IE9 تېخى ئومۇملاشماي تۇرۇپلا IE10 ئېلان قىلىنىپتۇ!(Internet Explorer 10 Platform Preview)
IE9 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن بولمايلا، مىكروسوفت يەنە MIX11 يىغىىدا كېيىنكى ئەۋلاد تور كۆرگۈ IE10 نى كۆرگەزمە قىلىپ ئۆتتى ۋە IE10 كاندىدات نەشىرىنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، IE10 نىڭ ئىشلەتكۈچىلەر كېلىشىمىدە، IE10 پەقەت Windows 7 مەشغۇلات سېستىمىسىنى قوللايدۇ دەپ ئىزاھلانغان بولۇپ، Vista نى قوللىمايدىكەن. IE ۋە مىكروسوفت تېخنىكىلىرىنى قوغلاشقۇچى تورداشلار بىر سىناپ باقسا بولغۇدەك…
مىكروسوفت تەرەپنىڭ بىلدۈرىشىچە، IE10 مۇ IE9 قا ئوخشاش قاتتىق دېتال ئارقىلىق گرافىك سىزىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش تېخنىكىسى ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، يەنە داۋاملىق HTML5 ۋە CSS3 نى ياخشى قوللايدىكەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا Web پروگراممېرلىرى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان CSS نىڭ بىر قىسىم خاسلىقلىرى، مەسىلەن، CSS3 تىكى Gradients ۋە Flexible Box Layout قاتارلىقلارمۇ IE10 دىكى CSS موتورىغا مۇجەسسەملىنىپتۇدەك.
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
IE10 كاندىدات نەشىرى | مەنبە: torhumar.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يۇمشاق دېتاللار]
- ھالقىلىق ســــۆز: IE، توركۆرگۈ، مىكروسوفت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 1,247 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 04-ئاينىڭ 17-كۈنى
- يازما مەنزىلى: http://www.torhumar.com/ie10-preview.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > NBA دىكى 10 چوڭ بېسىپ سېلىنغان توپ! 720 گرادۇس ئايلىنىپ توپ سالغاننى تېخى تۇنجى كۆرۈشۈم!!!
- كېيىنكى يازما > قىسقىغىنا بىر ھېكايەت سىزگە ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئوخشىمىغان تەپەككۇر ئۇسۇلىنى سۆزلەپ بېرىدۇ
- Windows Phone ھەققىدە بىلمەيدىغانلار دىققەت: Windows 8 بىلەن Windows Phone نى چۈشىنىڭ
- IE نىڭ يېڭى ئېلانى: ئاشۇ يىللاردىكى بىز كەمسىتكەن تور كۆرگۈ…
- تېز كېلىڭلار! ھەممىمىز 360 تور كۆرگۈسىدىن تور يۇمشاق دېتاللىرىنى تەشۋىق قىلىشنى ئۆگىنەيلى…
- Google Chrome – گۇگېلدىن كەلگەن دۇنيا بويىچە سۈرئىتى ئەڭ تېز دەپ قارىلىۋاتقان تور كۆرگۈ!
- كۆمۈلگەن مەخپىيەتلىك: Windows 95 نىڭ قوزغىلىش مۇزىكىسى ئەسلىدە Mac كومپيۇتېرىدا ئىشلىنىپتىكەن!!!
- مىكروسوفت FireFox نىڭ يېڭى نەشىرىگە نىسبەتەن ئەمدى قايتا تەبرىك تورتى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى جاكارلاپتۇ
- مىكروسوفتنىڭ تاقىتى تاق بولدى! IE6 يىل بېشىدىن باشلاپ مەجبۇرى ھالدا ئاپتوماتىك يېڭى نەشىرگە كۆتۈرۈلمەكچى!
- توركۆرگۈگە ساقلىنىپ قالغان ئىسىم ۋە پارولنى تېپىپ بېرەلەيدىغان ئاجايىپ قورال – WebBrowserPassView
- Windows 8 كەلدى! Windows 8 پروگرامما ئاچقۇچىلار سىناق نەشىرى ئېلان قىلىندى!
- Google Chrome تور كۆرگۈسىنىڭ قانچىلىك تېز ئىكەنلىگىنى بىلەمسىز؟

Firefox دىن باشقىسى بىكار!
يولداش پرېستان توغرا دەيدۇ!
سىز بىرەر ئىدارىنىڭ شۈجىسى ئوخشىمامسىز، يولداش!!
شۇنداق، يولداش لازا
مەن يەنىلا كىرەمجانغا ئامراق
نىمىدىگەن تىز سۈرەت بىلەن ئىلگىرلەگەن IE لار بۇ مەن تىخى IE9 نىمۇ ئىشلىتىپ باقمىدىم چۈنكى سىستىمام XP ھى ھى ھى!!!
مەن سىناپ باقتىم.بولىدىكەن،ئەپسۇس 9غا قاپلىغىلى بولمايدىكەن.ئەنئەنىۋىي كۆرگۇچكە پەقەتلا ئوخشىمايدىكەن.پات ئارىدا رەسمى نۇسخىسى چىقسا مەن شۇنىڭغا كۆچىمەن.
مېنىڭ بىر دوستۇمنىڭ لەقىمى خەيرەندە تى سىز شۇنىڭ ئېنىسمۇ قانداق ؟
نىمە بولسا بولاسىز
ھەيران بولۇپ قالەرسىز
كۆچۇڭ م 9 قا
ئىشلىتىپ باقمامسىز
يېڭىلىنىش سەل تىز ھە… ھەممە نەرسە بۇرۇن رەسمىي پىشىپ يېتىلىپ ئاندىن ئېلان قىلىناتتى. ھازىر كىچىككىنە يېڭىلىق بىلەنلا يېڭى بىر نەشىر دەپ…
IE6 نى دەپنە قىلغاندىن كىيىن، جاھاننامىگە بەك كۈچەۋاتامدۇ بۇ خەق
يوۋكۇ دا باشقا تور كۆرگۈچلەر بىلەن سىلىشتۇرمىسىنى كۆرگەنىدىم …تىزدەك قىلىدۇ…
ئەڭ ياخشىسى بارىغا شۇكرى قىلىپ ئولتۇرۇش مىنىڭچە
نوچىسى كىروم كەن جۇما يانا..ئۇيغۇرچە بەتلەرنى نىمانداق ياخشى قوللايدۇ دەيمە! ئەلىپەي نىچۇ تېخى