نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > چۈچۈك خەۋەرلەر > يازما مەزمۇنى

قىز دوستىغا Iphon ئېلىپ سوۋغا قىلغاننىڭ نەرى خاتا؟ ياخشى نىيەتلىك تورداشلار مەسلىھەت بېرىڭلار!!!

بىرەيلەن قىز دوستىغا iPhone سېتىۋېلىپ سوۋغا قىپتۇ، بىراق كۈتۈلمىگەندە، ئىككىنچى كۈنى قىز ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىپتۇ. بۇ قىزنىڭ نېرۋىسىدا چاتاق بارمۇ ياكى يىگىتتىن بىرەر سەۋەنلىك ئۆتۈلدىمۇ؟ تۆۋەندە تەپسىلاتىنى يىگىتىنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلايلى…

تۆنۈگۈن قىز دوستۇم بىلەن تونۇشقانلىقىمىزنىڭ بىر يىللىق خاتىرە كۈنى ئىدى، ئالدىنقى كۈنى قىز دوستۇمدىن نېمىنى ياقتۇرىسىز دەپ سورىسام، ئۇ iPhone 4 دەپ بىر يانفون چىقىپتۇ، شۇنىڭغا بەك ئامراق بوپ قالدىم دېدى. شۇنىڭ بىلەن شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىنلا يانفون بازىرىغا چاپتىم. قىز دوستۇمنى بىر خۇش قىلىۋىتەيچۇ؟

- خوجايىن، سىلەرنىڭ بۇ يەردە iPhone 4 بارما؟

- شۇنداق

- قانچە پۇل؟

- 420 سوم

شۇ ھامانلا ئارقامغا ئۇچۇپ كەتكىلى تاس قالدىم. نېمە دېگەن قىممەت تېلىفون بۇ؟! يەنە ئويلاپ باقسام، مۇھەببىتىمىزنىڭ بىر يىللىق خاتىرە كۈنىكەن، بوپتىلا، ئالسام ئالاي دەپ ئويلىدىم ۋە خوجايىندىن سورىدىم.

- ئەرزانراق بەرمەمسىز؟

- بالاڭزا، ماۋۇ دېگەن خەلقئارالىق ماركا جۇما؟! ھەقىقى ئالتۇن يالىتىلغان، 50 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى سۇدا ھېچنىمە بولمايدۇ، سترېئولۇق ئاۋاز ئۈنىمى ئالاھىدە يۇقىرى، قىز دوستىڭىز سومكىسىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىگە سېلىۋالسىمۇ تېلىفون ئاۋازىنى ئاڭلىيالماسلىقىدىن ئەندىشە قىلىش ھاجەتسىز. ئىچكى سىغىمى ئالاھىدە چوڭ، 20000 دانە قىسقا ئۇچۇر پاتىدۇ، كۆكچىش، سىمسىز تورغا چىقىش، 3G تورىدا پاراڭلىشىش، ھەتتا تېلىۋېزور كۆرۈش، رادىئو ئاڭلاش ئىقتىدارلىرى بار تەڭداشسىز يانفون بۇ!

قىز دوستۇمغا ئالىدىغانلىقىمنى قانداق بىلىۋالدىكىنا؟ سودىگەر دېگەن مۇشۇنداق يامان خەق دېسە، بوپتۇ يەنە بىر تالىشىپ باقاي.

- بولسا ئەرزانراق بەرسىڭىز خوجايىن(ئەمەلىيەتتە شۇ چاغدا خۇشاللىقىمدىن قىن-قىنىمغا پاتماي قالدىم، پەچچەت تېلىفونكەن جۇما؟!)

- ناۋادا بەك ئالغۇڭىز بولسا، بوپتۇ 350 كە بېرەي

- 300 سوم بېرەي، قانداق؟

- 300 گە كەم بولىدۇ ئۇكەم، بىزمۇ 300 دىن ئالالمايمىز

بۇ دۇكاندىن ئۆزۈم كۆزلىگەن باھاغا ئالالمايدىغانلىقىمنى پەملەپ كەينىمگە بۇرۇلدۇم…دەل شۇ چاغدا خوجايىن چاقىرىپ قالدى.

- بولدى كېلىڭە ئۇكام، سىزگە بىرنى زىيىنىغا ساتقان بولاي، قىز دوستىڭىزنى بىر خۇش قىلىۋېلىڭە مېنىڭ باھانەمدە

تېلىفوننى قولامغا ئېلىپ خوشلۇقۇمدا سەكرەپ كەتتىم، ئەجەپ قالتىس بولدى!!! 256MB لىق دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلەنگەن يانفونغا، ئابلاجاننىڭ ئۇمماق ئۇمماق جانانىمدىن نەچچىسى پېتىپ كېتە ھە؟!! ھا ھا ھا!!! قىز دوستۇم چوقۇم خوشلىقىدىن ئىشتىنىغا سىيىۋىتىدىغان بولدىدە؟!

