نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > نـادىـر ئـويـۇنـلار > يازما مەزمۇنى

سۈرلۈك، ئەمما ئەقىل سىنايدىغان يەنە بىر فەچەت ئويۇن – دوزاخنىڭ چېگرىسىدا(Limbo)

سىغىمىنىڭ كىچىكلىگە قارىماي، ئىنتايىن ئۆزگىچە بولغان كۆرۈنمە يۈز ۋە ۋەقەلىكى ئاجايىپ نەپس ئورۇنلاشتۇرۇلغان نادىر ئويۇن – Limbo. ئويۇننىڭ مەشغۇلات ئۇسۇلى ئىنتايىن ئاددى، ئىنچىكىلىك بىلەن لايىھەلەنگەن ھەر بىر ئۆتكەل سىزدىن ناھايىتى سەۋرچانلىق بىلەن كاللا ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ بىر ئويناپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن!

پۈتكۈل ئويۇن جەريانىدا سىزنى يېتەكلەيدىغان بىرەر دېئالوگ ياكى كۆرسەتمە كۆرۈنمەيدۇ، بۇ قارىماققا بىر ئاز تەۋەككۈلچىلىكتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما Limbo نىڭ ئىنچىكىلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان سىرلارنى يېشىش جەريانى سىزنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋېلىشى ئېنىق. ئويۇن بىر خىل قاراڭغۇ، قورقۇنچلۇق ئورمانلىقتىن باشلىنىدۇ، گەرچە كىشىگە سەل سۈرلۈك تۇيغۇ بەرسىمۇ، ئەمما سەنئەت پۇرىقى ئىنتايىن كۈچلۈك، ئادەمنى تۇيۇقسىز قورقىتىۋېتىدىغان ئېلىمېنتلار يوق.

ئويۇننىڭ سىغىمى 70MB كېلىدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا قاتتىق دېتالغا بولغان تەلەپ يوق دېيەرلىك. بىراق سىز ئويۇننى چۈشۈرۈپ ئويناشقا باشلىغان چېغىڭىزدا، بۇ كىچىككىنە ئويۇنغا يوشۇرۇنغان بۇنچىلىك سىرلارنى كۆرۈپ ئۆزىڭىزگە بېشىڭىزنى لىڭشىتىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.

ئويۇننى قاچىلاش ئۇسۇلى:

1. پرېستىن يېشىمىز؛
2. setup.bat ئارقىلىق قاچىلاشنى باشلايمىز؛
3. ئېكراندىكى تېزلەتمە ئايكون ئارقىلىق باشلاپ كەتسەك بولدى.

چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷 دا چۈشۈرۈڭ):

Limbo نى چۈشۈرۈش |    مەنبە: torhumar.com

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 18 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
  1. ھەزرەت : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خۇدايا توۋا …. ھەممىسى تالىشىدىغان يەر مۇشۇ شۇما ؟! :grin:
    مەنمۇ بېرىپ ئويناپ باقمىسام بۇ ئويۇننى !

    • بەگزادە :

      ئاخشامدىن بېرى ئويناپ تۈگەتتىم، دىۋانغا مەجبۇرى قىستىلاي، ھەزرەت سەل ئىچىگىراق ئولتۇرىڭە :grin:

    • ئەلشات :

      ھەي ئۈچەيلەن پاتىلى ماۋۇ دىۋان دىگەن شاھنىڭ ئورنىغا، سەل قىستىلىڭلارچۇ

  2. سەھرالىق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاڭلىسام تەدبىركار ئۆزى بىر قوللۇق ئويناپ ئاخىرلاشتۇرۇپتىمىش، مەنمۇ ئويناپ باقاي بۇنى !

  3. ۋىروس : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىلگىرى بۇ ئويۇننىڭ بەزى ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈپ خېلى قىززىققان ،،، قېنى چۈشۈرۈپ سىناپ باقاي !

  4. پولات : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پەيزى ئويۇنكەن

  5. ھەۋەسكار : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    راست ئېسىلكەن! ئىچىگە كىرىپلا كەتتىمغۇ بۇنىڭ

  6. جەسۇر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ بىر ئويناپ باقايچۇ

  7. ئۈشقول : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ئويۇننى بۇرۇن بىر مۇنبەردە كۆرۈپ ئوينىغۇم كەلمىگەن، ئەمما ما چۈشەندۈرۈشلەرنى كۆرۈپ …

  8. رازۋىتچىك : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قارام ئۇيۇن بولىشى مۇمكىن،ما!1تەدبىركار ئەدەمنى ئۇيۇنغا تۇتۇپ دەيمە… :grin:

  9. ئەلشات : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىر ئويناپ باقاي قىنى مۇشۇ سۈرلۈك ئويۇننى

  10. پاسىبان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشۇنداق سىر يېشىدىغان ئويۇننىڭ ئايفون، ئايپەدلەردە تۈرلىرى، سانى بەكلا كۆپ. دەسلەپكى 1~2 نى ئويناپ تازا قىزىقالمىدىم. كومپىيۇتېردىكىنى ئويناپ كۆرۈش كېرەكمىكى

  11. موللاقچى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    چۈشۈرگىلى بوممىدى ،چۇشۇرۇشنى باسسام نۇرمال ئەمەس…

  12. بوغلان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەمدى مەنمۇ چۈشۈرۈپ ئويناپ باقاي

  13. ئەززام : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەمما ماۋۇ ئۇيۇننى چۈشۈرۈپ قۇيۇپ بىرىنچى ئۆتكەلدىنلا ئۆتەلمىدىم.

  14. ئەنقەر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    11 – ئۆتكەلدىن قانداق ئۆتىدۇ ؟ يوغان ئۆمۈچۈكتىن ئەجەپ قۇتۇلالمىدىم

  15. ئەنقەر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    31-ئۆتكەلگە كەلدىم :mrgreen:

  16. مەن شۇ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    چۇشۇش ئالدىدا






باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)