كۇنۇپكا تاختىسىدىكى ئەڭ كۆپ بېسىلىدىغان كۇنۇپكا ۋە پروگرامما لايىھەلەش تىلى
پروگرامما لايىھەلىگۈچىلەر ئەڭ كۆپ قىلىدىغان ئىش- دەل كۇنۇپكا تاختىسى بىلەن ھەپىلىشىش بولسا كېرەك؟ چۈنكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ساندىكى يۇمشاق دېتاللار ئاساسەن كۇنۇپكا تاختىسى ئۈستىدە توختىماستىن بېسىلغان كودلارنىڭ يۇغۇرىلىشىدىن بارلىققا كېلىدۇ. ئادەتتىكى بىر يۇمشاق دېتالنىڭ پۈتۈپ چىقىشى ئۈچۈن، بىر پروگراممېر كۇنۇپكا تاختىسى ئۈستىدە قانچىلىك دەرىجىدە پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ؟ بۇنى تۆۋەندىكى قىزىقارلىق سىتاتسىكا ئارقىلىق كۆرۈپ باقايلى.
مەن نۇرغۇن پروگرامما تىللىرى بىلەن ھەپىلىشىپ باققان؛ مېنىڭ دائىم ئەجەپلىنىدىغىنىم، بۇ ئوخشىمىغان گرامماتىكىدىكى پروگرامما تىللىرى بىلەن پروگرامما تۈزۈش جەريانىدا، زادى قانچىلىك دەرىجىدە پەرق باردۇ دېگەن مەسىلە. ئوخشىمايدىغان يېڭى بىر خىل گرامماتىكا سىزنىڭ پروگراممىدىكى ئىپادىلەش قابىلىيىتىڭىز ۋە كود يېزىش سۈرئىتىڭىزنى تېخىمۇ تېزلەشتۈرۈپ بېرەلەمدۇ؟ بۇ توغرىسىدا مەن تۈزۈك بىلمەيمەن، مېنىڭ بىلىدىغىنىم پەقەت، ئوخشىمىغان پروگرامما تىللىرى بىلەن پروگرامما تۈزگەندە زادى قايسى كۇنۇپكىنى باسقانلىقىملا خالاس. بۇ بەلكىم ئاشۇ قايسى خىل پروگرامما تىلىنى تاللاشنى بىلەلمەيۋاتقان يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن قىزىقارلىق بىر مەسىلە بولۇشى مۇمكىن. مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، كۇنۇپكىلارنىڭ ئىشلىتىلىش تەقسىماتى قانچە كەڭرى بولغان پروگرامما تىلى ئادەتتە لايىھەلەش شۇنچە جاپالىق بىر پروگرامما تىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
سىز بەلكىم، پروگراممىدا ئىزاھلىغان ئۆزگەرگۈچى مىقدارلارنىڭ ئىزاھلاش قائىدىسىمۇ بۇ ستاتسىكىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قارىشىڭىز مۇمكى. ئەمما، كۆپ قىسىم پروگرامما تىللىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىزاھلاش ئادىتى بولىدۇ، بىز بۇ يەردە بۇ ئۆزگەرگۈچى مىقدارلارنىڭ ئىزاھلىنىشىنى نورمال دەپ قارايلى. ئەمما، تۆۋەندىكى قىززىق نۇقتا رەسىمىدە، بەزى كۇنۇپكىلار نەزەردىن ساقىت قىلىنغان، مەسىلەن Shift ۋە Caps كۇنۇپكىلىرى.
JavaScript
Shell
Java
C
++C
Ruby
Python
PHP
Perl
ObjC
Lisp
بۇ ئۈنۈملەرنى ھاسىل قىلغىنى بولسا heatmap.js سكرىپىت ھۆججىتى.
