8 نەپەر پەن-تېخنىكا ھۆكۈمرانلىرىنىڭ كومىك ئوبرازى! جوبز جادۇگەرگە ئوخشىتىلغان
7-ئاينىڭ 28-كۈنى، PCWorld بۇ 8 نەپەر پەن-تېخنىكا ھۆكۈمرانى ئۈچۈن مەخسۇس كومىك رەسىم لايىھەلەپ ئېلان قىلغان، ئۇنداقتا بۇ كومىكلار ھەقىقەتەن بۇ گىگانت شەخسلەرنىڭ ئوبرازىنى يورۇتۇپ بېرەلىدىمۇ يوق؟ تۆۋەندە بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.
1. ستىۋ جوبز
ئۆزى قۇرغان ئالما شىركىتىدىن ھەيدەلگەن جوبز، نۇرغۇن ئازاپ-ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ياسىغان. ئۇ ھازىر «رېئاللىقتىكى خالىغانچە ئۆزگەرتەلەيدىغان سېھرىگەر»گە ئايلىنىپ قالدى، ئۇنىڭ زالىم پادىشاھتەك مۇكەممەلىزىمچىلىكى، ئۇنى خۇددى سېھرى كۈچى باردەكلا كۆرسىتىدۇ، دېمىسىمۇ دۇنيادا نەچچە يۈزمىڭ ئادەم ئۇنىڭ ئۈچۈن بىلىپ بىلمەي مەستانىلەرچە ئىشلەۋاتىدۇ.
2. بىل گەيتىس
گەيتىس خۇددى تۆمۈر پالۋان(IRON Man) غا ئوخشايدۇ، مەشغۇلات سېستىمىسى ۋە ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش يۇمشاق دېتاللىرىنى ئېچىشتىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۇ نۇرغۇن بايلىق ۋە نام-شۆھرەتكە ئېرىشتى. بىراق، خۇددى تۆمۈر پالۋانغا ئوخشاش، ئۇ بۇلارغا قىلچە قىززىقمايدىغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى بويىچە ھەققانىيەتنى ياقىلاپ، ئافرىقا قاتارلىق جايلاردىكى نامرات رايونلارغا نۇرغۇن مال-مۈلۈك ئىئانە قىلدى.
3. لاينۇس تورۋالدس
لاينۇر تورۋالدس باشقۇرۇش، ھەققانىيەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان خاسىيەتلىك ئادەمگە ئوخشايدۇ. Linux ئاتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ كومپيۇتېر كەسپىنىڭ ئېچىۋېتىلىشىگە ۋە ئەركىنلىك قۇرۇلىشىغا نۇرغۇن تۆھپىلەرنى قوشتى.
4. ئادا لوۋلېس
دۇنيادىكى بىرىنچى پروگراممېر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ قىلغان ئىش ئىزلىرىغا كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ. ئۇ 1800-يىللىرىلا، Analytical Engine نى تەتقىق قىلىشنى باشلىغان ئىدى. ئۇ خۇددى بىر خەير-ساخاۋەت ئۈسكۈنىسىگە ئوخشاش، كىشىلەر نېمىگە ئېھتىياجلىق بولسا شۇنىڭ بىلەن ھەپىلىشەتتى.
5.مارك زاكېربېرگ
مارك باشقىلارغا ئوخشاش دەرىجىدىن تاشقىرى پالۋان ئەمەس، ياكى ئالاھىدە ئىقتىدارىمۇ يوق، بىراق ئۇ دۇنيادا ئاغىنىسى ئەڭ جىق ئىنساننىڭ بىرى. ئۇنىڭدا بار كىشىلەرنىڭ ئارخىۋى ۋە شەخسى ئۇچۇرلارنى غايەت زور دېيىشكە بولىدۇ. بۇ ئۇچۇرلاردىكى ئالاھىدىلىكلەر بىرلەشتۈرۈپ FaceBook دەپ ئاتىلىۋاتىدۇ.