ئەمما كېيىنكى ئىشلار دەل ئويلىغىنىمنىڭ ئەكسىچە بولدى. تۈنۈگۈن تېلىفوننى قىز دوستۇمغا سوۋغا قىلغان چېغىمدا، ئۇنىڭ چىرايىدىن سەل خاپا بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلدىم، تېخىمۇ يامان بولغىنى، بۈگۈن تېلىفون قىلىپ ئايرىلىپ كېتەيلى دەيدۇ.

ئولتۇرغان كۆپچىلىكتىن شۇنى سوراپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ، ئەجىبا مېنىڭ قىلغىنىم خاتامۇ؟ مەن زادى قانداق قىلىشىم كېرەك؟

تۆۋەندىكىسى مەن ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغان iPhone 4

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 75 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
  1. پاسىبان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەك كەلگەن يۇمۇر بوپتۇ ماۋۇ :mrgreen:

  2. پرېستان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇماردىكى قىزلار شاش…. :mrgreen:

  3. رىتا1028 : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇنداق بولسا مەنمۇ ئايرىلىپ كەتكۈدەكمەن :mrgreen:

  4. ئەزىز : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماۋۇ ئامال بولىدىكەن جۇما ، مەنمۇ بىر سىناپ باقاي :mrgreen:

  5. بۇغرا : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    باشتا ئادەمنى ئويلاندۇردىغان، كېيىن كۈلدۈردىغان يازىمىكەن
    ياشا مۇھەببەت

  6. ساختا : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ سىزگە ئوخشاش ئەخۋالغا يولۇققان ،我跟我的女友谈了两年,这过程中我花了N个手机的礼物,我连都
    从来没有拥抱过她,因为她说yamanbolidu.虽然我跟她谈了两年真没有发现她有别的男朋友,她的另一个男朋友是司机.我是大学生.女友也是大学生,担不是一个学校,但是咱们学校离很近,她有两个手机我一个是跟打电话用另一个是她的司机老公用的.我们有一次约会她两个手机都带了,她的手机突然响起来了.她一接就对方骂了她一顿,我很生气的,然后我说谁呀?把电话给我,她不想给我手机,我强迫的拿了她的手机,她说把手机还给我,我没听她的话,然后对那个家伙说为什么骂人你有病吗?他说你谁呀,我说我是她的男朋友,他也同样的说他是她的男朋友,这时她对我说听我解释,我没听她的话走了,我把她的手机拿回学校来,然后给他打电话,问他到底是怎么回事,他所有的事情都给我说了,她花了司机的很多钱,他和她已经N上过床,这时极度喷怒,那天晚上我给她打电话说他所说的一切,她最终承认了,第二天她不敢我约会,我给她打电话说下贼,从此以后我没有见过她,不知道还有多少个女孩有这样?

    你的女友也可能别的男朋友,

    • ئەنقەر :

      ساڭا ئىچىم ئاغرىپ قالدى ئاغىنە، ھەي! ئۇنداق قىزلارنى * تاشلىۋېتىدىغان گەپكەن

    • نەفىسە :

      مېنىڭمۇ ئىككى ئوغۇل دوستۇم بار دېسەم، تورخۇماردىكىلەر دەسسىۋىتىدىكەندە مېنى :mrgreen: ھەر نىمە بولسا بىرى بىلەن ئايرىلىپ كېتىپتىمەن :lol: :lol: :lol:

  7. نۆل ۋە بىر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ نداق ئېلانلاردىن بەكمۇ تويدۇم…ئالمىنىڭ ئىلان تورى بوپقاپتۇ بۇ….

    • سەھرالىق :

      تەدبىركارنىڭ باش سۈرىتىگە دىققەت قىلدىڭىزمۇ؟
      دىققەت قىلغان بولسىڭىز مۇشۇنداق دېمەيتىڭىزدە…

    • نەفىسە :

      سەھرالىققا قايىل بولۇپ ئون قولۇمنى قويۇۋەتتىمغۇ :arrow: بىچارە تەدبىركارنىڭ باش سۈرىتىنىمۇ بوش قويۇۋەتمىدىڭىز- ھە ! :???:

    • ئەنقەر :

      تەلىيىڭىز باركەن، بىرسى مەن چىقىپ قالماپتىمەن. ئىشقىلىپ دەسسىۋەتمىسەممۇ بوش قويىۋەتمەيتىم :cool:

    • سەھرالىق :

      نەفىسە خېنىم،تەدبىركار ما ئىنكاسىنى كۆرىدىغان بولسا :lol:

    • نەفىسە :

      ئەنقەر، راسىت ھىلىمۇ سىز بولۇپ قالماپسىز ….. :mrgreen: لېكىن دەرھال قىز دوستىڭىزغا بولغان كۆزىتىشنى چىڭىتىڭ جۇما……بىر نىمە دەپ بولمايدۇ ….. (مەخپىي پاراڭ جۇمۇ ماۋۇ، قىز دوستىڭىغا دەپ قويماڭ يەنە ، بولمىسا ئا جا چىچىمنى يۇلۇۋەتمىسۇن)

