نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > نـادىـر ئـويـۇنـلار > يازما مەزمۇنى

كاللا ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىدىغان نادىر ئويۇن – ماشىنىلاشقان ئېزىتقۇ شەھىرى(Machinarium)

كاللا ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىدىغان نادىر ئويۇن - ماشىنىلاشقان ئېزىتقۇ شەھىرى(Machinarium)

«ماشىنىلاشقان ئېزىتقۇ شەھىرى» بولسا Amanita Design دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىچىك ئويۇن تۈزەش گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن قىزىقارلىق ھەم كاللا ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىدىغان، ھەرخىل مەخپىي ئۆتكەللەرنىڭ سىرىنى تېپىش ئارقىلىق كېيىنكى قەدەمگە ئۆتكىلى بولىدىغان نادىر 2D ئويۇن. ئويۇننىڭ پۈتكۈل تارماقلىرىنى تولۇق تۈگىتىش ئەمىلىيەتتە ئۇنچە ئاسان ئەمەس، نۇرغۇن ئويۇن ھەۋەسكارلىرى بۇ ئويۇننىڭ ماي قەلەم ئۇسلۇبىدىكى پۇرىقىنى بىر كۆرۈپلا ياقتۇرۇپ قېلىشقان، بىر ئويناپ بېقىشقا ئەرزىيدىغان ئويۇن!

ئويۇننىڭ سۈرەت لايىھەسى ناھايىتى نەپس لايىھەلەنگەن بولغاچقا، ئويۇننىڭ سىغىمىمۇ 300MB غا بارىدۇ، تۆۋەندىكى سىن ئارقىلىق ئويۇندىن بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈشكە بولىدۇ:

بۇ ئويۇننى دەسلىۋىدە بىر كۆرۈپلا ياقتۇرۇپ قېلىپ چۈشۈرۈپ ئويناپ باققان ئىدىم، ئىككى دوستۇم بىلەن قوشۇپ جەمئىي 3 ئادەم ئەتتىگەن سائەت 8 دىن باشلاپ تاماق يېمەي ئويناپ كەچ سائەت 10 دا ئاران تۈگەتتۇق، ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتكەنلىكىنىمۇ بىلمەيلا قاپتىمىز. كاللا ئىشلىتىش تىپىدىكى ئويۇنلارنى ياقتۇرىدىغان تورداشلارنىڭ ئىشتىھاسىغا ئىنتايىن باپ كېلىشىدە گەپ يوق!

چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷 دا چۈشۈرۈڭ):

ماشىنىلاشقان ئېزىتقۇ شەھىرى | مەنبەسى: torhumar.com | خەنچىلەشتۈرۈش يامىقى

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 15 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
  1. كاپىتان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۈستىدە ئوڭ تەرەپ بۇرجەكتىكى كىچىك ئويۇننى ئوينىسا خەرىتە بېرىدۇ .مەنمۇ بەك تەستە تۇگەتكەن.2-قىسىمى چىققان بولسا يوللاپ قويساڭلار چۇ؟

    • torhumar :

      ئىككىنچى قىسمى تېخى چىقمىدى. سىز ئۇلارنىڭ تور بېكىتىگە بېرىپ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ:
      http://machinarium.net/blog/

  2. ياۋايى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يوو قايلاپ تۇسام يوللىنىپتى …چىسەم بىردەمدە ما ئىككەيلەن تۆرىگە چىقىۋاپتا …

    ئىچىم پۇشقاندا ئويناي ئەمسە …مەن بەك ئامراق مۇشۇنداق ئويۇنغا …

  3. فەخرۇ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    چۈشۈرگىلى بولمىدىغۇ ؟

  4. كەمەك : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ئويۇننى بۇلتۇر ئويناپ تۈگەتكەن ئېدىم. :grin: :grin: :grin: :grin: ئاجايىپ پەيزە.

  5. خەنجەر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ بۇرۇن يوللىنىپ بولغان كونا تېمىغۇ دەيمەن ؟ تەدبىىركار ئەپەندىم ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ نىمە ؟

  6. ئۇيغۇربەگ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھازىر ئويۇن ئويناشقا خوشۇم قالمايۋاتىدۇ، تەددىي ھەزرەت، رېتسىپ بەرسىلە!

  7. ئەززام : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    فىلىمدىكى كۆرۈنۈشنىڭ ئەڭ ئاخىردىكى ۋەزىپىدىكى بىرتال تۇتاش تۇرردىغان لامپۇچكىنى قەتئى تاپالمىدىم.

    • بەگزادە :

      قولىڭىزنى ئۇزاتسىڭىزلا تاپقىلى بولىدىغۇ؟ فىلىمدىمۇ شۇنداق ئېنىق ئەسكەرتىپتۇ.
      ئىشقىلىپ كلاسسىك ئويۇنلارنىڭ بىرى، بىر ئوينىمىسا بولمايدىغان ئويۇن.

    • ئەززام :

      قارىغاندا سىز ئويناپ باقماپسىزدە؟ :?:

  8. نۆل & بىر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ بۇلتۇر ئويناپ تۈگەتكەن ئېدىم…گۈزەللىك سىزىمى ياخشى كىشىلەر ياختۇرۇپ ئوينايدۇ

  9. نۆل & بىر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۆزىنىڭ مەخسۇس تورىدىن چۇشۇرسە 8 ياۋرۇكەن …مەن 5 يۈەنكە سىتىۋالغان…ھى ھى ھى

  10. مەرەز : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇنداق ئويۇنلارغا بىرلا كىرىشىپ قالسا شۇنى ئاخىرلاشتۇرمىغىچە بولدى قىلغۇسى كەلمەيدىكەن ئادەمنىڭ.

  11. مۇسلىم : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    چۈشمەي دىغۇ. :?:

  12. tohti523 : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماڭا يارىدى جۇمۇ؟






باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)