«مەكس ۋە سېھىرلىك قەلەم» – ئىنتايىن قالتىس لايىھەلەنگەن چەتئەلچە ماي قەلەم ئويۇنى!
«مەكس ۋە سېھىرلىك قەلەم» بولسا بىر خىل فىزىكىلىق ئېلىمېنتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 2D ئۆلچەمدىكى ئۆتكەل ئاتلاپ ئوينايدىغان ئويۇن، ئوينىغۇچىلار ئادەتتە ئويۇندىكى باش پېرسوناژ مەكس ۋە ئۇنىڭ سېھىرلىك قەلىمىنى كونترول قىلىدۇ. سىز بۇ سېھىرلىك قەلەم بىلەن مەكس يولۇققان ھەر خىل قىيىن ھالقىلاردا ئۇنىڭغا لازىملىق مەنزىرىنى سىزىپ بېرىسىز، بۇ ئارقىلىق مەكسنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ھەمدەم بولىسىز، ھەر بىر ئۆتكەلدە بىر نەچچە خىل ئىگىلەش قىيىن بولغان يوشۇرۇن ئامىللار يوشۇرۇنغان بولىدۇ، ئادەمنىڭ ئوينىغانسىرى ئوينىغىسىنى كەلتۈرىدىغان ئويۇننىڭ بىرى.
تۆۋەندىكىسى ئويۇننىڭ دەسلەپكى مەيدان كۆرۈنۈشلىرى:
دىققەت: بۇ ئويۇننىڭ قاچىلاش ھۆججىتىگە IE تەڭشىكىنى مەجبۇرى ئۆزگەرتىۋېدىغان لۈكچەك ئۇسۇللار قوشۇۋېتىلگەن، بىراق تېخنىكىسى ئانچە يۇقىرى ئەمەس، تۆۋەندىكىسى قاچىلاش ئۇسۇلى:
1. ئاستىدىكى چۈشۈرۈش ئورنىدىن ھۆججەتنى چۈشۈرگەندىن كېيىن پرىستىن يېشىڭ.
2. ئىچىدىكى #7za# ۋە setup.bat ھۆججىتىنى ئۆچۈرىۋېتىمىز، ئىككىلەنمەي ئۆچۈرىۋېرىڭ، ئالدىنقىسىنىڭ ھېچقانداق رولى يوق، كېيىنكىسىنىڭ بولسا بىۋاستە زىيىنى بار، ئىجرا قىلىشتىن ساقلىنىڭ!
3. #RAS# ھۆججىتىنىڭ كېڭەيتىلگەن نامىنى قولدا data.7z غا ئۆزگەرتىڭ، ھۆججەتنىڭ كېڭەيتىلگەن نامىغا دىققەت قىلىڭ، 7z بولسا 7Zip پرىسلاش قورالىدا پرىسلانغان كۆڭۈلدىكى ھۆججەت كېڭەيتىلگەن نامى بولۇپ، Winrar مۇ يېشەلەيدۇ.
4. data.7z ھۆججىتىنى پرىستېن يېشىڭ.
5. ئىجرا بولىدىغان ھۆججەتتىن MAX.exe ۋە MAX_data ناملىق ھۆججەت قىسقۇچنى ساقلاپ قېلىپ قالغان بارلىق ھۆججەتنى ئۆچۈرىۋېتىڭ، ھەممىسى ئەخلەت!
6. MAX.EXE ھۆججىتىنى ئىجرا قىلىپ ئويۇننى باشلاپ كەتسىڭىز بولىدۇ.
تەۋسىيە دەرىجىلىك يەنە بىر ئېسىل ئويۇن: «ماشىنىلاشقان ئېزىتقۇ شەھىرى»
«مەكس ۋە سېھىرلىك قەلەم» نى چۈشۈرۈش (چاقماقتا چۈشۈرۈڭ) | مەنبەسى: torhumar.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئويۇن
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 1,208 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 07-ئاينىڭ 16-كۈنى
- يازما مەنزىلى: http://www.torhumar.com/max-and-the-magic-marker.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > بىر قەدەر نەپس ياسالغان ئىنتايىن ئوماق ئايكون توپلىمى – Cute Blogging Icon Set
- كېيىنكى يازما > T-Shirt جېڭى – ئىجادىيلىقى ئاجايىپ يۇقىرى بولغان كىرىشتۈرمە سىن
- ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى تېما قىلىنغان ئەڭ نادىر مەرگەن ئويۇنلىرىنىڭ بىرى: مەرگەن ئەزىمەتلەر(Sniper Elite V2)
- نەچچە 10 يىل مابەينىدىكى ئوخشاش ئويۇنلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى غايەت زور ئۆزگۈرۈشلەر، قانچىسىنى تونۇيالىدىڭىز؟
- ئەشەددىي رەقىبلەر ئوتتۇرىسىدىكى قانلىق جەڭ تەسۋىرلەنگەن ئويۇن: 异形 VS 铁血战士
- 2012-يىلى بازارغا سېلىنىش ئالدىدا تۇرغان تەۋەككۈل تۈرىدىكى ۋەھشەت ئويۇنلار(V2)
- 2012-يىلى بازارغا سېلىنىش ئالدىدا تۇرغان قوراللىق ئېتىشىش تۈرىدىكى ۋەھشەت ئويۇنلار(V1)
- مارىيونىڭ ئىچكى دۇنياسىنى چۈشىنەمسىز؟ ناۋادا ئۇ مۇشۇنداق غالجىرلاشقان جەڭ ئىلاھىغا ئايلىنىپ قالسا…
- «غەزەپلەنگەن قۇشقاچ: ئالەم بوشلۇقى» iPhone/Android/PC نەشىرى ئېلان قىلىندى
- «غەزەپلەنگەن قۇشقاچ» ئويۇنىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ئوينايدىغان يېڭىچە نۇسخىسى چىقماقچى!
- بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق ئۆز ئاۋازى ئارقىلىق ئورۇنلاپ چىققان «غەزەپلەنگەن قۇشقاچ» نىڭ باش مۇزىكىسى
- سىرلىق زۇلمەت تۈسىنى ئالغان ئويۇن – Alan Wake

پەيزى ئويۇنكەن جۇمۇ، زادى بىر ئويناپ بېقىشقا ئەرزىگۈدەك
بۇرۇن بىرى بولىدىغان بىر ئالمىنى يۆتكەپ ئوينايدىغان شۇنىڭ بىر ۋارىيانتىمۇ نېمە؟
قىنى چۈشۈرۈپ كۆرەي .
لېكىن بۇ ئويۇن پەيزىكەن
خېلى پەيزىكەن جۇمۇ ! رەھمەت تەدبىركار ئەپەندى