تورداش دىلخۇش0994 نىڭ تەمىنلىگەن ئەسىرىگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت! ئەسلى مەنبە: cnBeta
- يازمىنىڭ ئـورنى: [پروگرامما تۈزەش]
- ھالقىلىق ســــۆز: كود، پروگرامما تۈزەش، پروگراممېر
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 1,080 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 09-ئاينىڭ 26-كۈنى
- يازما مەنزىلى: http://www.torhumar.com/most-pressed-keys-and-programming-syntaxes.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ھەپتىدە بىر MV دىن ھوزۇرلىنىش: روسىيەلىك داڭلىق سەنئەتكار ئىگور كولدنىڭ نادىر ئەسىرى – neyanbhbin
- كېيىنكى يازما > تاللانغان 20 يۈرۈش نەپس لايىھەلەنگەن تور بېكەت لايىھەلەشتە ئىشلىتىشكە ماس كېلىدىغان ئايكون توپلىمى
- ھەيران قالىسىز!! دەرىجىدىن تاشقىرى كود ماھىرلىرى يېزىپ چىققان 64KB لىق سىغىمدىكى ئالاھىدە 3D كۆرۈنۈشلەر!!!
- پروگراممېرلارنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە – پروگراممېر دېگەن نېمە ئىش قىلىدىغان ئادەم؟
- IT خادىملىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى يەتتە مەخپىيەت! بىر پروگراممېرنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى تەجرىبىلىرى…
- قايسى خىل پروگرامما تىلىنىڭ پروگراممېرىنىڭ ئەڭ جىق سەت گەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
- Windows Phone 7 سۇپىسىدا ئويۇن تۈزۈپ پۇل تاپىدىغان 13 ياشلىق بالا پروگراممېر Johnny
- بلوگدىن يازما كۆچۈرۈلگەندە ئەسلى مەنبە ئۇچۇرلىرى ئاپتوماتىك كۆچۈرۈلۈش ئىقتىدارى
- Visual Studio 2010 نىڭ MSDN ئەسلى نەشىرى(پروگرامما تۈزەشتىكى ياخشى مۇھىت)












مەن ئەڭ كۆپ باسىدىغىنىم بوشلۇق ئوخشايدۇ، قارىسام ئاقىرىپ كېتەي دەپتۇ
مىنىڭ كونۇپكا تاختامدا A W N C كۇنۇپكىلا ئۆچۈپ كىتەي دەپ قاپتۇ..N ئاللاقاچان ئىزدىرەكسىز ئۆچۈپ كىتىپتۇ
قارىغاندا مەن كۇنۇپكا تاختىسىنى بەك ئىشلەتمەيدىغان ئوخشايمەن !!!!!!!!!!
Q كىرگۈزۈلمەپتۇ، قارىغاندا ئۇلار request نى ئىشلەتمەيلا پروگرامما يازىدىغان ئوخشىمامدۇ؟!
Eنىڭ رولىغا سەل قارىمىساق بولغۇدەكمۇ نىمە ؟
A،S،D،W لىرى ئويۇن ئوينىغاندا ئەڭ كۆپ ئىشلەيدىغۇ دەيمەن
يەنە بىر كۆچۈرمە تېما، ئېسىمدە قىلىشچە تېلىفوندا بۇيازمامنى سىزگە كۆچۈرۈشكە رۇخسەت قىلمىغانتىمغۇ دەيمەن؟
مەن nwasd لارنى ھەم سىتىرىلكىنى كۆپ ئىشلىتىدىكەنمەن.
مائۇسنىڭ كونۇپكىللىرىچۇ؟…كەسىپ ئىگىسىگە نىسپەتەن ئېلىپ ئىيىتقاندا،مائۇسنىڭ .ئاساسەن يوق …
ئاساسەن رولى يوق دىمەكچىدىم…مائۇس يامانلاپ باھايىمنى يوللىۋەتتى.
دېمەك پروگراممىنىڭ تولاراقى Mac تە لايىھەلىنىدىكەندە؟