بىر دانە كومپيۇتېر ئارقىلىق مەخپىي شىفىرىڭىزنى قانچىلىك ۋاقىتتا يېشىۋەتكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
ئۆزىمىزنىڭ توردىكى ھېساباتلىرى، جۈملىدىن QQ، E-Mail ۋە ھېساباتلىرىمىزغا ئادەتتىكى ھەم ئۇزۇن ۋە مۇرەككەپ پارول بېكىتىش كۆپچىلىكنىڭ نەزىرىدە ئاللىقاچان بىر ئادەتكە ئايلىنىپ بولدى. ئەمما سىزنىڭ پارولىڭىز راستىنلا شۇنچىلىك بىخەتەرمىدۇ؟ بۇ مەسىلىگە ھەقىقەتەن بىر ئېنىق جاۋاپ بېرىش تەس. يېقىندا قۇرۇلغان بىر لاتىنچە يېزىقتىكى تور بېكەت بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن ھەقىقەتەن مەنىلىك بىر خىل ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بۇ تور بېكەتنىڭ ئىسمى How Secure is my password بولۇپ، ئىسمىدىنلا نېمە تور بېكەت ئىكەنلىگى بىلىنىپلا تۇرىدۇ، تور بېكەت يۈزى ئىنتايىن ئاددى بولۇپ، پەقەت بىر دانە تېكىست رامكىسىدىن تەركىب تاپقان. سىز پەقەت پارولىڭىزنى كىرگۈزسىڭىزلا، پارولىڭىزنىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مەن ئۆزۈمنىڭ ئېلخەت پارولىنى كىرگۈزۈپ سىناپ باقتىم، چىقىرىپ بەرگەن نەتىجىسى About 12 years بولدى، يەنى بۇ پارولنى ئادەتتىكى PC بىلەن يېشىپ چىقىش ئۈچۈن 12 يىل كېتىدىكەن!
بۇ خىلدىكى ھېسابلاش ئۇسۇلىنىڭ ئادەتتىكى تور بېكەتلەر چىقىرىپ بەرگەن ئاجىز، نورمال، كۈچلۈك دېگەندەك بىخەتەرلىك كۆرسەتمىلىرىگە قارىغاندا ئابونتقا بىۋاستە بېرىدىغان تەسىرى تېخىمۇ ئېنىق بولۇپ، ئاسانلا كىشىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدۇ. قېنى سىزمۇ پارولىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى سىناپ بېقىڭ، ناۋادا 2 كۈن ئىچىدە يېشىۋەتكىلى بولسا، ئەڭ ياخشىسى ھازىرلا پارولىڭىزنى بىخەتەررەك پارولغا ئالماشتۇرىۋالغىنىڭىز ئەۋزەل. پارولىدىن ئەنسىرەيدىغان يولداشلار ئوخشىشىپ كېتىدىغان پارولنى كىرگۈزۈپ سىناپ باقساڭلار بولىدۇ.
مەنزىل تونىلى: مېنىڭ پارولىم زادى قانچىلىك بىخەتەردۇ؟
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تور بايلىقلىرى]
- ھالقىلىق ســــۆز: بىخەتەرلىك، پارول
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 2,754 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 03-ئاينىڭ 17-كۈنى
- يازما مەنزىلى: http://www.torhumar.com/how-secure-is-my-password.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > «نورۇز بايرىمى» دېگەن قانداق بايرام؟ خارۋارد ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پراففېسورى سىزگە چۈشەندۈرۈپ قويىدۇ…
- كېيىنكى يازما > تورخۇمارنى كۆرگەندىن كېيىن ھەممەيلەندە شەكىللەنگەن 9 خىل ئادەت، سىزدە قايسىلىرى بار ئىكەن؟
- iPhone نىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغىنىنى كۆرگەنمۇ؟! بۇ New iPhone5 تىكى Siri نىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىمىش!
- بەزى كىشىلەر پەقەت مائۇسنى ئازراق مىدىرلىتىپ قويۇپلا جەمئىيەت مۇقىملىقىنى بۇزىۋېتەلەيدۇ
- ئامېرىكىدا ئاپتوموبېللار مەكتەپ ئاپتوبۇسىغا يولۇققاندا قانداق قىلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
- Crypteks – قاتمۇ-قات مەخپىيلەشتۈرۈلگەن ئاجايىپ ۋەھشەت بارماقدېسكا!
- iPhone نىڭ ئالدى كامېراسىنى قوزغىتىپ ئوغرىنىڭ سۈرىتىنى تارتىپ يوللاپ بېرىدىغان ئاجايىپ كۈچلۈك ئەپ!
- بۇ خىلدىكى ماھارەتلەرنى دوراشتىن ساقلىنىڭ! ئەرەب ماشىنا ھەۋەسكارى ماشىنا دېگەننى ئوينىتىپ قويىدىكەنغۇ؟!
- بىر قىسىم چوڭ تىپتىكى بېكەتلەرنىڭ يوچۇقى تۈپەيلى، ئالتە مىليونغا يېقىن ئابونتنىڭ مەخپىي شىفىرى ئاشكارىلاندى
- توركۆرگۈگە ساقلىنىپ قالغان ئىسىم ۋە پارولنى تېپىپ بېرەلەيدىغان ئاجايىپ قورال – WebBrowserPassView
- دۇنيادىكى ئەڭ ناچار مەخپى نومۇرئىچىدە سىزنىڭ يوقتۇ؟ جۇڭگوچە 10 چوڭ ناچار مەخپى نومۇر باھالاپ چىقىلدى
- ئۆزى قۇراشتۇرىۋالغان ۋېلىسپىتنىڭ كېچىلىك بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسى! بەيگە ماشىنىسىدىن ئاقسا تۇرامدىكەن؟؟

About 600 years
مۇشۇ ئۇچۇر چىقتى . بۇ قانداق گەپ باشقۇرغۇچى ئەپەندى .
ماڭا خاپا بولماي چۈشەندۈرۈپ قويامسىز ؟؟؟
مىنىڭكىنى كىرگۈزسەم 0.4 سىكىنۇت كىتىدۇ دەپ چىقتى …