Internet Explorer 9 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى!
شۇنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى، Internet Explorer ئارىمىزدا ئىشلەتكۈچىسى ئەڭ كۆپ تور كۆرگۈنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھازىر مانا IE9 نىڭ رەسمىي نەشىرىمۇ ئېلان قىلىنىپتۇ! ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇدا ئېلان قىلىنغان IE9 رەسمى نەشىرى بىلەن كونا نەشىردىكى IE لار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق خېلى چوڭ بولۇپ، يېڭى بىر ئەۋلاد IE تور كۆرگۈسىنىڭ يادروسى دۇنياغا كەلدى دېگەن گەپ…
IE9 دىكى بىر قىسىم يېڭى ئىقتىدارلار
IE9 دا تور بېكەتنى مۇقىملاش ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ، ئۆزىمىز ياخشى كۆرگەن مەلۇم تور بېكەتنى تارتىپ ئاپىرىپلا ۋەزىپە ستونىغا مۇقىمدىيالايدىكەنمىز، كېيىن شۇ تور بېكەتنى زىيارەت قىلماقچى بولساق، ناھايىتى قولايلىق ھالدا بىر چېكىپلا ئېچىشقا بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا تور كۆرگۈ ئۆزىدىكى JavaScript ماتورلىرى يېڭىلانغان بولۇپ، تور بېكەتنىڭ ئىجرا بولۇش سۈرئىتى بۇرۇنقىدىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تېزلەشكەن، ئەڭ يېڭى HTML5 ۋە CSS3 ئۆلچىمىنى ناھايىتى ياخشى قوللايدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا GPU نىڭ ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، تور بېكەتنى ئېكرانغا سىزىش جەھەتتە قاتتىق دېتال سۈرئىتىنى تېزلىتىش تېخنىكىسى قوشۇلغان بولۇپ، GPU نىڭ ئىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، تور بېكەت زىيارەت سۈرئىتىنىڭ تېخىمۇ تېز ۋە راۋان بولۇشى كاپالەتكە ئىگە قىلغان.
مۇشۇ ئەۋلادتىن باشلاپ، IE ئەمدى XP نى قوللىمايدۇ
مىكروسوفت نېمىنى ئويلىشىپ شۇنداق قىلدى بىلگىلى بولمايدۇ، بىراق ھەقىقەت شۇكى، IE9 پەقەت Vista، Server2008 ۋە Windows 7 دىلا ئىشلەيدۇ، XP ئاللىقاچان قوللاش دائىرىسىدىن چىقىرىۋېتىلگەن، بەلكىم بۇندىن كېيىنمۇ قوشۇلماسلىقى ئېنىق. شۇڭا، ناۋادا ئەڭ يېڭى IE9 نىڭ ئۈنۈمىدىن ھوزۇرلىناي دېسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى سېستىمىڭىزنى يېڭىلىغىنىڭىز ياخشى.
ئاخىرقى سۆز
IE9 قا نىسبەتەن ئۆزگەرتىشلەر بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا، بولۇپمۇ HTML5 ۋە CSS3 قاتارلىقلارغا بولغان قوللاش قاتارلىقلار جەھەتتە، IE9 ھەقىقەتەن كىشىنىڭ تەقەززاسىنى قوزغايدۇ. كۆپ قىسىم تورداشلارنىڭ سىناق نەتىجىسىگە ۋە تەسىراتىغا ئاساسلانغاندىمۇ، IE9 ئىلگىرى ھەرقانداق نەشىردىكى IE دىن كۈچلۈك چىققان بىر مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىم قوشۇلغان GPU تېزلىتىش ئىقتىدارى، ئەڭ يېڭى ئۆلچەملەرنى قوللاش، پاكىزە كۆرۈنمە يۈز ۋە يۇقىرى زىيارەت سۈرئىتى تەمىنلەنگەن يېپيېڭى IE9، ھەرگىزمۇ بىز ئاغرىنىدىغان ئاشۇ ئاستا، ئۆلچەمسىز، زاماننىڭ كەينىدە قالغان Internet Explorer ئەمەستەك قىلىدۇ. شۇڭا دىققەت قىلىڭ: IE9 سىزنىڭ IE غا بولغان كۆز قارىشىڭىزنى مەلۇم دەرىجىدە ئۆزگەرتىۋېتىشى مۇمكىن.
