ئېلىمىز جۇڭگودىن يىراق قىرلارغا يېتىپ كەلگەن سېھىرلىك قاتتىق دېسكا…
بۇ ئىش ئېلىمىزدىن يىراق بولمىغان روسىيە چېگرا رايونىدىكى مەلۇم كىچىك بازاردا يۈز بەرگەن. بۇ كىشى بىر قاتتىق دېسكا رېمونت قىلىش مەركىزىدە خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، بىر كۈنى بىر خېرىدار بۇزۇلغان 500G لىق كۆچمە قاتتىق دېسكىدىن بىرنى كۆتۈرۈپ كەلگەن، بۇ سىرلىق قاتتىق دېسكا قارشى قىرغاقتىكى جۇڭگودىن كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، باھاسىنىڭ تۆۋەنلىكىگە كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىكەن. بىراق بۇ دېسكىنى ئىشلىتىشتە يەنە بىرئاز نورمالسىزلىق بار ئىكەن…
يەنى سىز بىر كىنونى بۇ ياندېسكىغا كۆچۈرسىڭىز، پەقەت بۇ كىنونىڭ ئەڭ ئاخىرقى 5 مىنۇتلۇق يېرىنى قويغىلى بولىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ رېمونتچى دېسكىنىڭ ئىچىنى ئېچىپ كۆرۈپ باقماقچى بوپتۇ ۋە ئېچىشى بىلەن تەڭلا قاتتىق ھەيران قاپتۇ، ھەتتا پۈتكۈل رېمونتخانىدىكىلەرمۇ كۆرۈپ يەردە دومىلاپ كېتىپتۇ. چۈنكى ئۇلار بۇنداق ياندېسكىنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان ئىكەن…
بۇ ياندېسكا بىر دانە 128MB لىق بارماقدېسكا ئۆزىكى ۋە ئىككى دانە چوڭ ۋىنتىدىن قۇراشتۇرۇلغان بولۇپ، ئىككى دانە چوڭ ۋىنتىنى قوشۇپ قويۇشتىكى سەۋەپ، دېسكىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئاشۇرۇپ باشقىلارغا ھەقىقى ياندېسكىدەك تەسىر بېرىش ئىكەن. ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، بۇ ياندېسكىنى كومپيۇتېرغا چاتقاندا ئومۇمى سىغىمى نورمال كۆرۈنىدىكەن، خېرىدارنىڭ ئېيتىشىچە، ساتقۇچى تەرەپ ئەينى چاغدا ياندېسكىنىڭ نورمال خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن ئىكەن ھەمدە تېخى ئاتايىتەن ئىككى دانە ھۆججەت كۆچۈرۈپ كۆرسىتىپ قويغان ئىكەن، ئىشىنىمەنكى بۇنداق ئەھۋالدا ھەرقانداق ئەستايىدىل خېرىدارمۇ ئالدانماسلىقى ناتايىن.
ئەمەلىيەتتە بۇ قاتتىق دېسكا ئىزچىل «looped» خىزمەت ھالىتىدە بولۇپ، بۇ ھالەتتە، ئادەتتە چوڭ سىغىمدىكى ھۆججەت كۆچۈرگەندە، ناۋادا بوشلۇق يېتىشمىسە، ئاپتوماتىك ھالدا بېشىدىكى سېكتورغا يېزىلغان ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈپ تاشلاپ ئورنىغا يېزىپ كېتىۋېرىدۇ. بۇمۇ نېمە ئۈچۈن پۈتۈن بىر كىنونىڭ پەقەت ئاخىرقى 5 مىنۇتلۇق يېرىنى كۆرگىلى بولۇشنىڭ سەۋەبى.
جۇڭخۇا تالانت ئىگىلىرى ئارىسىدا قىستىلىپ ياشاۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، مۇشۇنىڭدەك ھەر خىل يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئالدامچىلىق ۋاستىلىرىدىن ساقلانماق تولىمۇ تەس. تورداشلارنىڭ يەنە باشقا ئالدامچىلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇللىرى بولسا تارتىنماي ئورتاقلىشىشىنى قارشى ئالىمەن. ئاخىرىدا كۆپچىلىككە يەنە بىر «ئالىي دەرىجىلىك بارماقدېسكا» قالدۇراي…

- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئالدامچىلىق، بارماقدېسكا، قاتتىق دېتال، ياندېسكا
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 2,845 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 05-ئاينىڭ 11-كۈنى
- يازما مەنزىلى: http://www.torhumar.com/magic-harddrive.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > سىرلىق ئۈنۈمدىكى فوتو-سۈرەتلەر : جروست ئېففىكتى
- كېيىنكى يازما > FireFox ئوتتۈلكە تور كۆرگۈسى Android يانفون نەشىرى رەسمى ئېلان قىلىندى!
- كومپيۇتېرنىڭ ئەسلى زاپچاسلىرىدىن قۇراشتۇرۇپ چىقىلغان ئاجايىپ نەپس دۇنيا خەرىتىسى!
- Crypteks – قاتمۇ-قات مەخپىيلەشتۈرۈلگەن ئاجايىپ ۋەھشەت بارماقدېسكا!
- 小米 يانفونى ئالماقچى بولغانلار دىققەت! 小米 يانفونىنىڭ زاۋۇت نۇسخىسىنىڭ ئىقتىدارلىرى بىلەن تونۇشۇش
- ھۆكۈمرانلار ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ: iPhone4 ،iPhone4S ۋە Galaxy SII لارنى ئىقتىدار ۋە سۈرئەتتە سېلىشتۇرۇش
- ئالدامچىلار بىكار تۇرماپتۇ! QQ دىكى يېڭى ئالدامچىلىقتىن ھەزەر ئەيلەڭ!
- خاككېرلىق بىلەن 4 مىليون پۇلنى ئالداپ كەتكەن دوكتور، توينىڭ ئالدىنقى كۈنى تۇتۇلۇپتۇ…
- UDiskMonitor – بارماقدېسكا(U盘) ئىچىدىكى ماتېرىياللار بەزىدە مۇشۇنداق ئوغرىلىنىدۇ
- Win7 قاچىلىسام ئاۋاز چىقمىدى؟ قاتتىق دېتال قوزغاتقۇچ پروگراممىلىرىنى 驱动精灵 جۆندەيدۇ!
- سىزگە ئالدامچىلىق ئۇچۇرى ئەۋەتكەنلەرنى قانداق جايلاشنى ئۆگۈتۈپ قوياي | ئەڭ قەبىي ۋاستىلەر


ھى ھى ھى ھى ئەقىللىق ھە ھازىر ئادەملە باشقا يەرگە ئىشلەتمىسىمۇ پۇلغا كەلگەندە ئالامەت ئىشلەپ قۇيدۇ ……. ھە راس دۇ مېي تىې كا ‹ساقلاش كارتىسى › ئىشلەتمەپتۇ خۇداغا شۆكرى
بۇ نىمىلە پۇل دىسە يۈزىنى ساتىدۇ