ئەگەر 25 يىل بۇرۇن Microsoft نىڭ پايچېكىنى سېتىۋالغان بولسىڭىز، ئۇ ھالدا بۈگۈنكى كۈندە…
1986-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى قۇرۇلغىنىغا ئەمدىلا 10 يىلدىن ئاشقان مىكروسوفت شىركىتى رەسمىي ھالدا پاي چېكىنى بازارغا سېلىپ، 61 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ توپلىدى. شۇ ۋاقىتتا 30 ياشقا كىرگەن بىل.گېيتىس ئۆزىنىڭ پېيىغا تايىنىپلا، بۈگۈنكى كۈندىكى كاتتا بايغا ئايلاندى…
ئالدىنقى ھەپتىنىڭ يەكشەنبە كۈنى، يەنى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى مىكروسوفت پايچېكىنى بازارغا سالغىنىغا دەل 25 يىل بولىدۇ. ئەگەر سىز 25 يىل بۇرۇنقى ئالدىن كۆرەر، بازار ۋە ئېھتىياجىنى توغرا مۆلچەرلىيەلەيدىغان، شىركەتلەرنىڭ مالىيە دوكلاتىغا ئاساسەن ئۆزگىچە يەكۈنلەرنى چىقىرالايدىغان كىشى بولۇپ، مىكروسوفتنىڭ باھاسى 21 دوللارلىق پاي چېكىدىن 100 دانىنى سېتىۋالغان بولسىڭىز، بۈگۈنكى كۈندە قانچىلىك پۇلنىڭ ئىگىسىگە ئايلىندىغانلىقىڭىزنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز؟
ئۇنداقتا، بىز بىرلىكتە ھېسابلاپ باقايلى، مىكروسوفتنىڭ 21 دوللارلىق 100 دانە ياپچېكىنىڭ باھاسى 2100 ئامېرىكا دوللىرى بولىدۇ. ئۆتكەن 25 يىلدا مىكروسوفت پايچېكلىرىنى توققۇز قېتىم بۆلدى، ئۇنداقتا ئەينى ۋاقىتتىكى 100 دانە پايچېكى بۈگۈنكى 28 مىڭ 800 دانە پايچېكىگە تەڭ بولىدۇ. بۇنىڭ قانچە پۇل بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ بۇ 750 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولىدۇ.
1999-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى مىكروسوفتنىڭ پاي باھاسى 58.38 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئەگەر ئۇ سىز مىكروسوفتنىڭ پايچېكىگە ئايلانغان بولسىڭىز، 1 مىليون 400 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئىگىسىگە ئايلانغان بولاتتىڭىز!!!
قانداق؟ مەبلەغ سېلىشنىڭ سىزگە بەرگەن دوكلاتى قانداقراقكەن؟ مانا بۇ پۇرسەت دېيىلىدۇ، پۇرسەتپەرەسلەر ئۈچۈن بۇنداق پۇرسەتنىڭ بار ئىكەنلىكى 25 يىلدىن، ھەتتا 50 يىلدىن كېيىن مەلۇم بولىدۇ، بەلكىم بىر ئۆمۈر ئۇلار بۇنداق نەرسىنىڭ دۇنيادا مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە گۇمانىي قارىشى، ھەتتا ئىشەنمەسلىكى مۇمكىن. ئۇلار پەقەت كۆرگىلى، تۇتقىلى، يېگىلى بولىدىغان نەرسىلەرگە پاي قوشۇش ناھايىتى ئىشەنچلىك دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئەتىدىن كەچكىچە پالاقلاپ يۈرۈپ، باشقىلارنىڭ يۈگۈر-يېتىم ئىشلىرىدىن باشقىغا يارىمايدۇ، ئۇلار شىركەتلەرنىڭ مالىيە دوكلاتلىرىنى كۆرۈپ بىر نەرسىنى چۈشىنىش تۈگۈل، يەنىلا ئۆزىنىڭ بىر تال موخوركىسىنى چېكىپ، ئاسان پۇل تېپىشنىڭ يوللىرىنى ئويلايدۇ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: مىكروسوفت، پايچەك، پۇرسەت، پۇل
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 2,285 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 03-ئاينىڭ 14-كۈنى
- يازما مەنزىلى: http://www.torhumar.com/microsoft-stock.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئېغىر تەم! «نېرۋىنى غىدىقلاش مۇزىكىسى» ئاڭلىغانمۇ؟ بەرداشلىق بېرىش كۈچىڭىزنى سىناپ بېقىڭ!!!
- كېيىنكى يازما > روسىيە 2012-يىلى ئۈچۈن ئاللىقاچان ئالىي دەرىجىلىك «لەيلىمە كېمە» ياساشنى باشلىۋېتىپتۇ!!!
- Windows Phone ھەققىدە بىلمەيدىغانلار دىققەت: Windows 8 بىلەن Windows Phone نى چۈشىنىڭ
- خېنەندىكى بىر ئاممىۋى ئاپتوبۇس شىركىتى ئۇدا 12 يىلدىن بېرى بىر سوملۇق پۇل بىلەن ئىش ھەققى تارقىتىۋېتىپتۇ
- IE نىڭ يېڭى ئېلانى: ئاشۇ يىللاردىكى بىز كەمسىتكەن تور كۆرگۈ…
- ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان سومالى دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىن بىر قىسىم كەسمىلەر
- 腾讯 شىركىتىنىڭ CEO سى 马化腾 نىڭ 50 مىليونلۇق ھەشىمەتلىك داچىسىنىڭ سىرى!
