نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > يۇمشاق دېتاللار > يازما مەزمۇنى

MP3 ھۆججەتلىرىگە خاس تەگرەسىم بەلگىلەشنى بىلەمسىز؟ MP3 ھۆججەت ئۇچۇرلىرىنى توپ ھالدا ئۆزگەرتىش

MP3 ھۆججەتلىرىگە خاس تەگرەسىم بەلگىلەشنى بىلەمسىز؟ MP3 ھۆججەت ئۇچۇرلىرىنى توپ ھالدا ئۆزگەرتىش

بەزىدە يانفون ياكى MP3، MP4 قويغۇچلىرىدا ناخشا ئاڭلىغىنىمىزدا ياكى كومپيۇتېردىكى Windows Media Player قاتارلىق قويغۇچلاردا MP3، WMA قاتارلىق فورماتتىكى ناخشا ھۆججەتلىرىنى قويغىنىمىزدا، ناخشا قويغۇچنىڭ يۈزىدە رەسىم پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى بايقايمىز، يەنە بەزى ناخشا تور بېكەتلىرىدىن ناخشا چۈشۈرگىنىمىزدە كۆپىنچە بۇ تور بېكەت MP3 ناخشا ئۇچۇرلىرىغا ئۆزىنىڭ تور بېكەت ئادرېسىنى قوشۇپ قويغانلىقىنى بايقايمىز. ئەمەلىيەتتە، MP3 ئۇچۇرلىرىنى توپ ھالدا ئۆزگەرتىش ۋە تەگرەسىم قىستۇرۇش ئارقىلىق مەيلى كومپيۇتېر بولسۇن، ياكى يانفون، MP3، MP4، iPod قاتارلىق ئۈسكۈنىلەردە، ناخشىلارنى ئالبوم بويىچە رەتلەشنى ئاسانلاشتۇرغىلى، توغرا بولغان ناخشا ئۇچۇرلىرى ۋە ئالبوم رەسىملىرى ئارقىلىق، ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئۆزىمىز ئاڭلىماقچى بولغان ناخشىلارنى ئىزدەپ تېپىپ ئاڭلىغىلى بولىدۇ.

Mp3tag دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل يۇمشاق دېتال ئارقىلىق، MP3 ھۆججەتلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى خالىغانچە تەھرىرلەشكە بولىدۇ. Mp3tag ئارقىلىق MP3 ھۆججىتىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىكى 演唱者،专集،年月،流派،注释 قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تەھرىرلەشكە بولۇپلا قالماستىن، يەنە ناخشا ھۆججىتىگە ئالبوم رەسىمى بەلگىلەشكىمۇ بولىدۇ.

Mp3Tag نىڭ ئومۇمى كۆرۈنمە يۈزى

MP3 ھۆججەتلىرىگە خاس تەگرەسىم بەلگىلەشنى بىلەمسىز؟ MP3 ھۆججەت ئۇچۇرلىرىنى توپ ھالدا ئۆزگەرتىش

Mp3Tag پۈتۈنلەي ھەقسىز يۇمشاق دېتال بولۇپ، ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكىنىڭ بىرى، MP3 فورماتىدىكى ناخشىلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى توپ ھالدا ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ. Mp3Tag بىر خىل كۆپ تىللىق ھەقسىز يۇمشاق دېتال بولۇپ، نۆۋەتتە تېخى ئۇيغۇرچە تىل بولىقى يوق، ناۋادا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشنى خالايدىغان تورداشلار بولسا، Mp3Tag قاچىلانغان ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىدىكى Lang مۇندەرىجىسىگە كىرىپ، ئۆزىمىزگە تونۇشلۇق بولغان خالىغان بىر تىل بولىقىنى تېپىپ تەھرىرلەپ قوشۇپ قويسا بولىدۇ. ناۋادا تىل بولىقىنى ماڭا ئەۋەتىپ بەرسىڭىز، مەن ۋەكالىتەن ئاپتور بىلەن ئالاقىلىشىپ، كېيىنكى نەشىرىدە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ قوشۇپ تارقىتىلىشىنى قولغا كەلتۈرسەكمۇ بولىدۇ!

ئىشلىتىش ئۇسۇلى

Mp3Tag نى قوزغاتقاندىن كېيىن، سول تەرەپتىكى ئۇچۇر ئۆزگەرتىش ئورۇنلىرىدىن ناخشىلار بار ھۆججەت قىسقۇچنى تاللاپ بەرسەك، ئوڭ تەرەپتە ناخشىلار كۆرۈنىدۇ. ئاندىن ھەممىنى تاللاپ، سول تەرەپتىكى ئورۇندىكى ئۇچۇرلارنى ئۆزگەرتسەكلا كۇپايە. ناخشىغا ئالبوم رەسىمى قوشۇش ئۈچۈن، ئەڭ ئاستىدىكى رەسىم قوشۇش ئورنىدىن مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، رەسىمنى تاللاپ بەرسەكلا بولىدۇ. ئاخىرىدا ئۈستى قىسىمدىكى ساقلاش كۇنۇپكىسىنى باسساقلا بولىدۇ.