6. لارى ۋە بىرلىن
گۇگېلنىڭ بۇ ئىككى نەپەر قۇرغۇچىسىنىڭ نىشانى بولسا، دۇنيادىكى بارلىق كىشىلەرنى گۇگېلدىن ئىبارەت بۇ سەھنىدە تىنچ جەڭ قىلىش ۋە ئادالەتسىزلىكنى يوقىتىش. ئۇلار دائىم قىلىمەن دېگىنىنى قىلىپلا كېلىۋاتىدۇ، ھازىر يەنە تېخى بۇلۇتلار ئارا ھېسابلاش ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ كەتتى. بۇلارنىڭ ئارقىسىدا يەنە بىر تەڭداشسىز قوشۇن – Android ھەر زامان باستۇرۇپ كېلىش ئېھتىماللىقى بىلەن تۇرماقتا!
7. ستىۋ بالمېر
Vista، Zune قاتارلىقلارنى گەرچە بالمېرنىڭ مەغلۇبىيىتى دېگىلى بولمىسىمۇ، بىراق ئۇ دەل شۇ تارىخى پەيتلەرگە توغرا كېلىپ قالدى. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئۇ ئىزچىل CES مەركىزىنىڭ سەھنىسىدە توختىماي: پروگرامما ئاچقۇچىلار! قېنى سىلەر! دەپ ۋاقىراپ تۇراتتى.
8. كارول بارز
بارز ھازىر قاتتىق تىرىشىپ ياھۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن ئاۋارە، بىراق سىرتقى دۇنيانىڭ ئۇنىڭ باشقۇرۇش ئۇسۇلىغا نارازىلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغاچ، Google بىلەن FaceBook ئۇلارنىڭ ھەرقايسى كەسىپلىرىنى پەيدىنپەي يەۋېتىپ بارماقتا.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [Blog ساۋاتلىرى,چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: Apple، facebook، Google، it، Microsoft
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 1,399 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 08-ئاينىڭ 02-كۈنى
- يازما مەنزىلى: http://www.torhumar.com/giant-caricature-of-science.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > چەتئەللىك تورداش ساپ ئادەم ئاۋازى ئارقىلىق ئۆزى يالغۇز ئورۇنلىغان مارىيو ئويۇنىنىڭ مۇزىكىسى
- كېيىنكى يازما > كۆپچىلىكنىڭ رامىزان ئايلىرىغا ئاتاپ بىر قىسىم تاللانغان رامىزانلىق ئۈستەل يۈزى رەسىملىرى
- iPhone ئىشلەتكۈچىلەر ئەمدى Google دىن يول سوراش ھاجەتسىز! ئاڭلاشلارغا قارىغاندا iOS6 دىكى 3D خەرىتىمىش…
- مىكروسوفت ھەزىل قىلىنغان كىچىك فىلىم: ناۋادا Microsoft مۇ Windows Project Glass نى بازارغا سالسا…
- سىزنىڭچە بۇ Logo لار مىكروسوفتنىڭكىدىنمۇ چىرايلىقمىكەن؟ Win8 ئۈچىنچى تەرەپ Logo مۇسابىقىسىدىكى ئەسەرلەر
- تېز كېلىڭلار! دۇنيا بويىچە ئەڭ سىرلىق ئالما شىركىتى باش شىتابىنىڭ ئىچىنى بىر ئايلىنىپ چىقايلى…
- Google نىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى كۆزەينىكى ئاشكارىلاندى
- نېمىشقا يېڭى نەشىردىكى iOS ئېلان قىلىنىپلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ؟ Android نى نېمىشقا شۇنچە ئۇزۇن ساقلايمىز؟
- نېمە ئۈچۈن ئالما شىركىتى iPhone ۋە iPad ماركىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقارمايدۇ؟
- ئالما شىركىتى iOS 5.1 ۋە iTunes 10.6 نى ئېلان قىلدى! Mac OS تىكى iPhoto مۇ ئاخىرى iOS قا ئورۇنلاشتى!
- ئالما شىركىتى 3-ئەۋلاد The new iPad نى ئېلان قىلىش نەقمەيدان يىغىنى خەنچە خەتلىك نۇسخىسى
- Windows8 نى قويۇپ تۇرۇپ ماۋۇ ئىنتايىن ئاقسا ئىشلەنگەن Windows9 سەزمە ئېكران ئۇقۇم تېخنىكىسىنى كۆرىلى!








دىۋانغا يىڭى مىھمان كەلدى .
دۆلىتىمىزدىكى 360، 720 ،QQ, Baidu دېگەنلەرنىڭكىنىمۇ سىزىدىغان يەرگە كەلدى.
ئەتىلا سىزىدۇ.
ئاپتونوم رايۇنىمىزدىكى ۋىروس ،تەدبىركار ، يۈكسەل، ۋەتەن،ئۇيغۇربەگلەرنىمۇ سىزىدىغان ۋاق كەلدى … مېنىڭچە بۇ ۋەزىپىنى سەرالىق ئۆز ئۈستىگە ئالسا بولغۇدەك !
مەن ئۆزەمنىلا سىزىۋېتەي ئەمىسە.
پرېستان=
پەچەت سىزىپسىز!
پىرىخون ئېسىل جۇما لىكىن! ئەدەتسىز قايىل مەن!
ئەتە ئۆگۈن تەدبىركار كامنىمۇ سىزىمىز دەيمە!
ئوبرازلىق بۇلۇپتۇ. بۇ گىگانىتلارنىڭ بىرنەچچىسىنى مەن تۇنۇمايدىكەنمەن.
خاپا بولماي نىمە ئادەم ئىكەنلىكىنى دەپ بەرسىلە؟ باج ئالمىغاندىكىن…
سىزغاندىكىن ئۆزىمىزگە قوبۇل قىلىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلىپ سىزمامدۇق،




تەدبىركارنى—-سەلەي چاققان
ۋەتەن——چىن تۆمۈر باتۇر
ئۇيغۇربەگ—–ئەپچىلەم
يۈكسەل——سادىر پالۋان
ۋىرۇس—–غېنى ئوغرى
پېرىستان—–غازىباي
تەدبىركار دېگەن سۆزنى ئاڭلىسام غاڭزىسىغا تاماكا بېسىۋاتقان جىشىياۋلەن يادىمغا كېلىدۇ جۇمۇ
لاينۇس تورۋالدس
لاينۇر تورۋالدس باشقۇرۇش، ھەققانىيەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان خاسىيەتلىك ئادەمگە ئوخشايدۇ. Linux ئاتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ كومپيۇتېر كەسپىنىڭ ئېچىۋېتىلىشىگە ۋە ئەركىنلىك قۇرۇلىشىغا نۇرغۇن تۆھپىلەرنى قوشتى.
بۇ يەردىكى لىنكۇس ئاتىسىنىڭ ئىسمى خاتا ئاتىلىپ قالدىمۇ نېمە ؟
لاينۇر تورۋالدس – لىنكۇس تورۋالدس