۋەتكىلى بولىدىغان ئاجايىپ سىرلىق تېخنىكا!
- ئۆتمۈشكە نەزەر: دۇنياۋى بۇ تور بېكەتلەرنىڭ ئىلگىرى ھالىتىنىڭ قانداق ئىكەنلىگىنى بىلەمسىز؟


دېۋان،دېۋان.دېۋانە
ئاران دىۋانپغا چىقاي دېسەم ما تام توسىۋالدى،خەپ!
ئالما تىلفۇندىن قىلىشمىغىدەك
3-سىن فىلىمىنىڭ 2 مىنۇت 40 سىكۇنتلىق يېرىدە ئاۋۇ تېلىفۇندىن ئازراق كاشىلا چىقىپ قالدىمۇ قانداق ؟
مەن بۇنداق ئېسىل سېستىمىنىڭ تۇنجى ھەمكارلاشقۇچىسىنىڭ سەمسوڭ دەك دورامچۇق بوپ قالغانلىقىدىن بەكمۇ ئەپسۇسلىنىمەن.
كىم كىمنى دوراۋاتىدۇ؟
ئاۋۇ رەسىمدىكى تىلفۇن تۇتقان قولغا قاراپلا كۆڭلۈم بىر قىسما بولوپ
قالدى
باھاسى قانچە ئىكەن؟
ئۈستدىكى سېنغا قارسام ھېچ بىر s2نى كۆرمەيمەن يا…تېما خاتا قويلۇپ قالدىمۇ ياكى مەن خاتا كۆرۋالدىمۇ ،،