نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > كىنو-فىلىملەر > يازما مەزمۇنى

ئەسلىدە ھىندى چولپىنى شاھرۇھخان ئۇيغۇرچە ناخشىنىمۇ سويىۋېتىدىكەن!!!

ئەسلىدە ھىندى چولپىنى شاھرۇھخان ئۇيغۇرچە ناخشىنىمۇ سويىۋېتىدىكەن!!!

ئۈستىدىكى فىلىم- 2009-يىلى ئىشلەنگەن ھىندى فىلىمى «خۇدا قوشقان بىر جۈپلەر» فىلىمى بولۇپ، ھىندى چولپىنى شاھرۇھخاننىڭ يەنە بىر نادىر ئەسىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىلگىرى بۇ فىلىمنى كۆرگەن چاغدا، ناخشىلىرىنى ئاڭلىمايلا ئۆتكۈزىۋېتىپتىكەنمەن. ئالدىنقى كۈنى توردىن بۇ فىلىمنىڭ تەشۋىقات فىلىمىنى ئۇچرىتىپ قېلىپ مۇنداقلا قويۇپ بېقىۋېدىم، كارامەت كۆز ئالدىمدا شۇ ھامان نامايەن بولدى، ئەسلىدە شاھرۇھخان بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر يېتىشكەن ناخشىچىكەن ئەمەسمۇ؟!!!

ناۋادا ئۈستىدىكى مۇبالىغە سۆزلىرى بىلەن سىزنى ئالداپ كىرگەن بولسام كەچۈرىسىز، ئاۋال يازمىغا كېلەيلى، قالدى گەپنى ئالدىرىماي دېيىشىۋالارمىز…
مەن ئۆزۈم ھىندى فىلىم مەستانىسى ئەمەس، بىراق ھىندىستاننىڭ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى ئىشلەۋاتقان فىلىملىرىنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمەن، مەيلى سەۋىيە جەھەتتىن بولسۇن، ياكى ۋەقەلىك جەھەتتىن بولسۇن ئىلگىرىلەش خېلى زور(يەنە قۇرۇق گەپكە چۈشۈپ كەتتىممۇ نېمە؟!!!). مەزكۇر سىن، يۇقىرىدا تىلغا ئالغان «خۇدا قوشقان بىر جۈپلەر» فىلىمىنىڭ تەشۋىقات فىلىمى بولۇپ، ئەسلى ھىندىچە ناخشا بىزنىڭ مەلۇم ياش ناخشا چولپىنىمىز تەرىپىدىن ئىنتايىن يۇقىرى سەۋىيە بىلەن ئەسلى سىنغا بېسىلىپتۇ. ناخشىنىڭ تەرجىمە قىلىنغان قىلىنمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ باقمىدىم، بىراق ئەسلى سىندىكى كۆرۈنۈش بىلەن ناخشىنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە بىرىكتۈرىۋېتىلىشى مېنى ھەيران قالدۇردى، بۇمۇ بىر يېڭىلىقكەن دەپ ئويلاپ، تورخۇمار دوستلار بىلەن بىرلىكتە ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن ئۇشبۇ تېمىنى يوللاشنى لايىق كۆردۈم.

پەرقلىق بولسۇن ئۈچۈن، مەن يەنە توردىن ئەسلى تەشۋىقات فىلىمىنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى نۇسخىسىنى تېپىپ، 优酷 تورىغا يوللاپ قويدۇم. تۆۋەندىكىسى ئەسلى تەشۋىقات فىلىمى:


ئۇيغۇرچە نۇسخىسى:


无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 12 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
  1. بىر كۈن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن بۇ كىنونى بۇلتۇر2009- 5- ئايلاردا يېڭى چىققان ۋاقتىدىلا ھىندى تىلىدا كۆرگەنتىم، يامان ئەمەس ئىشلەپتىكەن، ناخشىسىنىمۇ خېلى ياقتۇرۇپ قالغانتىم، ماۋۇ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنىمۇ ئالامەت كەلتۈرۈۋېتىپتۇ دىسە، ئاۋازى، تېكسىت_سۆز، قاپىيەلەر بەك كەپتۇ جۇمۇ…!
    باللا شاش جۇمۇ…! :!:

  2. دولقۇن731 : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئو ………… قاملىشىپتۇ جۇمۇ !
    ھېيىتڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ئۇستاز

  3. بىلىملەر تورى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    :razz: ۋەي ئالامەت . بۇ كىنوغا مەن بەك ئامراقتىم .. ئۇيغۇرچە ناخشىسىنى كىم ئېتقاندۇ ؟

    • torhumar :

      ئاۋازى بەك تونۇشقۇ، ئوبدانراق تىڭشاپ بېقىڭ :mrgreen:

  4. پادىشاھ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئالەھ شەرىڭنى كۆرمىي تەرىڭنى قەلتىس كەپتۇ

  5. بىر كۈن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كاسابلانكا نىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ئېيتقان ئاداش شۇمۇ نىمە…؟ :evil:

  6. لۈكچەك : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ناخشىنى ھېلىقى ئەمدى بۇلماق يېمەيمەن دېگەن ناخشىنى ئېيتقان «ئابدۇۋەلى ساتتار » ئېيتىپتۇ دەپ ئاڭلىدىم.

  7. چىنار : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ئېنىقلا كىرىشـــتۈرۈلگەن ناخشىكەنغۇ؟قالايمىقان جۆيلىمەڭ!

  8. يېڭىلىق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    راستىنلا ياخشى بىرىكتۈرۈپتۇ

  9. تەمبۇر شاھزادىسى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەك ياخشى تىما بوپتۇ ، ئەسلى بالدۇراق چىقىرىدىغان ئىشكەنتۇق !!!

  10. ئەجەل : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    چىقماس بولۇپ قاپتۇغۇ






باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)