مۇز ئېراسىدىن يېڭى تەشۋىق فىلىم: يەرشارىدىكى قۇرۇقلۇق ئەسلى مۇشۇنداق پارچىلىنىپتىكەن (Ice Age 4)
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى ئەسلى يەر يۈزىدىكى بارلىق قۇرۇقلار بىر-بىرىگە تۇتاش ئىكەنتۇق. بىراق، بارلىق ئىشلار ئەسلىدە مۇشۇ دەقىقىدىن باشلانغان ئىكەن…گەپكە كەلسەك، مۇز ئېراسى(Ice Age) ناملىق بۇ 3D كارتون فىلىم ئارىمىزدا ھېچقايسىمىزغا ناتونۇش ئەمەسقۇ دەيمەن. سۈرەتكە ئېلىش خىزمىتى ئاللىقاچان باشلانغان «مۇز ئېراسى 4-بۆلۈم: قۇرۇقلۇقنىڭ لەيلىشى» 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى يەرشارى بويىچە تەڭلا قويۇلىدىغان بولۇپ، ئىلگىرى كۆپچىلىك بىلەن بىرگە بۇ فىلىمنىڭ «تىيىنچاقنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقنى پارچىلىۋېتىشى» ناملىق تەشۋىقات فىلىمىنى كۆرۈپ ئۆتكەن ئىدۇق، يېقىندا بۇ فىلىمنىڭ ئىككىنچى تەشۋىقات فىلىمى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، فىلىمدە يەنە يېڭى بىر قىسىم پېرسوناژلارنىڭ ئىزناسىنىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ!
«مۇز ئېراسى(يەنە بىر ئىسمى مۇز دەۋرى)» ناملىق بۇ نادىر 3D كارتون فىلىم بولسا، كۆك ئاسمان كارتون ستۇدىيوسى(Blue Sky Studios) تەرىپىدىن ئىشلىنىپ 2002-يىلى تۇنجى قېتىم كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشكەن. فىلىمدە بىر توپ يەرشارى مۇز دەۋرىدە تۇرىۋاتقان چاغدا ياشىغان ھايۋاناتلارنىڭ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش سەپىرى تۇتقا قىلىنىپ، ھەرخىل ئۆزگىچە ئوبرازلار بىلەن تاماشىبىنلارنى ئۆزىگە كۈچلۈك جەلپ قىلىپ كەلگەن. 2002-يىلى «مۇز ئېراسى1» نىڭ بېلەت كىرىمى پەقەت 383 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، 2006-يىلى مەزكۇر فىلىمنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمى «مۇز ئېراسى2: مۇزلارنىڭ ئېرىشى»(Ice Age: The Meltdown) پۈتۈن يەرشارى بويىچە ئالتە 655 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق بېلەت كىرىمى ياراتقان، ئۆتكەن يىلى قويۇلغان مەزكۇر كارتون سېستىمىسىدىكى تۇنجى 3D ئەسەر ئۈچىنچى بۆلۈم «مۇز ئېراسى3: دىنوزاۋر دەۋرى»(Ice Age: Dawn of the Dinosaurs) بولسا تېخىمۇ يۇقىرىلاپ 848 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق بېلەت كىرىمى ياراتقان.
فىلىمنىڭ ھەر بىر قىسمىنىڭ قويۇلىشىغا ئەگىشىپ بېلەت كىرىمىنىڭ بارغانسىرى ئېشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان 20-ئەسىر فوكىس شىركىتىنىڭ فىلىمنىڭ داۋامىنى ئىشلەشكە قىزىقىشى بۇ تەبىئىي ئىش. «مۇز ئېراسى4: قۇرۇقلۇقنىڭ پارچىلىنىشى» دېگەن بۇ فىلىم نامىغا قارىغاندا، كۆپچىلىك بۇ بۆلۈمدە ئاساسلىق يۈز بېرىدىغان ۋەقەلەرنى پەرەز قىلالىشى مۇمكىن، ئەلۋەتتە بىزمۇ كەڭ فىلىم مەستانىلىرى بىلەن بىرگە فىلىمنىڭ يېڭى قىسىملىرىدىكى ھاياجانلىق كۆرۈنۈشلەرگە داۋاملىق تەقەززامىز. تۆۋەندە مەزكۇر فىلىمنىڭ ئەڭ يېڭى تەشۋىق فىلىملىرىنى كۆرۈپ چىقايلى.