ئەسكەرتىش: ناۋادا ئۇچۇرلىرىنى ئۆزگەرتمەكچى بولغان ناخشا نۆۋەتتە قويۇلىۋاتقان بولسا، Mp3Tag ئەسكەرتىش ئۇچۇرى چىقىرىدۇ. بۇ چاغدا ناخشىنى توختىۋەتسەك ياكى داۋاملاشتۇرىمەن دېگەن كۇنۇپكىنى باسساق بولىدۇ.

ھۆججەت تەپسىلاتى

ھۆججەت نامى: Mp3Tag كۆپ تىللىق قاچىلاش ھاجەتسىز نەشىرى
ھۆججەت سىغىمى: 2.07MB
پرېستېن يېشىش پارولى: www.torhumar.com
ئورگان تور بېكىتى: http://www.mp3tag.de

دىققەت: چۈشۈرۈپ قوزغاتقاندىن كېيىن ناۋادا كۆرۈنمە يۈز ئېنگلىزچە كۆرۈنسە، تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە خەنچىگە ئۆزگەرتىپ قويساق بولىدۇ:
Tools→Options→Language→Simpl.Chinese

چۈشۈرۈش مەنزىلى:

Mp3Tag نى چۈشۈرۈش | مەنبە: torhumar.com

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 17 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
  1. ساراڭ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان تالىشىش باشلاندى…

  2. ۋەتەن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    د………….. :cry: ………..ۋا……………………….ن

  3. ۋەتەن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇزاق بوپتىكەن دىۋاندا ئولتۇرمىغىلى ،يىغلاپ تاشلىدىم دېسە!
    بۇنى Windows Media Playerدىمۇ قىلغىلى بولاتتىكەن ،ئەمما ئاۋۇ دېتال توپ بىرتەرەپ قىلسا ھەقىقەتەن بولىدىكەن !

    • ئىنتىزار :

      ئۆزلىرىنى دىۋاندا دەپ ئويلاۋاتاملا …. ۋەتەنجون ! :mrgreen:

  4. ۋەتەن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    :arrow: ئا ساراڭ نەدىن كەلدى ، يازمىغا چاپلىشىپ قالغانمۇ نېمە ئارقا بەتتە ؟!

    • بەگزادە :

      ۋوي چېچىلىپ قاپسىزغۇ؟ بىزمۇ ئۈلگۈرەلمەپتۇق مانا :mrgreen:

  5. ساراڭ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يوللاش كونۇپكىسىغا چاپلىشىپ قاپتىكەنمەن، تەدبىراخۇن بىللە بىسىۋېتىپ قاپتۇ…~~!!!

  6. بايۋەتچە : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئوخخو…ما دېتالنى ئىزدەپ يۈرگەن، نەق ئۈلگۈرىپتىمەندە؟ :cool:

  7. روھچىن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ساراڭ بولغان بىلەن چاپلىشىدىغان يەرنى بىلىدىكەن جۇمۇ ؟ :eek:

  8. سەھرالىق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەممىڭلارغا جىن چاپلىشىپتۇ ھە :mrgreen:

  9. خالىد : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەلەن دىتالكەن … ياخشى دىتالكەن ……. :wink:

  10. بۇغرا : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ دېتال بىلەن ئەمدى ناخشا مۇزىكا تورچىلىرى خەق ئېيتقان ناخشىلارغا ئۇچۇرلىرىنى تىزىۋىتىدىغان بولدى دە! :arrow:

  11. رازۋىتچىك : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سۇيۇپ تاشلايمەن بۇدىتالنى..ئۈچەينى ماچەتكە..دوسۇننى ماچەتكە.. :grin:

  12. ئەلشىر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن win7 تىدە قاچىلاپ سىناپ باقتىم، تەرجىمە قىلىشنى، يىگىرمە-ئوتتۇز قۇرچە تەرجىمە قىلىپ بولغاندىن كېيىن (تۈرۈكچە ھۆججىتىنى تاللىغان) سىناپ باقاي دىسەم قايتا قوزغالغاندا تىل ھۆججىتىڭىزدە خاتالىق بار دەپ چىقىۋالدى. بۇ ئىنىڭ ئۇيغۇر كونا يېزىقىغا بولغان قوللىشىدىن چىققانمۇ قانداق. win7 تەمىنلىگەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى ئىشلەتكەن.

  13. ئەركە : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ ئىزدەپ يۈرەتتىم بۇ دېتالنى… لېكىن ناخشىنىڭ ئەسلى مەنبەسىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئىشلىتىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن….

  14. جەزفانك : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مېنىڭچە ئايتۇننىڭ بۇ ئىقتىدارى خېلى بولۇپ قويىدۇ. بۇ دېتالدا ئۆزىمىز تېپىپ بەرگەننىلام قىلامدىكەن يا توردىن تېپىش ئىقتىدارى بارمىكەن.
    مەن ئايتۇنغا ئادەتلەنگەن. توردىن ئۆزى تېپىپ بېرىدۇ ،ئەمما بايقىشىمچە پ سى دا ئالبۇم مۇقاۋىسى چۈشىدىكەن ئەمما ئايغونلارغا كۆچۈرگەندىن كېيىن بەزى مۇقاۋىلاردىن چاتاق چىقىدىكەن.

  15. تۇرۇك : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بولدىكەن بۇ دىتال






باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)