  8. ئايقىز : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سوغا قىلغنى ساختا iphone4بولغاندىكىن ئوغۇل دوستىنىڭ مۇھاببىتىمۇ يالغان ئوخشايدۇ دەپ ئايرىلىپ كەتكەن چېغى با…. :mrgreen:

    • ئەنقەر :

      خۇدايىم ساقلىسۇن دەڭا مانداق، تىلىڭىزغا تاش! ئۇنداق كۆزۈتۈپ دەككە-دۈككىدە يۈرگەندىن، قويىۋەتكەن ياخشى ئىشەنچ قىلالمايدىغان قىزلارنى، ماقۇ ماقۇ، دېمەي ،قىز دوستۇممۇ چېچىڭىزنى يۇلىۋەتكۈدىك ئۇنداق بىشەم ئەمەستى، :mrgreen:

    • نەفىسە :

      ئەمدى دەيمىنا …… ساقنى تاز دېسە كۈلكىسى كەپتۇ، تازنى تاز دېسە ئۆلگىسى كەپتۇ دېگەندەك چېچىمنى يۇلۇۋەتمىسۇن ئەمدى….. :mrgreen:
      قىزلارنى بوش كۆرمەڭ جۇمۇ ئەنقەرجان :cool: ۋەتتتت چاقچاق…

  9. ئەنقەر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئوخشىمامسىز، ماقۇل-تەمسىل دېگەننى دەپ قويدىكەنسىز ئون كىشلىك. :arrow: ، بىر ئوبدان چىرايلىق قىزنى تاز دەپ، ھېلى باكا ئاچچىقىم گەپ قالدۇ جۇما : :grin: ~~~

    • نەفىسە :

      ئەدەبىيات ئوقۇمىساقمۇ دەپ قويىمىزغۇ بۇنچىلىكنى…. ئاچچىقىڭىز يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن ئاستا كەشىمنى توغۇرلاي جۇما….. :mrgreen:

    • ئەنقەر :

      ئۆزىنى بىلگەن مېنىڭ ئالدىمغا باماپتۇ

    • نەفىسە :

      شۇ، ئۆزىنى سورىغان شە سوراپتۇ، دەپ شە سورىغىلى كەتتۇق… :lol:

  10. ئايقىز : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاھ! ۋاھ.. :mad: پاراڭلا قىزىپ كېتىپتىغۇ…..

    • نەفىسە :

      ساقلار ساراڭلارنىڭ پارىڭى بىلەن تازا ئارىلىشىپ كېتەلمەپتۇ-دە :neutral:

  11. سادا : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نەفىسە ئەدەبىيات فاكولتىتىنىڭ ماقال-تەمسىل كەسپىدە مەخسۇس ئوقۇغان ئەنقەر ئەپەندى سىلە رىقابەتلىشىپ بۇلالمايسىلە :mrgreen:

    • نەفىسە :

      سادانىڭ ماختىغىنىغا مىڭ مەرتىۋە تەسەننا!!!! :mrgreen:

  12. ئابدۇرېشىت ئېلى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەقىللىق قىزكەن، يىگىت ساختىسىنى پەرقلەندۈرەلمىگەن بىلەن قىز پەرقلەندۈرۈپتۇ. بىزدە بۇنداق قىزلاردىن قانچىسى چىقار؟…

  13. نۆل ۋە بىر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇرۇن دىھقەت قىلماپتىكەنمەن…داڭلىق iphoneسەۋدايىسى‹تەدبىركار› iphoneدىگەن خەتنى iphonدەپ خاتا يىزىپ كويۇپتىكەن ئەمەسمۇ؟!…ھەي…

  14. ئىلچىن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    توۋا مۇنداقمۇ ئىشلار بۇلىدىكەن ھە… قىزلار نىمە بولۇپ كىتىپ بارىدۇ، زادى قىز بالىغا تىلفۇن تۇتقۇزمايدىكەن ئىشكەن…بولسا كىچىك چېغىدىلا ئەرگە بىرىۋەتسە قىزلارنى….

  15. بىغەم : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بلوگ ئىگىسىنىڭ تىلفۇنى ئايفون ياكى ئايفوننى بەك ياخشى كۆرسە كىرەك. شۇڭا ئايفون توغرىسدا ئۇچۇرلار كۆپكەن. مىنىڭچە ئايفوننىڭ ئۇنچە ماختىغۇچىلىكىمۇ يوق.

    • 1+1 :

      ئۇنداقتا، سىز دەپ بېقىڭ قايسى تېلفون iphone نىڭ ئالدىغا ئۆتەلەيدۇ؟ (سۈرئەت،ئىقتىدار…قاتارلىق جەھەتلەردە.)

  16. كەم سۆز : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇ قىز نىمىشقا htc غا ئامراق بوپ قاممىغاندۇ ،،يىگىت ئىزدىسىمۇ تاپالماس بولغىيتى htc نىڭ ساختىسنى ،،،

  17. ئىلتىرىش : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كىلەر قېتىم تىلفۇننى ئانچە ياخشى بىلمەيدىغان قىزلار بىلەن يۈرسىڭىز بولغۇدەك :mrgreen:

باھا بېتى: 1 2





باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)