بىر ئەر iPad 2 ئارقىلىق توي تەكلىۋى قويۇپ مۇۋاپىقىيەت قازانغان! بويتاقلار iPad كە سەل قارىماڭلار!!!

توي تەكلىۋى قويۇشنىڭ ئۇسۇللىرى خېلىلا كۆپ. ئەمما، iPad 2 بىلەن توي تەكلىۋى قويغاننى تېخى بىرىنچى قېتىم كۆرۈشۈم.
ئامېرىكىنىڭ كالېفورنىيە شىتاتىدا تۇرۇشلۇق جوردان(Jordan) ئىسىملىك بىر يىگىت، قىز دوستى جېشكا(Jessica)غا توي تەكلىۋى قويماقچى بولغان، بىراق كونا قېلىپلىشىپ كەتكەن ئۇسۇللارنى ئىشلەتكۈسى كەلمىگەن. شۇنىڭ بىلەن جوردان جېشكانى تۇيۇقسىز خۇشال قىلىۋېتىشنى كۆڭلىگە پۈككەن ۋە بىر دانە iPad2 سېتىۋېلىپ، كەينىگە «ماڭا ياتلىق بولۇشنى خالامسىز؟» دېگەن خەتنى ئويدۇرغان، ئاندىن ئۇنى قىزىل شەمشاد دەرىخى بىلەن پۈركەنگەن پالىساندىر ياغىچى باغچىسىغا تەكلىپ قىلغان، دەل قىزىل شەمشاد دەرىخى ئاستىدا، iPad2 نى جېشىكاغا سوۋغا قىلغان.
نەتىجىدە بۇ توي تەكلىۋى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولغان! جېشىكامۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىنلا «خالايمەن!» دەپ جاۋاپ بەرگەن. ئەمما تېخىمۇ كومىدىيەلىك يېرى شۇكى، جېشىكا گېپىنى تۈگىتىپلا، تاقەتسىزلىك بىلەن iPad 2 نى ئېلىپ ماڭغان. قارىغاندا، جېشىكا جوردانغا قارىغاندا iPad 2 نى بەكرەك ياخشى كۆرگەن بولسا كېرەك؟
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: iPad، توي، مۇھەببەت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 2,195 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 04-ئاينىڭ 02-كۈنى
- يازما مەنزىلى: http://www.torhumar.com/ipad2-propose.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئەمدىلا باشلانغۇچ 2-سىنىپتا ئوقۇيدىغان بىر بالا توپنى مۇنداق تېپىدىكەن! چوڭ بولسا «بالا» تېرىغۇدەك!!!
- كېيىنكى يازما > ئارام كۈنلىرى تورغا چىققاچ تىڭشاپ قويۇشقا ئەرزىيدىغان بىر قانچە يېقىملىق تاللانما ناخشىلار…
- «غەزەپلەنگەن قۇشقاچ: ئالەم بوشلۇقى» iPhone/Android/PC نەشىرى ئېلان قىلىندى
- نېمە ئۈچۈن ئالما شىركىتى iPhone ۋە iPad ماركىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقارمايدۇ؟
- ئالما شىركىتى iOS 5.1 ۋە iTunes 10.6 نى ئېلان قىلدى! Mac OS تىكى iPhoto مۇ ئاخىرى iOS قا ئورۇنلاشتى!
- ئالما شىركىتى 3-ئەۋلاد The new iPad نى ئېلان قىلىش نەقمەيدان يىغىنى خەنچە خەتلىك نۇسخىسى
- ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ تېخى ئىلگىرى ھېچكىم كۆرۈپ باقمىغان فانتازىيەلىك iPad مىش!
- سېھرىگەر Simon يەنە ئوتتۇرىغا چىقتى! بۇدا ئۇ تېخى ئېلان قىلىنمىغان iPad3 نىڭ كارامىتىنى كۆرسەتمەكچى!
- iPhone دا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش تەس ئەمەس! iOS تىكى ئۇيغۇرچە ئەپ – خاتىرەم(iPhone/iPad ھەممىنى قوللايدۇ)
- iOS ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇرچە RSS ئوقۇغۇچ – iPhone/iPad قاتارلىقلارنى قوللايدۇ
- ئالما شىركىتى قانداق قىلىپ iPad توغرىسىدىكى مەخپىيەتلىكلەرنى بۇنچە چىڭ ساقلىيالىغان؟
- A5 تىپلىق iDevice لارنى تۈرمىدىن مۇكەممەل قاچۇرۇش – iPhone 4S/iPad2 قاتارلىقلارنى قوللايدۇ
مەنمۇ بىرنى ئېلىپ سىناپ باقمىسام كېيىنچە…
ھازىرچە نىپىز ئېكىرانلىق تېلىۋېزور بېرىپ تۇرۇڭ بولمىسا !
بۇنداق تەلەپنى ئايپەدنى بىلمەيدىغان قىزغا بىرىپ توي تەلىپى قويسا ئارقىغىمۇ قارىماي كېتە..
بىجارە Jordan قويۇلۇپ كەتتى دىسەم ئىشەنمەيسىلە ھەقىچان !
قانداق دەيسىز؟
شۇ!!!
بۇنىڭدا ipad مۇھىم ئەمەس جىشكا مۇھىم.
ئىپاد قا تۇرۇپتۇ ئۇ قىز … مەن تىخى بىرەر ماھارەت قىپ تەكلىپ قويغان ئوخشايدۇ دىسەم …ئىپادنىڭ كەينىگە خەت ئويۇپ سوۋغا قىپ تەكلىپ قويۇپتۇ …
قارىغاندا بۇ i pad نى تازا ئېلان قىلاي دىگەن ئوخشىمامدۇ
ئالما شىركىتىنىڭ ئىلانىمۇ بۇ تىخى كىم بۇلىدۇ…
راستىنلا شۇنداق نوچىمىىدۇ بۇ ئايپەد 2 دىگەن كەمپۇتەر.
ipad نى ئالغاندىن كىيىن توردا باشقىنى تاپامدۇتېخى!!
ئالتۇن بىلەزۈك ياكى زەنجىر بىلەن قويسا، تېخىمۇ ئاسان بولار؟
نەلەردە يۈرۈيسىلە ۋوي كەپتەرجان؟ ئالتۇننىڭ باھاسى چۈشكەن بىلەن ماۋۇ iPad نىڭ باھاسى چۈشمىدى، قىزلار ئوبدان بىلىدۇ جۇما بۇنى
ئادەمنى كومپىيۇتېر ئالدىدىن ھەيدەپ بولالمايۋاتقاندا، iPadنىڭ قەدرىنى بىلىشى بىرگەپ جۇما. گۇاڭچاڭدا ئاستىغا قويۇپ ئولتۇرۇشى مومكىن.