لۇ ئۇستام – ئامراق كومپيۇتېرىڭىزغا ئومۇميۈزلۈك دېئاگنوز قويۇپ بېرىدۇ
لۇ ئۇستام(ئەسلى نامى Z قورالى) بولسا، يېڭى بىر ئەۋلاد سېستىما قورالىغا تەۋە يۇمشاق دېتال بولۇپ، ئۇ ناھايىتى ئاسانلا كومپيۇتېرىڭىزنىڭ قاتتىق دېتال تىپلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقالايدۇ ھەمدە سېستىمىڭىزنىڭ بىخەتەر ۋە راۋان يۈرىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ھەتتا قاتتىق دېتاللىرىڭىز(مەسىلەن، CPU,GPU، قاتتىق دېسكا، ئاساسى تاختا دېگەندەك)نىڭ نۆۋەتتىكى تېمپراتۇرىسى، ئىشلىتىش ئەھۋالىغىچە تەپسىلىي كۆرسىتىپ، سىزنى كومپيۇتېرىڭىزنى ھەر ۋاقىت چۈشىنىپ تۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغان ھەقسىز يۇمشاق دېتال.
ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى:
سېستىما قاتتىق دېتاللىرىنى ھەر ۋاقىت كۆزىتىش ۋە ئومۇمى ئەھۋالدىن دوكلات بېرىش، ئېكراندىكى بۇزۇلغان ئورۇنلارنى دەل ۋاقتىدا بايقاش، CPU،GPU،ئاساسى تاختا، قاتتىق دېسكا قاتارلىقلارنىڭ تېمپۇراتۇرىسىنى كۆرسىتىپ بېرىش ۋە بۇ ئارقىلىق ئىشلەتكۈچىگە ۋاقتى ۋاقتىدا ئەسكەرتىش بېرىش، لەپتوپ كومپيۇتېرلارنىڭ باتارىيەسىنىڭ ئىشلىتىش ئەھۋالىدىن دوكلات بېرىش، سېستىما ئەخلەتلىرىنى تازىلاش، سېستىما يوچۇقلىرىنى بايقاش ۋە ياماقلارنى ئۇرۇش، سېستىمىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە ئارتۇقچە كېرەكسىز ئۇچۇرلارنى تازىلاپ، پۈتكۈل كومپيۇتېرنىڭ ئومۇمى خىزمەت ھالىتىنى ئەڭ ياخشى ھالەتكە تەڭشەپ بېرىش قاتارلىق ئىقتدارلىرى بار، باشقا ئىقتىدارلىرىنى ئىشلىتىش جەريانىدا سىناپ كۆرسەڭلار بولىدۇ. Windows XP, Vista ۋە Windows 7 مەشغۇلات سېستىمىلىرىدىمۇ شۇنداق ياخشى ئىشلەيدۇ.
يۇمشاق دېتال نامى: لۇ ئۇستام(鲁大师)
پايدىلىنىش شەكلى: ھەقسىز
يۇمشاق دېتال تىلى: خەنچە
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
لۇ ئۇستام كومپيۇتېر ياردەمچىسى | مەنبەسى: torhumar.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يۇمشاق دېتاللار]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئەلالاشتۇرۇش، سېستىما، قورال
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 1,486 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 09-ئاينىڭ 02-كۈنى
- يازما مەنزىلى: http://www.torhumar.com/ludashi.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئاجايىپ قالتىس ئىشلەنگەن قىسقا فىلىم – تۆمۈر بوۋاق پالۋان(Iron Baby)
- كېيىنكى يازما > 80-يىللاردا تۇغۇلغان تەڭتۈشلەرگە تەقدىم ئېتىدىغان بىر قىسىم بالىلىق ئەسلىمىلىرىم
- Ubuntu 12.04 تارقىتىلدى (كۆرۈنمە يۈزى %93 ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سېستىمىسى)
- Android ئوينايدىغانلار ئۈچۈن تەۋسىيەلىك قورال – ShuaMe | ئەمدى Root قىلىش ياكى ROM يېڭىلاش تەس ئەمەس
- 迅雷/快车/QQ旋风 لارنىڭ مەخسۇس چۈشۈرۈش ئادرېسىنى بىر كۇنۇپكا بىلەن يېشىش ۋە مەخپىيلەشتۈرۈش قورالى
- Windows8 Beta ئىستېمالچىلار كۆرگەزمە نەشىرى(Windows 8 Consumer Preview) ئېلان قىلىندى!
- ئاددى ۋە بىخەتەر ئۇسۇلدا Windows7 بىلەن Windows8 نى قوش سېستىما شەكلىدە قاچىلاش
- Windows8 نىڭ ئېلان قىلىنىشى تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىردى، Win8 نىڭ قانداقلىغىنى بىلگۈڭىز بارمۇ؟
- تېز كېلىڭلار! ھوللىيۋودنىڭ قورال-ياراغ ئامبىرىنى كۆرۈپ باقايلى! چوقۇم كۆزىڭىز ئېچىلىپ قالىدۇ!
- Windows نىڭ قوزغىلىش مۇزىكىسى بىزگە ناتونۇش ئەمەس، بىراق قايسىڭلار تولۇق نۇسخىسىنى ئاڭلاپ باققان؟!
- مىكروسوفت Windows XP نىڭ ئېلان قىلىنىپ 10 يىلغىچە ھېلىھەم ھايات تۇرۇشىنىڭ 10 چوڭ سەۋەبى!
- Windows 7 نى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن تورغا ئۇلاش ئۇسۇلى(رەسىملىك)

مەن بۇ نەرسىنى ئۆتكەندە ئىشلىتىپ كومپىيوتېرىمىنى تەكشۈرسەم ‹‹سىزنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىڭىز بىر دانە ئەخلەت كومپىيوتېر ئىكەن››دەپ خەت چىقىپ ھىجىيىپ تۇرىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئاچچىقىمدا يۇيۇپ تاشلىغان ئىدىم.
ھا ھا!!! كومپيۇتېرىڭىز لۇ ئۇستامغا يارىماي قاپتۇدە
بۇ لۇ ئۇستام بولدىكەن