نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > نادىر لايىھەلەر > يازما مەزمۇنى

GIF شەكىلدىكى فوتو-سۈرەتلەر: فوتوگرافلىقنى مۇنداقمۇ ئوينىغىلى بولىدىكەندە؟!

ھازىر نىيۇيورك شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق Jamie Beck بولسا بىر نەپەر فوتوگراف. ئۇ بىر قىسىم GIF شەكىلدىكى فوتو-سۈرەتلەرنى ياساشقا ماھىر بولۇپ، بىر سۈرەتنىڭ كۆپ قىسىم ھالىتىنى تىنچ قويۇپ، پەقەت ئىنتايىن ئاز بىر قىسىمىنى ھەرىكەت ھالىتىدە ساقلاپ قالغان ئاساستا ئىنتايىن ئۆزگىچە بىر يۈرۈش فوتو-سۈرەتلەرنى ياساپ چىققان. تۆۋەندە ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرىدىن ھوزۇرلىنىپ باقايلى…

PS: رەسىملەر سەل چوڭ، شۇڭا تولۇق ئۈنۈمىنى بىر ئاز ساقلىغاندىن كېيىن كۆرەلىشىڭىز مۇمكىن. ناۋادا نادىر پەيتلەرنى قولدىن بەرمەي دېسىڭىز، ئۇنداقتا بىر ئاز سەۋر قىلىڭ. ئەلۋەتتە FireFox قا ئوخشاش نادىر تور كۆرگۈلەردە ئانچە كۆپ ساقلاپ كەتمەسلىكىڭىزمۇ مۇمكىن.

يۇقارقىدەك سۈرەتكە تارتىش تېخنىكىسى ھەققىدە بىلىدىغان تورداشلارنىڭ باھا ئارقىلىق تېمىغا ئەگىشىپ مېڭىشىنى قارشى ئالىمەن!

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 21 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
  1. شەمسى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەقىقەتەن ئۆزگىچىكەن، خاررى پوتتېردىكى رەسىملەرنى ئەسلىتىدىكەن… (بىزنىڭمۇ تورخۇمارنىڭ دىۋانلىرىدىن ئورۇن ئالىدىغان ۋاقىتلىرىمىز بولىدىكەن ھە)

  2. مۇھەممەدئەمىن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۆزلۈكسىز ھەرىكەت ھالىتىدىكى رەسىملەرنى ۋاقىت ئوقىغا تىزىپ ئەڭ ئاستىنقى قاتلامغا تىنىچ رەسىمنى ئىشلىتپ ھەرىكەت ھالىتىدكى قاتلاملارنىڭ ھەرىكەت فوكۇسىدا بولمىغان ئورۇنلىرىنى ماسك ئارقىلىپ يېپىپ قويۇپ چىقارغىلى بولىدۇ،
    ئەجەپ قولاشتۇرالمىدىم گېپىم، گاچىلىشىپ قاپتىمەن :cry:

  3. ۋېرۇس : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماۋۇ بولىدىغان ئىشكەن . …. سىناپ باقمىسام.

  4. ئەنۋەر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ناخشمۇ ياخشىكەن

  5. چانۇنچىلىق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاجايىپ تېخنىكا بىلەن ئىشلىنىپتۇ

  6. Forever : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەجەپ پەيزى تېخنىكا ئىكەن ، لېكىن بەك تەستە ئېچىلىدىكەن كاسافەت :evil:

  7. ياۋايى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    رەسىممۇ چوڭدۇ ھەقىچان … بۇنداق رەسىم ئىشلەشنى كاللامدا ئازراق تەسەۋۇر كەلدى جۇمۇ …

  8. ئەلشات بلوگى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئادەتتە بۇنداق رەسىملەر ھەركەتلەنسە بىر ھەركەت تۈگۈپ بولغاندا يەنە بىر ھەركەتنىڭ ھەركەتلىنىدىغان ۋاقتىدا ئازراق چىنىپ قالاتتى لىكىن بۇ رەسىملەرنىڭ ھىچقايسىسىنى چاندۇرماي ئىشلەپتۇ ھەقىقەتەن يامانكەن لىكىن بىر رەسىمنىڭ ئۈزك ھالىتىنىڭ چىنىپ قالغانلىقىنى بايقىدىم ئاۋۇ قىزنىڭ بىشىغا نەرسە چىچىۋاتقان ھالىتىدە چىنىپ قالغان يىرى باركەن ھى ھى!!!

    • ياۋايى :

      ئۇنچىلىك چانمىسا چىچىۋەگەندەك بولاپ قالمامدۇ …

  9. پۇتەك : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەك فەيزى چىقىپتۇ :idea:

  10. ئۆرلە : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەقىقەتەن ئۆزگىچىكەن، تورئوينايدىغانلىنىڭ ھەممىسى بىر كۆرسە بولغۇدەك رەسىلەركەن.

  11. ئۇيغۇربەگ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قانداق ئىشلىدى بۇنى؟

  12. سەھرالىق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ئىتىمنىڭ بۇرنىنى مېدىرلىتىپ باققان، لىكىن بىر پارچىلا رەسىم ئىشلەتكەن ئېدىم

  13. wvtv : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاھ پىچەت جۇمۇ psدا مۇ بۇنداق چىقار غىلى بولماس دەيمەن

    تېخنىكا دىگەننى مۇشۇنداقمۇ ئوينايدىغانلار با دىسە

  14. umarjohn : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    aeياكىpsھەرئىككىسىدە ئىشلىگىلى بولىدۇ،يەنە بولساcanon5d بىلەن فىلىم ھالەتتە ئېلىپ ئاندىن ھەركەتلەنمەيدىغان قىسمىنى قاتۇرۇلما ھالەتتە ھەركھتچان قىسىمنى بولسا فىلىم شەكىلدە بىرلەشتۈرمىز بەلكىم بەك ئاسان پەقەت ئورۇنلاشتۇرۇشنى ياخشى ورۇنلاشتۇرسىلا چانمايدۇ…بۇمېنىڭ پەرىزىم.

  15. رىتا1028 : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ساقلىۋالدىم ماۋۇ رەسىملەرنى تەكەللۇپ قىلمايلا :idea:

  16. زۇلپىقار : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كىرىشتۇرگىنى ئىنىق تۇرمامدۇ ئەنە!! :grin: :grin:

  17. ئاتەش : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    :mrgreen: تېخنىكا دېگەن بەك يامانكەن جىمۇ بۇ گۇيلاردا، قالتىس دېمەي ئىلاجىمىز يوق

  18. ئەركە : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    زادى بەك پەيزى ئىشلەپتۇ، بەزىدە تۇرۇپلا قورقۇنۇچلۇق كىنولاردەك تۇيغۇ بىرىپ قۇيامدۇ نىمە كىشىگە…؟! :shock:






باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)