Ice Age_ Continental Drift قۇرۇقلۇقنىڭ پارچىلىنىشى1
Ice Age_ Continental Drift قۇرۇقلۇقنىڭ پارچىلىنىشى2
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: 3D، قىزىقارلىق، كارتون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 8,244 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى
- يازما مەنزىلى: http://www.torhumar.com/ice-age-4-trailer.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ھىندىستان ھەقىقەتەن خىسلەتدار كىشىلەر يىغىلغان جاي جۇمۇ؟! ئىسمى جىسمىغا لايىق خاسىيەتلىك ئادەملەر بار!!!
- كېيىنكى يازما > ئىزچىل تىرىشىپ ياشاۋاتقان 80-يىللارنىڭ باللىرى، ئارمانلىرىمىز ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيلى!!!
- ھەيران قالىسىز!! دەرىجىدىن تاشقىرى كود ماھىرلىرى يېزىپ چىققان 64KB لىق سىغىمدىكى ئالاھىدە 3D كۆرۈنۈشلەر!!!
- QQ影音 – ئاددى ۋە قولايلىق ھەممىباب قويغۇچ(توردىن چۈشۈرگەن كىنولارنى كۆرۈشتىكى تەۋسىيەلىك قويغۇچلارنىڭ بىرى)
- ئۆزگەرلەر3(变形金刚) فىلىمىنىڭ ئىشلىنىش تېخنىكىسى ھەققىدە – CG دىن تۆمۈر مەخلۇقلارغىچە بولغان جەريان
- دەرىجىدىن تاشقىرى قالتىس كۆرۈنمە ئۈنۈمدە ئىشلەنگەن ئاخىرقى زامان تەسۋىرلەنگەن قىسقا 3D فىلىم: خارابە(Ruin)
- 变形金刚 فىلىمىنىڭ ئۈنۈمىنى ھېس قىلدۇرىدىغان بىر مەيدان تىپىك 3D كۆرۈنۈش، قالتىس ئىشلەپتۇ!
- مەكتەپ ھاياتىدىكى بىر قىسىم قىزىقارلىق ئىشلار
- كوچىدا يۈز بەرگەن بىر مەيدان «ھەقىقى» كىنو! YouTube دا چېكىلىشى مىليوندىن ئاشقان ئىجادىي سىن
- مارىيونىڭ ئىچكى دۇنياسىنى چۈشىنەمسىز؟ ناۋادا ئۇ مۇشۇنداق غالجىرلاشقان جەڭ ئىلاھىغا ئايلىنىپ قالسا…
- بۇ خىلدىكى 3D گرافىك موتورى ناۋادا كەلگۈسىدە ئومۇملاشسا، ھەقىقىي ئارتېستلارنىڭ كۈنى تەسكە توختىغۇدەك!
- پۈتۈنلەي قولدا ياسالغان ستېرېئولۇق ھايۋاناتلار، كۆزىڭىزنى ۋاللىدە چاقنىتىۋېتىشى مۇمكىن!

قاچانقى يازما ماۋۇ
يېڭى 预告片 سى چىقىپتۇ قارىم، ئاۋۇ ئۈستىدىكى مەزمۇنلار ياخشى ماتېرىياللار ئىكەن. كېيىن بالىلارغا دەرس ئۆتكەندە كارتوننى كۆرسەتكەچ سۆزلەپ ئۆتۈپ كەتسەك بولغۇدەك.
ئەجەپ ئۇزاق بوپتۇ تورخۇمارغاكەلمىگىلى قىزىپ كېتىپتىغۇ…..
ئازراق كارب دېڭىز قاراڭچىلىرىنىڭ پۇرىقى سېڭىپ قالدىمۇ نېمە؟
ئشتىن چۈشۈپ ئارام ئالدىغان يەركەنغۇ بۇ ،ئىسىل مېھمان داستىخان ئۈستىگە .،.!!
«كۆك ئاسمان»نىڭ كىنولىرى بۆلەكچە جۇمۇ!
ناھايىتى ئىسىل ئىشلەنگەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ.
مەن بۇ كارتونغا دەششەت ئامراق ئامراق ، .اللا خالىسا كىنوخانىغا بېرىپ كۈرىمە بۇنى ~~