ئالاھىدە Super Mario ئويۇنى | مارىيو ئۇستام موگولارغا يېتىشىپ بولالماي قاپتۇ
بۈگۈن يەنە مارىيو ئۇستام بىلەن ئەھۋاللىشىدىغاندەك تۇرىمىز. يېقىندىن بېرى مارىيو ئۇستامنىڭ دېيىشىچە، بەك ئالدىراش بولۇپ كېتىپتۇدەك، موگولارنى ئۈزۈپ، تاشپاقىلارنى دەسسەپ، ئوت ئەجدىھانى يېڭىپ مەلىكىنى قۇتقۇزۇپ بولغىچە ھېرىپ ھالىمدىن كېتىدىكەنمەن، يېشىممۇ بىر يەرگە باردى، مېنىڭ شۇ بارى يوقى بىر قۇر كىيمىم بىلەن قاملاشقان تۇرقۇم بار، ناۋادا 魂斗罗 لاردەك ھەرخىل قوراللار سەپلەپ بېرىلگەن بولسا، بۇنچە جاپا تارتماستىم دەپ قاقشاۋاتقۇدەك، ئەيتاۋۇر مارىيو ئۇستامنىڭ داد-پەريادى كەسىپداشلارنىڭ قۇلىقىغا يەتتى بولغاي، بىر تۈركۈم قەھرىمانلىرىمىز 魂斗罗 ،洛克人 قاتارلىقلار مارىيو ئۇستامغا ھەمدەم بولغىلى كەپتۇ، قېنى ئۇنداقتا بۇ قەھرىمانلىرىمىزنىڭ موگوزارلىقتىكى كارامىتىنى بىر كۆرۈپ باقمامدۇق؟
ئويۇن ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات:
1. ئويۇن بىر ئاز چوڭ، شۇڭا كومپيۇتېرغا تولۇق چۈشۈپ باشلىنىپ بولغۇچە بىر ئاز تەخر قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ جەرياندا ئويۇن تىزىملىكىدىكى New Game ۋە Load Game كۈلرەڭ ھالەتتە تۇرىدۇ. شۇڭا سەۋرچانلىق بىلەن ساقلاپ تۇرسىڭىز ياكى ئويۇننىڭ چۈشەندۈرۈش ئىزاھاتىنى تەپسىلىي كۆرۈپ تۇرسىڭىز بولىدۇ.
2. ئويۇن باشلانغاندىن كېيىن، [A] كۇنۇپكىسى ئارقىلىق تىزىملىك تاللايمىز، يۆنىلىش كۇنۇپكىسى ئارقىلىق ئورۇن يۆتكەيمىز، [Z] كۇنۇپكىسى ئارقىلىق جەزملەشتۈرىمىز ۋە New Game نى بېسىپ ئويۇنغا كىرىمىز
3. ئويۇن پېرسوناژىنى تاللاپ بولغاندىن كېيىن، [Z] كۇنۇپكىسى ئارقىلىق جەزملەشتۈرىمىز.
4. ئويۇندا [Z] كۇنۇپكىسى ئارقىلىق تاقلايمىز، [X] كۇنۇپكىسى ئارقىلىق قورال ئىشلىتىمىز.
5. ئويۇنمۇ تەييار بولۇپ قالدىغۇ دەيمەن، باشلىساق بولدى…
توردا تۇرۇپلا ئويناش:
قوشۇمچە: قېتىشما ئوق بېشى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: Flash، ئويۇن، كلاسسىك
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 1,797 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى
- يازما مەنزىلى: http://www.torhumar.com/mario-crossover.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > دۇنياغا داڭلىق ئالاقە تورى – FaceBook نىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ چىقمامدۇق؟
- كېيىنكى يازما > مەرگەن – ھاياتىنى قارىغا ئېلىش دۇربۇنىغا باغلىغان ئەزىمەتلەر(720P ئېنىقلىقتىكى خاتىرە فىلىم)
- ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى تېما قىلىنغان ئەڭ نادىر مەرگەن ئويۇنلىرىنىڭ بىرى: مەرگەن ئەزىمەتلەر(Sniper Elite V2)
- نەچچە 10 يىل مابەينىدىكى ئوخشاش ئويۇنلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى غايەت زور ئۆزگۈرۈشلەر، قانچىسىنى تونۇيالىدىڭىز؟
- ئەشەددىي رەقىبلەر ئوتتۇرىسىدىكى قانلىق جەڭ تەسۋىرلەنگەن ئويۇن: 异形 VS 铁血战士
- 2012-يىلى بازارغا سېلىنىش ئالدىدا تۇرغان تەۋەككۈل تۈرىدىكى ۋەھشەت ئويۇنلار(V2)
- 2012-يىلى بازارغا سېلىنىش ئالدىدا تۇرغان قوراللىق ئېتىشىش تۈرىدىكى ۋەھشەت ئويۇنلار(V1)
- مارىيونىڭ ئىچكى دۇنياسىنى چۈشىنەمسىز؟ ناۋادا ئۇ مۇشۇنداق غالجىرلاشقان جەڭ ئىلاھىغا ئايلىنىپ قالسا…
- Titanic Super 3D – كىنوخانىدا كىشىگە ھاياجان ئاتا قىلىدىغان 3D نۇسخىدىكى تىتانىك فىلىمى قويۇلىۋېتىپتۇ
- «غەزەپلەنگەن قۇشقاچ: ئالەم بوشلۇقى» iPhone/Android/PC نەشىرى ئېلان قىلىندى
- تور دۇنياسىدىكى ئاشۇ بىر قىسىم ئۆزگىچە تاڭسۇق پاراڭلار
- «غەزەپلەنگەن قۇشقاچ» ئويۇنىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ئوينايدىغان يېڭىچە نۇسخىسى چىقماقچى!

ھاھاھا دىۋان دىۋان !!!! مارىيۇ !!
ئويناپ كەتتۇق ئەمىسە…
قاچان چۈشۈپ بولار؟
ئوخخىىىىىىو ھەي نىمانداق مىڭىپ بولالمايدۇ ماۋۇ پەتەك ياپۇن پاكىرى مارىيو ئۇستام
رەسكەن رامبو
چىقمايدىغۈ
قېنى ئۇ
بىر ئاز ساقلىسىڭىز چىقىدۇ.
قىلمايدىغان قىلىقى يوق كىشىلەردە بۇ