چۈشۈرۈش مەنزىللىرى:
32 بىتلىق Win7 نەشىرى | 64 بىتلىق Win7 نەشىرى | مەنبە: تورخۇمار |
مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلار:
Windows 7 ئەسلى ھەقىقى نەشىرىنى چۈشۈرۈش | كومپيۇتېر سەپلىمىڭىز Win7 غا ماس كېلەمدۇ يوق؟
- يازمىنىڭ ئـورنى: [windows,يۇمشاق دېتاللار]
- ھالقىلىق ســــۆز: html، windows7، توركۆرگۈ، مىكروسوفت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 2,042 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 03-ئاينىڭ 15-كۈنى
- يازما مەنزىلى: http://www.torhumar.com/ie9.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > روسىيە 2012-يىلى ئۈچۈن ئاللىقاچان ئالىي دەرىجىلىك «لەيلىمە كېمە» ياساشنى باشلىۋېتىپتۇ!!!
- كېيىنكى يازما > بالىلار نەدە ئۇخلايدۇ؟ بىر يۈرۈش بالىلار تۇرمۇشى تىپ قىلىنغان فوتو-سۈرەت توپلىمى
- Windows Phone ھەققىدە بىلمەيدىغانلار دىققەت: Windows 8 بىلەن Windows Phone نى چۈشىنىڭ
- IE نىڭ يېڭى ئېلانى: ئاشۇ يىللاردىكى بىز كەمسىتكەن تور كۆرگۈ…
- ئاددى ۋە بىخەتەر ئۇسۇلدا Windows7 بىلەن Windows8 نى قوش سېستىما شەكلىدە قاچىلاش
- تېز كېلىڭلار! ھەممىمىز 360 تور كۆرگۈسىدىن تور يۇمشاق دېتاللىرىنى تەشۋىق قىلىشنى ئۆگىنەيلى…
- Cut The Rope ئارغامچا كېسىش – iPhone/Android تىكى بەش يۇلتۇزلۇق تەۋسىيە ئويۇن(HTML5 نۇسخىسى)
- Google Chrome – گۇگېلدىن كەلگەن دۇنيا بويىچە سۈرئىتى ئەڭ تېز دەپ قارىلىۋاتقان تور كۆرگۈ!
- كۆمۈلگەن مەخپىيەتلىك: Windows 95 نىڭ قوزغىلىش مۇزىكىسى ئەسلىدە Mac كومپيۇتېرىدا ئىشلىنىپتىكەن!!!
- مىكروسوفت FireFox نىڭ يېڭى نەشىرىگە نىسبەتەن ئەمدى قايتا تەبرىك تورتى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى جاكارلاپتۇ
- مىكروسوفتنىڭ تاقىتى تاق بولدى! IE6 يىل بېشىدىن باشلاپ مەجبۇرى ھالدا ئاپتوماتىك يېڭى نەشىرگە كۆتۈرۈلمەكچى!
- توركۆرگۈگە ساقلىنىپ قالغان ئىسىم ۋە پارولنى تېپىپ بېرەلەيدىغان ئاجايىپ قورال – WebBrowserPassView

تىجارىتىم ئۈچۈن Win7 نى گوستلاپ قويۇپ يەنە XP غا قايتىپ كەلدىم. Office بىلەن 金山 نىڭ تور دېسكىسىنى ياخشى ئىشلىتەلمىدىم.
ئاتەش تۈلكە ياخشىمۇ يەنىلام؟