- [سان-سىفىر گرافىگى] سىز كۆرۈۋاتقان Apple شىركىتى زادى قانچىلىك قالتىس؟
- ئاڭلاشلارغا قارىغاندا %90 كىشى ئۆزىنىڭ قانچىلىك باج تۆلەيدىغىنىنىمۇ بىلمەيدىكەن، سىز بىلەمسىز؟!
- كۆمۈلگەن مەخپىيەتلىك: Windows 95 نىڭ قوزغىلىش مۇزىكىسى ئەسلىدە Mac كومپيۇتېرىدا ئىشلىنىپتىكەن!!!
- مىكروسوفت FireFox نىڭ يېڭى نەشىرىگە نىسبەتەن ئەمدى قايتا تەبرىك تورتى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى جاكارلاپتۇ
- مىكروسوفتنىڭ تاقىتى تاق بولدى! IE6 يىل بېشىدىن باشلاپ مەجبۇرى ھالدا ئاپتوماتىك يېڭى نەشىرگە كۆتۈرۈلمەكچى!


مانا 2- قىتىم تۆدەر ئولتۇرۇش نىسىپ بولۇپتۇ، مۇمكىن بولسا مۇشۇ پاي چىكى توغرىسىدا تەپسىلىرەي توختالسىڭىز بوپتىكەن، بىزمۇ ئويناپ باقساق
ئوھوي قىنى بۈگۈنكى دىۋان چىلار
ئاللا ھازىر قارىسام يوقتى بۇئىنكاس 2 سىكىنۇت كىيىن قاپتىمەندە ھەي!!!
بۈگۈن سەل تېزراق كەپقالغان چىغىم بار
مەن تور خۇمارغا پاي قوشايمىكى
تورخۇمار پىيىڭلىنى چىقاساڭلار تۇگەيدىكەن پىيىڭلار … مەنمۇ ئالامەن …
بىزنىڭ ئىشخانىدا بىر ئاداش ئوينايتتى بۇ پايچەك دىگەن نىمنى ، ئۇگۇنەي دەپمۇ ئۇگۇنەلىمىدىم دىسە !
قىزىق گەپ 25 يىل بۇرۇن سېتىۋالغان بولساڭلا…… 25 يىل بۇرۇن پايچەك سېتىۋېلىش ئەمەس، بىر ۋېلىسپىت سېتىۋېلىش مۇ چوڭ ئىش تۇرسا، بۇ پايچەك كىمنىڭ چۈشىگە كىرىپ چىقسۇن…… خاتا ئەمەستۇ
خاتا ئەمەس، ھەق سۆز، بىراق ئاشۇنداق بولۇشىنى بىلدىغان ئادەم بولسا قانداقلا قىلسا شۇ پۇلنى تىپىپ سېتىۋىلىشنى ئويلايدۇ ئەمەسمۇ؟
دادام بىلىپ ئالغان بولسا باي بولوپ كىتەتتىكەندە ..(چاخچاق)
ھەي ، مەن 25 يىل بۇرۇن ئانامنىڭ قوسقىدىن چۇشكەن بولسام بۇرۇنراق ئالدىن كۆرەر دۇۋاغانلارغا ئوقۇتۇپ ئېلىپ قويدىكەن مەن ئەمەسما
بۇرۇننىڭلا گىپىنى قىلماي ھازىر سىتىۋالساقمۇ بولىدۇ مەن بىر سىنىڭ مۇنداق گىپىنى ئاڭلىغان ‹‹بىر ئشنى باشلاشقا كىچىككەنلىگىنى بىلگەن چاغ ، شۇ ئىشنى باشلاشنىڭ دەل ۋاقتى ››
…پايچەك ئويناش ئۇنچە ئاددى ئېش ئەمەس سەبىلەر
مىنىڭ كۈزتۈشىمچە ھازىر ئالساڭلار يەنە 25 يىلدىن كىيىن ئوخشاش پايدىغا ئىرشەلەيدىكەنسىلەر،،،سىلەر ئۇ چاغدا بۇ $لارلارنى نەۋرەڭلارغا بۈلۈپ بەرسەڭلار بۇلىدۇ؟
باللا، پايچەكنى نېمە بىلەن ئوينايدۇ؟
پۇل بىلەن !
ماۋزېدوڭ ۋە كاللا بىلەن ؟
1 سوم نى ھازىر مەبلاخ سېلىپ قويسىڭىز 100 يىلدىن كېيىن مىليادىر بولشىڭىزدا گەپ يوق
پايچەكنى ئويناشنىڭ ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرماپتۇ ھېچقايسى ……
ھەممىسى قۇرۇق گەپ سېتىپ ………
سەل ھۆلدەپ ساتامدۇقيا
تورخۇمار بۇ ، پايچەك خۇمار ئەمەس … قانداق كەلدىمۇ باللا