نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > windows > يازما مەزمۇنى

مىكروسوفت Windows نىڭ ئاپتوماتىك قوزغىتىش(AutoRun) ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي چەكلىۋەتتى…

مىكروسوفت Windows نىڭ بارماقدېكىسىنى ئاپتوماتىك قوزغىتىش(AutoRun) ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي چەكلىۋەتتى...

10 نەچچە يىللىق ئارىسالدى بولۇش نەتىجىسىدە، مىكروسوفت بۈگۈن ئاخىرى Windows نىڭ بارلىق نەشىرىدىكى AutoRun(ئاپتوماتىك قوزغىلىش) ئىقتىدارىنى چەكلىۋەتكەنلىگىنى ئېلان قىلدى. AutoRun بولسا، Windows سېستىمىسىغا قولايلىق ئەپ كېلىدىغان، ئىشلەتكۈچىلەر USB لىق ئۈسكۈنە ياكى ياكى CD دېسكىسى قاتارلىق تاشقى ئېلىمېنتلارنى كومپيۇتېرغا ئۇلىغاندا، سېستىما ئاپتوماتىك ھالدا غول مۇندەرىجىدىكى Autorun.inf ھۆججىتىنى ئوقۇش ئارقىلىق بەلگىلەنگەن پروگراممىنى ئىجرا قىلىدىغان بىر ئىقتىدار ئىدى…

ئەمما كېيىن ئابونتلار شۇنى بايقىدىكى، بۇ خىل قولايلىق، بەزىبىر لۈكچەك يۇمشاق دېتال ۋە ۋىرۇسلار ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت تەمىنلەپ بەرگەنىدى(بىز دائىم يولۇقۇپ تۇرىدىغان بارماقدېسكا ۋىرۇسلىرى مۇشۇ ئۇسۇلدا تارقىلىدۇ)، شۇڭا مىكروسوفت كېيىن Autorun غا قارىتا بىر قەدەر نازارەتنى كۈچەيتكەن ۋە ئابونتلار ئۈچۈن، Windows نىڭ تىزىملاش جەدۋېلىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق بۇ ئىقتىدارنى چەكلەش شارائىتى تەمىنلىگەن ئىدى.

نەچچە يىللاردىن بېرى، Windows تىكى بۇ AutoRun(ئاپتوماتىك قوزغىتىش) ئىقتىدارى ئاساسەن يامان نىيەتلىك پروگراممىلار تەرىپىدىن ئىشلىتىپ كېلىندى، شۇڭا بۈگۈن ئېلان قىلىنغان بىر قېتىملىق «مۇھىم بىخەتەرلىك ياماقلىرى» ئارقىلىق، مىكروسوفت Windows نىڭ ھەر قايسى نەشىرلىرىدىكى AutoRun ئىقتىدارىنى تەلتۆكۈس چەكلىۋەتتى. بەلكىم بۇ بىر قىسىم بارماقدېسكىدىن يۇقىدىغان ۋىرۇسلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بەلگىلىك رول ئوينىيالىشى مۇمكىن.

بۇ ياماق تېخى يامالمىغان سېستىمىلار: ئوغرى نەشىرىدىكى ئاپتوماتىك يېڭىلاش ئىقتىدارى ئېتىۋېتىلگەن XP، Vista ۋە Windows 7. ناۋادا كومپيۇتېرغا 360 قاراۋۇلىغا ئوخشاش قوراللار ئورنىتىلغان بولسا، سېستىما ياماقلىرىنى ئاپتوماتىك يامىشى مۇمكىن. ناۋادا بۇمۇ قاچىلانمىغان كومپيۇتېر بولسا، ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىزنىڭ ۋە كومپيۇتېرىڭىزنىڭ سالامەتلىگى ئۈچۈن، ھەقىقىي نەشىردىكى Windows سېستىمىسى ئىشلىتىڭ ياكى ياماقلارنى ۋاقتىدا ياماپ تۇرۇڭ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 12 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
  1. سەھرالىق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۈگۈن بىر دوستۇم قوزغاتقۇچ ياسايمەن دەپ يان دېسكىسىنى رايونغا ئايرىۋىتىپ قاپتۇ :mrgreen:

  2. نۇرلۇق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەتىگەن كومپىيوتېرنى قوزغاتسام بىرمۇنچە ھۆججەتنى يېڭىلىغىلى تۇرغان ئەسلى مۇشۇكەندە :cool:

  3. جەۋلان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇمۇ بىرھېسابتا بولىدىغان ئىش، AutoRun ئارقىلىق يۇقىدىغان ۋىروسلارنىڭ دەردىنى تارتقان دوستلىرىم تولا تېلفۇن قىلىپ قۇلاق مىڭەمنى يەپ كەتكەن ئىدى.

  4. ۋەتەن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ياخشى قارار بوپتۇ :wink:

  5. ياۋايى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    360 قاچىلاغلىق مەندە …ئۆزىى ياما ئەمدە ئۇنى … 360 ھەقىقەتەن ياخشى دىسە .. :idea:

  6. قازانچى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەقىقىي نەشىردىكى Windows سېستىمىسى ھەممىلا ئادەم سېتىۋالامايدۇ دە، بىلمەيدىغىنى بازاردىن 5يۈەنلىك دېسكىنى سېتىۋالدۇ، بىلدىغىنى توردىن چۈشۈرۈپلا دېسكىغا ئويۇۋالدۇ شۇ.

  7. كارو : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    5 يۇەنلىك شۇ دېسكا جۇڭگودا ۋاشاڭ.

  8. روھچىن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن بۇ ئىقتىداردىن رازى ئىدىم . ھازىرغە قەدەر AutoRunۋىروسىنىڭ زىينىغىمۇ ئۇچۇراپ باقمىدىم :shock:

  9. شاھيار : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھە ، تۇرۇپ تۇرۇپ مىنىڭ رۇي سىڭىممۇ رىمۇنۇت قىلامسىز دەپ چىقۋالدۇ :idea:

  10. كارو : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قىزىق ئىش، xp دا ئۇزۇن بولدى ئاپتۇماتىك يېڭىلامسىز دەپ ئۇچۇر كەلمىگىلى.

  11. ئىنتىزار : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇمۇ بىر چوڭ ئىسلاھات بۇپتۇدە ! ۋىرۇسچىلارمۇ ئۇسۇللىرىنى يېڭىلايدىغان بولدىدە ئەمدى … :mrgreen:

  12. Rosa : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەقىقىي نەشىردىكى Windows سېستىمىسى ھەممىلا ئادەم سېتىۋالامايدۇ دە، بىلمەيدىغىنى بازاردىن 5يۈەنلىك دېسكىنى سېتىۋالدۇ، بىلدىغىنى توردىن چۈشۈرۈپلا دېسكىغا ئويۇۋالدۇ شۇ.
    +1






باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)