GIF رەسىمنىڭ رەزمېرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ئۆزگەرتىپ بېرەلەيدىغان ھەقسىز كىچىك قورال – GIF Resizer
GIF رەسىمنىڭ رەزمېرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ئۆزگەرتىش ھەمىشە ئادەمنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان بىر مەسىلە. مەسىلەن، بەزىدە QQ پاراڭلىشىۋاتقان چېغىمىزدا، بىرەر ھەرىكەتچان چىراي ئىپادىسىنى ئەۋەتمەكچى بولساق، رەسىمنىڭ رەزمېرى بەك چوڭ بولۇش سەۋەپلىك يوللانمايدىغان ئەھۋال بولىدۇ، ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇ چاغدا GIF Resizer بىزگە دەل ئەسقاتىدىغان قورالدۇر!
GIF Resizer نى ئىشلىتىش ئۇسۇلى
GIF Resizer نى چۈشۈرگەندىن كېيىن، قوش چېكىپلا قوزغاتساق بولدى، قاچىلاش پۈتۈنلەي ھاجەتسىز! بۇ يەردە ئېنگلىزچە نەشىرىنى مىسال ئېلىپ چۈشەندۈرەيلى!
A. كۇنۇپكىنى چېكىپ، رەزمېرىنى ئالماشتۇرماقچى بولغان GIF رەسىمنى تاللايمىز
B. بۇ يەرنى چەكسەك، ئالماشتۇرۇلغاندىن كېيىنكى رەسىمنى ساقلايدىغان ئورۇننى تاللاپ بەرگىلى بولىدۇ
C. بۇ يەردىن GIF رەسىمنىڭ كەڭلىكىنى بەلگىلەپ بېرىمىز
D. بۇ يەردىن GIF رەسىمنىڭ ئېگىزلىكىنى بەلگىلەپ بېرىمىز
E. بۇ يەرنى تاللاپ قويساق، ئەسلى رەسىمنىڭ ئېنىقلىقى بويىچە ساقلاپ بېرىدۇ
F. بۇ يەرنى تاللاپ قويساق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك GIF رەسىمگە ئېرىشەلەيمىز، بۇ تەڭشەك ئەسلى رەسىمنىڭ رەزمېر ئالماشتۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئېنىقلىقىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى يۇقىرى دەرىجىدە توساپ قالالايدۇ، ئەمما، رەسىمنى ئايلاندۇرۇش ۋاقتىمۇ بىر ئاز ئۇزىرايدۇ.
G. بۇ يەرنى چېكىپ رەسىمنى ئايلاندۇرۇشنى باشلىساق بولىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك چۈشۈرۈش مەنزىلى:
GIF Resizer نى چۈشۈرۈش | مەنبە: torhumar.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يۇمشاق دېتاللار]
- ھالقىلىق ســــۆز: GIF ياساش، ps، رەسىم، سۈرەت، قورال
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 1,245 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 03-كۈنى
- يازما مەنزىلى: http://www.torhumar.com/gif-resizer.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ھەقىقىي ئادەم نۇسخىسىدىكى يەنە بىر يۇقىرى ئۈنۈملۈك فىلىم: 火影忍者(نارۇتو)
- كېيىنكى يازما > ئالدامچىلار بىكار تۇرماپتۇ! QQ دىكى يېڭى ئالدامچىلىقتىن ھەزەر ئەيلەڭ!
- بېيجىڭدىن پىيادە مېڭىپ ئۈرۈمچىگىچە كەلگەن گېرمانىيەلىك! بىر يۈرۈش سۈرەتلەردىن تۈزۈلگەن ئۇزاق يول…
- Photoshop CS6 رەسمى نەشىرى(官方简体中文正式原版) ئېلان قىلىندى! ئۇيغۇرچىنى بىۋاستە يازغىلى بولىدۇ!!!
- كىشىنىڭ قورققۇسىنى كەلتۈرىدىغان ئاجايىپ كىنو تەشۋىقات رەسىملىرى! ئارىسىدا قايسىلىرىنى كۆرۈپتىكەنسىز؟
- 迅雷/快车/QQ旋风 لارنىڭ مەخسۇس چۈشۈرۈش ئادرېسىنى بىر كۇنۇپكا بىلەن يېشىش ۋە مەخپىيلەشتۈرۈش قورالى
- ئۇسۇل ئويناشنى بىلمەمسىز؟ كېرەك يوق! سىزنى بىر كۇنۇپكا بىلەن دىسكوچى قىلىۋەتمىسەم ھېساب ئەمەس!
- Windows8 خېرىدارلار كۆرۈپ بېقىش نەشىرىدىن بىر قىسىم تەسىراتلار(Windows8 تىكى ئۇيغۇرچە فونت)
- 80-يىللاردىكى iOS نىڭ كۆرۈنمە يۈزى – ناۋادا iPhone/iPad لار 1986-يىلى ئىجاد قىلىنغان بولسا…
- تېز كېلىڭلار! ھوللىيۋودنىڭ قورال-ياراغ ئامبىرىنى كۆرۈپ باقايلى! چوقۇم كۆزىڭىز ئېچىلىپ قالىدۇ!
- تەپتىدىن مىسكىنلىق ۋە يالغۇزلۇق تۆكۈلۈپلا تۇرىدىغان بىر يۈرۈش ئۆزگىچە سەنئەت لايىھەلىرى…
- ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ كونا سۈرەتلىرىدىكى ئەسلىمە، ئۇرۇش ۋە تىنچلىقنىڭ سېلىشتۇرۇلمىسى


بۇنى مەش ئىسلىتىپ باققان، يامان ئەمەس دېتال بۇ.
تازا بىر مازاق قىلىدىغان بولدىڭلار ئىملايىمنى.
مازاق قىلمايمىز،ھى ھى ھى ھى .
سىلە «باققان» ئەمەسمۇ بۇ دېتالنى دولقۇنجون
ئەمما ئىقتىدارى كۈچلۈك قۇرال بۇ. بۇغراجان «ناۋات»تەك گەپلىرىنى باشلاپتۇ مانا..
توپ بىرتەرەپ قىلىش ئىقتىدارى بارمىدۇ بۇدېتالنىڭ؟