كۆرۈنمە يۈزى ئاجايىپ فەچەت ئاز ئۇچرايدىغان مېدىيا قويغۇچ – Mirro Player
ھازىر مېدىيا قويغۇچلارنىڭ تۈرى خېلىلا كۆپ. توردىن خالىغانچە ئىزدىسەكمۇ كۆمۈلۈپ كەتكۈدەك نەتىجىگە ئېرىشىمىز. ئەمما رەسىمدىكى بۇ كىنو-مۇزىكا قويغۇچنى سىز چوقۇم كۆرۈپ باقمىغانغۇ دەيمەن.
بۇ ئاجايىپ چىرايلىق ۋە كۆركەم لايىھەلەنگەن مۇزىكا قويغۇچ دەل Mirro Player دۇر. ئەمەلىيەتتە، مەزكۇر قويغۇچ ھەقىقەتەن چىرايلىق، بىراق ئىقتىدارى بىر قەدەر ئاددى دېيىشكە بولىدۇ. يەنى Mirro Player كۆپ ئۇچرايدىغان بىر قانچە خىل فورماتتىكى ھۆججەتنىلا قويالايدۇ. ئاپتور ئەسلىدىنمۇ بىر گۈزەل سەنئەت لايىھەلىگۈچى بولغاچقا، قويغۇچنىڭ سىرتقى كۆرۈنىشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەندەك قىلىدۇ. نۆۋەتتە Mirro Player كۆپ خىل ئاۋاز ھۆججىتى فورماتىنى ۋە بىر قىسىم سىن ھۆججەت فورماتىنى قوللايدىغان بولۇپ، ئادەتتىكى ناخشا ئاڭلاش ئېھتىياجىدىن تامامەن چىقالايدۇ. ناۋادا سىز ئادەتتىكى ناخشا ئاڭلاش مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللانسىڭىز ۋە شۇنداقلا سەنئەت تۇيغۇسى كۈچلۈك شەيئىلەرنى ياقتۇرسىڭىز، ئۇنداقتا Mirro Player سىز ئۈچۈن ئىنتايىن ياخشى تاللاش بولالايدۇ!
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
Mirro Player نى چۈشۈرۈش | مەنبە: torhumar.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يۇمشاق دېتاللار]
- ھالقىلىق ســــۆز: سىنقويغۇ، قويغۇچ، ناخشا
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 3,155 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 03-ئاينىڭ 07-كۈنى
- يازما مەنزىلى: http://www.torhumar.com/mirro-player.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > 83-قېتىملىق ئوسكار مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى 720P نۇسخىسى(YYeTs يېزىق تەمىنلىگەن)
- كېيىنكى يازما > بىر مەشغۇلات سېستىمىسى مەستانىسىنىڭ MS-DOS 5.0 تىن پەيدىنپەي Windows 7 گە ئۆرلەش جەريانى
- QQ影音 – ئاددى ۋە قولايلىق ھەممىباب قويغۇچ(توردىن چۈشۈرگەن كىنولارنى كۆرۈشتىكى تەۋسىيەلىك قويغۇچلارنىڭ بىرى)
- بېشىنى ئاڭلاپلا ياقتۇرۇپ قالىدىغان بىر يۈرۈش تاللانغان ناخشا-مۇزىكىلار…
- كونا، ئەمما ئۆلمەس كۈيلەرنىڭ بىرى – تىتانىك ناملىق پاراخوت فىلىمىنىڭ ئاساسى ناخشىسى!
- MP3 نىڭ مۇۋاپىق يېرىگە تاشلاپ قويۇپ ۋاقتى كەلگەندا ئاڭلاپ قويىدىغان بىر يۈرۈش لاتىنچە ناخشىلار
- ماشىنا ھەيدىگەچ كېتىپ بېرىپ ئاڭلايدىغان بىر يۈرۈش تاللانما ناخشىلار…
- مۇزىكا ئۇ بىر خىل پوزىتسىيە! بىر قېتىم ئاڭلىشىڭىزغا ئەرزىيدىغان 20 دانە تاللانغان ئېنگلىزچە ناخشا!
- ئۆزگىچە پۇراقتىكى بىر يۈرۈش لاتىنچە يېنىك ناخشىلار، ياقتۇرىدىغانلار ھامان چىقىشى مۇمكىن…
- رادىيو-تېلىۋېزىيەدە دائىم قويىدىغان 50 دانە تەگمۇزىكا! ئىلگىرى ئىزدەپ يۈرگەن مۇزىكىلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى بار!!
- دوراپ ئېيتىش ماھىرى Alex G ۋە Jeff Hendrick ئېيتقان Adele نىڭ ناخشىسى Someone Like You
- IDM – ئەمدى توردىكى ناخشا-مۇزىكا MTV كىنولارنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن قىينىلىپ يۈرمەيسىز!

ۋىىندوۋىس 7 گە ماس كېلدىكەن.
باشقا خىل تىرىسى يوقمىدۇ ؟؟
ھەجەپ چىرايلىقكىنا …
بىژ كۆرەي قەنە. قايداراقكىن
ھەقىقەتەن كۆركەم تۇيۇلدى،قېنى ئاۋۋال بىر چۈشۈرۈپ كۆرەي…
مەنمۇ بەك ياقتۇرۇپ قالدىم …. راستىنلا چىرايلىقكەن …. رەھمەت ھە……
ۋوجججججججون ! ھەقىقەتەن فەچەتكەن جۇمۇ !
بۇ دىتالغۇ راست ياخشى ئىكەن، لىكىن «فەچەت» دىمەي «پەچەت» دەپ سۈپەتلىسەك توغرا بولاتتى.
مەن چۈشۈرۈپ قاچىلىۋالدىم ، ھەقىقەتەن چىرايلىقكەن
، مەن بىلوگىڭىزدىن كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم ، ھەم ئۆزۇممۇ بىر بىلوگ قۇرماقچى بولىۋاتىمەن
، كۆپرەك ياردەم قىلارسىز ، رەخمەت !~~
گۈزەل ،،،،،تارتىنماي گۈزەللىكتىن ھوزۇر ئالدۇققۇ ،،،،
مەن قاچىلىدىم لىكىن ناخشىلىرىمنى تۇنۇمىدى قانداق قىلمەن
نۆۋەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان بىر قانچە خىل فورماتتىكى ھۆججەتلەرنى قويالايدۇ، ناۋادا مەخسۇس ناخشا ئاڭلاش ئۈچۈن ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا تېخىمۇ كەسپىي يۇمشاق دېتاللارغا مۇراجىئەت قىلغىنىڭىز ياخشىراق.
فورماتتىكى ھۆججەتلەر دىگەن نىمە؟
مەسىلەن mp3,wma دېگەندەك، خاسلىقى مۇشۇ شەكىلدە بولغان ھۆججەتلەرنى (ئۈن ھۆججىتى) دېمەكچى