نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > چۈچۈك خەۋەرلەر > يازما مەزمۇنى

قارار چىقىرىشتا كەسكىن بولۇڭ! بەزىدە، كېلىشمەسلىك ۋە خېيىم-خەتەر پەقەت بەش سكونتقا باغلىق بولۇشى مۇمكىن!

بىر توپ كىشىلەر دالا سەيلىسىگە چىقىپ، ئەسلىدە ھېچقانچە سۇ يوق بىر قۇرۇق دەريادىن ئۆتمەكچى بولۇپ قالغان، ئارىسىدىكى بىر قىز دەريانىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە پۇتىنىڭ ھۆل بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئۆتكىلى ئۇنىمىغان، كېيىن باشقىلار زورلاۋەرگەندىن كېيىن، ئىككىلىنىپ قالغان. ئەمما قىسقىغىنە بۇ بەش سكونتلۇق ئىككىلىنىش جەريانىدا، دەريا سۈيى تۇيۇقسىز داۋالغۇپ ئۆرلەشكە باشلىغان، ئاقىۋەت قىز بىلەن دەريانىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغانلار قوشۇلۇپ بەش ئادەمنىڭ ھەممىسى سۇغا غەرق بولغان. بەزىدە كېلىشمەسلىك مۇشۇنداق تاساددىپىي ھالدا يۈز بېرىدۇ، شۇڭا بىر ئىش قىلغاندا ھەرگىزمۇ ئىككىلەنمەسلىك، كەسكىن بولۇش لازىم…

بۇ بىر ھەقىقى يۈز بەرگەن ئىش. ھىندىستاندىكى Patalpani شاقىراتمىسى، شۇ جايدىكى داڭلىق ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى، شۇ جايدا تۇرۇشلۇق بىر ئائىلىدىكى بەشەيلەن، شاقىراتمىنىڭ ئۈستىدە ئويناۋاتقان چاغدا، تۇيۇقسىز كەلگەن شاقىراتما سۈيى ئۇلارنى ئېقىتىپ كەتكەن، ئاقىۋەت ئۈچ ئادەم ئۆلۈپ، ئىككىسىنىڭ جەسىدى ھازىرغىچە تېپىلمىغان.

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 17 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
  1. بۆرە : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تۆۋە دىۋان :grin: :grin:

  2. بۆرە : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كەچ سائەت 10دا ئاران دىۋان تىگىپتۇ.لىكىن ئۇلارمۇ قىززىقكەن يولنى قىسقارتىمەن دەپ ئۆمرىنى قىسقارتىۋىتىپتۇ،يول يىراق بولسىمۇ كۆۋرۈك تىپىپ ماڭسىچۇ. :???:

  3. سادا : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    :eek: نىمانداق خەتەرلىك ؟!

  4. ئەلشات : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇنى كۆرۈپ بەدىنىمگە تىترەك ئولىشىپ كەتتى. قىزبالىنىڭ نازۇكلىكى بىشىغا چىقىپتۇ، teddy كا غۇلجىغا كەتكەن xjcfan دىكى ئويۇنچىلارغىمۇ ئەسكەرتىپ قويالا دىققەت قىلغاي!

  5. نۆل ۋە بىر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    لامزەللىلىك قىلساڭ youtubeنىڭ قۇربانى بولۇپ كىتىسەن__XX.

    • ئۇنىڭ :

      قوللايمەن

  6. Forever : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نېمە دىگەن قورقۇنۇشلۇق ! :???:

  7. ئىزدەن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاقىتنى قەدىرلەپ ئىتتىك ئۆتۈۋالسىغۇ بولغان…

  8. نۇرلۇق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دەل كەسكىن بولالماي ئىنجىقلاپ يۈرگەننىڭ ئىشى، يا ئۆلۈم يا كۆرۈم دەپلا ئۆتمەمدۇ دەيمەن. ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلالمىسا شۇنداق قارشىلىق كۆرسىتەلمەيلا سۇغا«يەم» بولىدىغان گەپ. :twisted:

  9. بەختىيار : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بالاقازاكۇرۈنۈپ كەلمەس پۇت.قولىنى ساڭگىلىتىپ!

  10. دۆت بالا : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي ئورنىمىزدا جىم ئولتۇرۇپ كىشىگە تەربىيە قىلىپ سۆزلىگەن بىلەن ئۆز بېشىغا كەلگەندە قولمىزدىن نىمىش كىلىدۇ كۆپچىلىكنىڭ ئۆزلىرىگە ئايان. :evil: :evil: :evil:

  11. بۆرەيار : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋاننى ئىگەللىۋالغان قايسى بۆرىدۇ :evil:

    • سۈرخان :

      سەھرالىق بۆرىدەك قىلىدۇ

  12. جەسۇر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت دەپ يېزىپتىكەن دانالار :???:

  13. پاسىبان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماۋۇ تەقدىرنى… ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان بولغىيتى…

  14. بىلدۈر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاللاھ ئۇلۇغ .
    تۆۋە دېمىسە بىكار خەق ئېقىپ كەتسە ماۋۇ شېشاڭچىلار ھېچبىر جىددىلەشكەندەك ئەمسقۇ ؟!
    ئاللاھنى ياد ئېتىپ تۇرغان ياخشى ، ياخشى كۈننىڭ يامىنى بار . ئەزىرائىل كېلىۋاتىمەن دېمەيدۇ .






باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)