YouTube نىڭ يىللىق چوڭ سوۋغىسى – Life In A Day(بىر كۈنلۈك ھاياتتىن ھوزۇرلىنىش) 720P سىنى چۈشۈرۈش
ئىككى قېتىملىق ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن رېژىسور رىدلېي.سكوت(Ridley Scott) ۋە كەۋىن.مەكدونالىد(Kevin Macdonald) بىرلىكتە يەرشارى بويىچە ئەڭ چوڭ سىن ھەمبەھرلىنىش تور بېكىتى YouTube بىلەن تۇنجى قېتىم ھەمكارلىق ئورناتقان ھوللىيۋود رېژىسورلىرى بولۇپ قالغان ۋە پۈتكۈل يەرشارىدىكى تور ئاھالىلىرىنىڭ سۈرەتكە ئېلىشقا بولغان ياردىمىگە ئېرىشكەن…
2010-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى، «مۇھەببەت» ۋە «قورقۇنچ» تېمىسىدا بىرلىكتە 80 مىڭ بۆلەكتىن تۈزۈلگەن، جەمئىي 4500 سائەتلىك فىلىم ئىشلەنگەن. فىلىمدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرى ۋە شۇ يەردىكى كىشىلەر، ئىش-ئىزلار ھەمدە ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ 2010-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى بىر كۈن ئىچىدىكى تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن، ئاشۇ نۇرغۇن جەبر-ھالاۋەت، يوقىتىش ۋە ئېرىشىشكە مۇناسىۋەتلىك ھېكايىلەر: ئاۋات چوڭ شەھەرلەردىن تارتىپ كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كېتىشكە ئاز قالغان يېزا-قىشلاقلارغىچە، ئالىي دەرىجىلىك ماشىنا ھەيدەيدىغان بايۋەتچىلەردىن تارتىپ كوچىدىكى مايلامچىلارغىچە، باشقىلارنىڭ كەينىدىن يۈرۈپ جان باقىدىغان تۇرمۇشتىن رەڭگارەڭ دۇنياغىچە ھەممىسى مەزكۇر فىلىمدە ئەكس ئەتكەن، فىلىمنىڭ ھېسسىي ئامىلى مول، تەسىر قىلىش كۈچى كۈچلۈك چىققان. بۇ نەچچە مىليوندىن ئاشىدىغان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئىجادىيەت، ئوسكارچە پۇراق بىلەن تويۇنغان رېژىسورلارنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا ئاخىرى كىنو ئېكرانىغا يېتىپ كەلدى، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ 80 مىڭدىن ئارتۇق قىزغىنلىق لاۋۇلداپ تۇرغان كۆرۈنۈشلىرى، بۇ بىر كۈندىكى ئىنسانىيەتنىڭ بىر كۈنلۈك تۇرمۇشىغا سىمۋول بولۇپ قالغان…
Life In A Day نىڭ 720P لىق سۈزۈك نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش(迅雷 دا چۈشۈرۈڭ) | مەنبە: تورخۇمار
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئىجادىيەت، ئىنسانىيەت، ئەسەر، تۇرمۇش، كىنو، چۈشۈرۈش
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 7,753 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى
- يازما مەنزىلى: http://www.torhumar.com/life-in-a-day.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > گۈزەللىكىدىن ئادەمنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان يەنە بىر مۇزىكىلىق فونتان – بەللاجىيو فونتانى
- كېيىنكى يازما > ئەگەر كەلگۈسى دۇنيا مۇشۇنداق بولىدىغان بولسا قالتىس بولغۇدەك جۇمۇ؟!
- سىرلىق تەجرىبە! كامېرا + سۇ + ياڭراتقۇ ئارقىلىق ئېقىۋاتقان سۇنى توختاتقىلى، ھەتتا تەتۈرىسىگە قاراپ ئاقتۇرغىلى بولىدىكەن!
- زېرىكىشلىك سىتاتسىكا: 复仇者联盟 دىكى ئىنتىقامچىلار بۇزىۋەتكەن نىيۇيورك شەھىرىنى ياساشقا قانچە پۇل كېتەر؟
- QQ影音 – ئاددى ۋە قولايلىق ھەممىباب قويغۇچ(توردىن چۈشۈرگەن كىنولارنى كۆرۈشتىكى تەۋسىيەلىك قويغۇچلارنىڭ بىرى)
- كىشىنىڭ قورققۇسىنى كەلتۈرىدىغان ئاجايىپ كىنو تەشۋىقات رەسىملىرى! ئارىسىدا قايسىلىرىنى كۆرۈپتىكەنسىز؟
- «سىرلىق ئۆمۈچۈك پالۋان The Amazing Spider-Man» فىلىمىنىڭ ئەڭ يېڭى تەشۋىقات فىلىمى ئېلان قىلىندى
- ھەقىقىي ئافغانىستان: ھىجاپ تېگىگە يوشۇرۇنغان ئېگىز پاشنىلىق ئاياق
- ئۆزگەرلەر3(变形金刚) فىلىمىنىڭ ئىشلىنىش تېخنىكىسى ھەققىدە – CG دىن تۆمۈر مەخلۇقلارغىچە بولغان جەريان
- دەرىجىدىن تاشقىرى قالتىس كۆرۈنمە ئۈنۈمدە ئىشلەنگەن ئاخىرقى زامان تەسۋىرلەنگەن قىسقا 3D فىلىم: خارابە(Ruin)
- كوچىدا يۈز بەرگەن بىر مەيدان «ھەقىقى» كىنو! YouTube دا چېكىلىشى مىليوندىن ئاشقان ئىجادىي سىن
- بەزى كىشىلەر پەقەت مائۇسنى ئازراق مىدىرلىتىپ قويۇپلا جەمئىيەت مۇقىملىقىنى بۇزىۋېتەلەيدۇ

توۋا تورخۇمار قۇرۇلغاندىن تارتىپ كۈندە كۆرىمەن،لىكىن تۆردىن ئورۇن تىگىپ باقمىغان. بۈگۈن خۇدايىم بەدى.
بەك تېزكەنسىز، يوللاپ بولۇپ ئۆزۈم كۆرۈشكىمۇ ئۈلگۈرمىگەن تېخى
نىمانچە مەسئۇلىيەتسىز ئادەم بۇ؟ ئۆزى ككرمەيلا يوللاپتا بۇ فىلىمنى
بۇ فىلىمنى تەرجىمە قىلىپ بولغانمۇ؟
ئۇنداق بولمىدىمىكىن تىخى ، ساقلايمىز ھە ئەمسە …
چۇشمەيدىغۇ؟
مېنىڭكىدىمۇ چۈشمىدى .